ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا قوش ياردەم پۇلى نىسبىتى %35كە يەتتى
4- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئۈرۈمچى شىمىگۇ رايونى ھۆكۈمەت قورۇسىدا 2- نۆۋەتلىك خەيئېر ئائىلە جابدۇقلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، كارخانىلارنى چوڭ تىپتىكى پائالىيەت مەيدانى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، شەھەر ئاھالىلىرى مال سېتىۋالغاندا بەھرىمەن بولىدىغان دۆلەت ياردەم پۇلى ۋە كارخانا ياردەم پۇلى نىسبىتى %35كە يەتتى.
ئائىلە جابدۇقلىرى كۆرگەزمىسىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جاھازلىرىنى ھېس قىلىش رايونى، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش رايونى، سىياسەت چۈشەندۈرۈش رايونى ۋە مۇكاپاتلىق چەك تارتىش رايونى قاتارلىقلار تەسىس قىلىندى.
ئائىلە جابدۇقلىرى كۆرگەزمىسىدە يەنە «سەھەر قۇشى ياردەم پۇلى»، «يۈرۈشلۈك سېتىۋالسا پەلەمپەيسىمان ئېتىبار بېرىش» قاتارلىق پاراۋانلىق تۈرلىرى ئالاھىدە تەسىس قىلىندى.
كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش رايونىدا خەيئېر، كاسادى، Leaderدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ داڭلىق ماركا بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشتى، مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن ئۆيگە كېرەكلىك بولغان بازىرى ئىتتىك 12 چوڭ تۈرنى قاپلىدى.
شىمىگۇ رايونى «بايرام + كۆرگەزمە + خەلققە نەپ يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلچەملىك ھەمتۈرتكە بولۇش، ھۆكۈمەت سۇپا قۇرۇپ سودا چەمبىرىكى، كارخانا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بايلىقىنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق، «سىياسەتلەرنىڭ بىرىكىش كۈچىنى ئاشۇرۇش- كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش- ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش»تىن ئىبارەت ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى شىمىگۇ رايونى ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى ئىش بېجىرىش بوشلۇقىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تەۋەلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ قىياپىتى ۋە ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىنى قاتلاممۇقاتلام تەشۋىق قىلغان ۋە نامايان قىلغان. ھۆكۈمەت قورۇسىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەيئېر ئائىلە جابدۇقلىرى كۆرگەزمىسىدە چوڭ بوشلۇقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلىپ، مۇلازىمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇلغان. (مۇخبىر ۋاڭ لېي)