− شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرى «72 خىل ئۆزگىرىپ» بازار ئاچتى
يېقىندا، جىڭ ئالقىتى، چىرا چىلىنى، باغراش لازىسى، قورغاس ئۈستىقۇددۇسىدىن ئىبارەت تۆت مەھسۇلاتنىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈشى ۋە جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتى دەپ بېكىتىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدا جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتى 44كە، جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسى 104كە يېتىپ، شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇلدى.
4- ئاينىڭ 20- كۈنى، 2025- يىللىق مەملىكەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشۋىقات ھەپتىلىكىنىڭ شىنجاڭ شۆبە مەيدانىدىكى باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە رايونى نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىنى جەلپ قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستى «جىڭ ئالقىتى» داڭلىق ماركىسىنى بەرپا قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېرىش، سېتىش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، بىر يۈرۈش پىشقان، مۇكەممەل ئالقات كەسىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇغراپىيەلىك بەلگە ماركىسىنىڭ سودا قىممىتى ۋە تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرۇپ، جىڭ ئالقات كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ياردەم بەردى. بۇ كۆرگەزمە ئورنىنىڭ مەسئۇلى جاڭ ۋېن مۇنداق دېدى: «جىڭ ئالقىتى» جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتى بولۇپ ئېتىراپ قىلىنغاندىن كېيىن، بورتالا ئوبلاستىنىڭ بىردىنبىر جۇغراپىيەلىك بەلگە ئىسپات تاۋار ماركىسى ۋە جۇغراپىيەلىك بەلگىسى قوغدىلىدىغان مەھسۇلاتى بولۇپ قالدى. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، جىڭ ئالقىتى داڭلىق مەھسۇلات تەرەققىياتىدىكى دەسلەپكى بىر داڭلىق ماركا، ئىككى خىل سورتتىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى 23 داڭلىق ماركا، 40 نەچچە خىل ھاسىلىي مەھسۇلاتقا ئايلاندى، داڭلىق مەھسۇلاتنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ئۆستى، مەھسۇلاتنىڭ قوشۇمچە قىممىتىمۇ ئاشتى.
ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا ھەر خىل تەملىك كىچىك ئورالمىلىق ئىت بېلىق توغرامچىسىنى تېتىپ باققۇچىلار ئۇنىڭ تەمىنىڭ ناھايىتى مەززىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
كۆرگەزمە ئورنىنىڭ مەسئۇلى ساۋ دى مۇنداق دېدى: ئالتاي ئىت بېلىقى، چوڭ مېۋىلىك جىغان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتى، بىز بۈگۈن ئون نەچچە خىل مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتنى ئېلىپ كەلدۇق، مەھسۇلات تۈرلىرى ناھايىتى ئىنچىكە ئايرىلغان. ئالتاي چوڭ مېۋىلىك جىغانلىرى چۈچۈمەل تەمى ۋە مول ئوزۇقلۇق قىممىتى، ئىت بېلىقىمۇ گۆشىنىڭ يۇمشاقلىقى بىلەن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بۇ يەرلىك مەھسۇلاتلارنى تېتىتىش ئۈچۈن، نۇرغۇن شىركەتلەر مەھسۇلاتنىڭ تەمى، شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھازىرقى ئىستېمال قىزىقىشىغا بىرلەشتۈرۈپ تەمى تېخىمۇ ياخشى، ئورالمىسى تېخىمۇ ئەپچىل بولغان ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇردى.
قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا ئايرىم ئورالغان ئۆرۈك قېقى، ئەنجۈر ئۇيۇتمىسى، پەيزاۋاتنىڭ شىنمېي قېقى قاتارلىق نۇرغۇن مەھسۇلات ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.
كۆرگەزمە ئورنىنىڭ مەسئۇلى چېن بو مۇنداق دېدى: بىز ھازىرقى ئىستېمالچىلارنىڭ ساغلام يېمەك- ئىچمەك يېڭى ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مېۋە قېقى تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى پىششىقلىغاندا، پىششىقلاش ھۈنەر- سەنئىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىمكانقەدەر ئەسلىي تەم ئەسلىي پۇراقنى ساقلاپ قالدۇق، قەشقەر ۋىلايىتىدە ھازىر جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتىدىن يەتتىسى بار، نۆۋەتتە شىنمېيمۇ دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىشتىن ئۆتتى، تۈرلۈك جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى كۈنسېرى كۆپىيىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا زور ياردىمى بولدى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى «سىرتقا چىقىرىش»قا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئاينۇر ئابدۇرۇسۇل مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىدارىمىز جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتتى، بۇ يىل جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە كېڭەيتىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئالاقىدار مەبلەغنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرىنى كېڭەيتىش تىجارەت مەركىزى قۇرۇپ، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ «سىرتقا چىقىرىلىشى»غا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى «نام كارتىسى»غا ئايلاندۇرىدۇ. (مۇخبىر ۋاڭ شۈەن)