سۈرەتتە: 4- ئاينىڭ 19- كۈنىدىكى ئات بەيگىسى مۇسابىقىسى نەق مەيدانى. ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ بېيلەن فوتوسى
باھار شامىلى كىشىلەرنىڭ يۈزىنى سىيپاپ ئۆتەتتى، ئات تۇياقلىرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. 4- ئاينىڭ 19- كۈنى، 2025- يىللىق شىنجاڭ باغراش ناھىيەسىنىڭ «باغراش لوڭقىسى» ئەتىياز پەسىللىك ئات بەيگىسى مۇسابىقىسى شىخەي لۇڭمايۈەندە باشلاندى، 141 چەۋەنداز مۇسابىقىگە قاتناشتى.
شىنجاڭ ئاتچىلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى جاۋ جىخېڭ مۇسابىقىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، رېپىر ۋەكىللىرى، تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرى تەرتىپ بويىچە قەسەم بەردى. ئارقىدىنلا، ئەدەبىيات- سەنئەت ئويۇنى، خەلق ئۆرپ- ئادەت ناخشا- ئۇسسۇللىرى نۆۋەت بىلەن ئورۇنلاندى. ئېگەرگە دەسسەپ تۇرۇپ سالام بېرىش، ئات ئۈستىدە قولى بىلەن ئاتنى تىرەپ، پۇتىنى ئاسمانغا قىلىپ تۇرۇش، ئاتقا چاققانلىق بىلەن مىنىش- چۈشۈش قاتارلىق چەۋەندازلىق نومۇرلىرىنىڭ رىتىمى يېنىك، قىزغىن، چەبدەس بولۇپ، نەق مەيدان كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.
ساياھەتچى جياڭ كېشىن مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى ئات بەيگىسى مۇسابىقىسىدە چەۋەندازلىق ئويۇنى بارلىقىنى بىلىپ، ئەتىگەندىلا نەق مەيدانغا كەلدىم، چەۋەندازلىق ئويۇنى بەك قالتىس بولدى!»
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12دە، ئات بەيگىسى جەۋەندازلىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، مۇسابىقە رەسمىي باشلاندى. رېپىرنىڭ بۇيرۇق بېرىشى بىلەن، مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئاتلار خۇددى ئوقيادىن ئېتىلغان يا ئوقىدەك ئۇچقاندەك چاپقىنىچە يۈرۈپ كەتتى، چەۋەندازلار ئاتلىرىنى قامچىلاپ، قامچىلىرىنى ئوينىتىپ، ئات بەيگىسى بىلەن تەبىئىي ماسلىشىپ، بىر مەيدان «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات»قا تولغان قالتىس مۇسابىقە ئۆتكۈزدى.
مۇسابىقە يولىدا، تېز چاپىدىغان ئاتلار ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا چېپىشتى، يورغا ئاتلارنىڭ قەدىمى نەپىس، رىتىمى پۇختا بولدى؛ مۇسابىقە يولىنىڭ سىرتىدا تاماشىبىنلارنىڭ چۇرقىرىغان ئاۋازلىرى، ئالقىش سادالىرى مەدەت ئاۋازلىرى ئۈزلۈكسىز كۆتۈرۈلۈپ تۇردى، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولدى.
«بۈگۈنكى مۇسابىقە بەك قالتىس بولدى، مەن نۇرغۇن سىن ۋە سۈرەتلەرنى تارتىپ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقاردىم، نۇرغۇن كىشى سۆز قالدۇردى، ئالقىشلىدى»، دېدى ساياھەتچى خۇاڭ سىيۈ.
مۇسابىقىگە قاتناشقان چەۋەنداز شامخار ماخابەت مۇنداق دېدى: «نەق مەيداندا شۇنچە كۆپ تاماشىبىنلارنىڭ بىزگە مەدەت، ئىلھام بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. كۆپچىلىككە ئېسىل مۇسابىقىلەرنى ئېلىپ كېلىشنى، شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ قانائەتلىنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشۈمنى ئۈمىد قىلىمەن».
شۇ كۈنى، پائالىيەت مەيدانىدا ئات بەيگىسى مۇسابىقىسىدىن باشقا، چېلىشىش، خوراز سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق ئەنئەنىۋى مۇسابىقىلەرمۇ ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىپ، نۇرغۇن ساياھەتچى ۋە تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرىنى كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. خوراز سوقۇشتۇرۇش مۇسابىقىسى نەق مەيدانىدا، سوقۇشقاق خورازلار بەزىدە تۇمشۇقلىرى بىلەن تاجلىرىنى چوقۇسا، بەزىدە پۇتلىرى بىلەن يانچىلاپ تەپتى، مەيدان كەيپىياتى جىددىي، كەسكىن بولۇپ، كىشىنى تولىمۇ ھاياجانغا سالاتتى. چېلىشىش مۇسابىقىسى نەق مەيدانىنىڭ كەيپىياتى قىزغىن بولدى، بەستلىك كەلگەن چېلىشىش ماھىرلىرى تەمبەل بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز كارامەتلىرىنى كۆرسىتىپ، رەقىبى بىلەن تېپىشىش، ئېتىشىش، چۆرۈپ تاشلاش، گىرە سېلىپ يىقىتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەردە مۇسابىقىلەشتى، قالتىس بولغان گىرە سېلىپ يىقىتىش، مۈرىسىدىن ئېلىپ يىقىتىشلارغا نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار گۈلدۈراس ئالقىش ياڭراتتى.
بۇ قېتىمقى ئات بەيگىسى ئىككى كۈن داۋاملاشتى، ئارغۇن ئات، يەرلىك ئات ۋە شالغۇت ئاتتىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇپپا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، سۈرئەت مۇسابىقىسى ۋە يورغا مۇسابىقىسى قاتارلىق 13 مۇسابىقە تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. نەق مەيداندا يەنە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، ئات مىنىشنى ھېس قىلىش مەخسۇس رايونى ۋە خاس مەززىلىك تائاملار يايما ئورنى تەسىس قىلىنىپ، ساياھەتچىلەر ئېسىل مۇسابىقىلەردىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىرگە، باغراشنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىپ، كۆرۈش سېزىمى ۋە تەم سېزىمىدىن ئىبارەت قوش كاتتا زىياپەتتىن بەھرىمەن بولدى. (مۇخبىر جوۋ خەيشيا، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ياڭ بېيلەن، دوغۇرجاپ، دۇڭ جۇسېن)