بايىنغولىن ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ 2025- يىللىق «ئاۋانگارتلار لوڭقىسى» ئىشچى- خىزمەتچىلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
17:58:50 2025-04-22 بايىنغولىن ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

ئارغامچا سەكرەش مۇسابىقىسى نەق مەيدانى. مۇخبىر شۆ يۈنشاۋ فوتوسى

 4- ئاينىڭ 18- كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ 2025- يىللىق «ئاۋانگارتلار لوڭقىسى» ئىشچى- خىزمەتچىلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقە ئارقىلىق، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلاردىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ جۇشقۇن، يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان روھىي قىياپىتى تولۇق نامايان قىلىنىپ، ئورگان كادىرلىرى، ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆگىنىشتە بەسلىشىپ ئېشىپ كېتىش كۈرەش ئىرادىسى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇلۇپ، تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىش، بىرىنچى بولۇشقا ئىنتىلىش كەيپىياتى يارىتىلدى.

 بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە كوللېكتىپ ئارغامچا تارتىشىش، 10 ئادەم ئىككى مىنۇت ئارغامچا سەكرەش، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، 4×100 مېتىرغا كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى، ئورۇندا تۇرۇپ يىراققا سەكرەش، بەلگىلەنگەن نۇقتىغا توپ تېپىش جېڭى قاتارلىق ئالتە تۈر تەسىس قىلىنغان، ھەممىسى كوللېكتىپ ھەمكارلىشىشنى نامايان قىلىدىغان كوللېكتىپ تۈرلەر، بۇ ھەم تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ جىسمانىي ئىقتىدارى ۋە ماھارىتىنى سىنايدۇ، ھەم قىزىقارلىق ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولۇپ، كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى مۇسابىقە مەيدانىدا تەر ئاققۇچە رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت بېسىمىنى يەڭگىللىتىدۇ.

 ئەنئەنىۋى كوللېكتىپ تۈر بولغان ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسى ئالدى بىلەن پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. رېپىرنىڭ پۇشتەك چېلىشىغا ئەگىشىپ، توم ئارغامچا ئىككى كوماندا ئارىسىدا تاردەك چىڭ تارتىلدى، مەدەت بەرگۈچىلەرنىڭ مەدەت ئاۋازى ئۈزلۈكسىز كۆتۈرۈلۈپ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارغامچا سەكرەش مۇسابىقە مەيدانى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى، ئارغامچا سايىسى بىلەن رەتلىك سەكرەش كۈچ ۋە گۈزەللىك سىمفونىيەسىنى ھاسىل قىلىپ، كۈلكە ئاۋازى پۈتۈن مۇسابىقە مەيدانىنى قاپلىدى. 4×100 مېتىرغا كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە، ھەرقايسى كوماندا ئەزالىرىنىڭ تۇنجى كالتىكى خۇددى كىرىچتىن ئايرىلغان ئوقتەك باش پەللىدىن ئېلىپ چىقىلدى، ماھىرلار كالتەكنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، كالتەكنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئاتاكىغا ئۆتتى، كوماندا ئەزالىرى باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىپ، بىرىنچىلىكنى تالاشتى... (مۇخبىر شۆ يۈنشاۋ)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125