2025- يىللىق دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى بويىچە كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان كورلا . ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى باشلاندى
18:08:00 2025-04-22 بايىنغولىن ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

دېكلاماتسىيە پائالىيىتى نەق مەيدانى. مۇخبىر چېن جيەنفېي فوتوسى

 بۇ يىل 4- ئاينىڭ 23- كۈنى، 30- قېتىملىق «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى». 4- ئاينىڭ 20- كۈنى، كورلا شەھىرى خېتۇ لوشۇ مەيدانىدا، كورلا شەھىرى «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش . كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈش» بويىچە 2025- يىللىق دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى بويىچە كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان كورلا . ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ھەمدە «نەشپۈت چېچەكلىگەندىكى گۈزەل چاغلاردىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنىش نەشپۈت چېچىكى پەسلى دېكلاماتسىيە پائالىيىتى»نى قانات يايدۇردى.

 «تاغ- دەريالارنى لەرزىگە سېلىش . مىڭ يىلنى ئوقۇپ چۈشىنىش» ناملىق كۇەيشەن نومۇرى قىزغىنلىق بىلەن باشلىنىپ، نەق مەيدان كەيپىياتى بىردىنلا يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، كورلا كۇتۇپخانىسىنىڭ سىرتىدىكى شۆبە كۇتۇپخانا ۋە مۇلازىمەت نۇقتىسىغا كىتاب سەپلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئەلا سۈپەتلىك كىتاب ئوقۇش بايلىقى ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىلىشقا تۈرتكە بولۇندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2024- يىللىق «كىتاب ئوقۇش ماھىرى» «مېنىڭ كىتاب ئوقۇغان ۋاقىتلىرىم» بويىچە قىسقا سىنلىق مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى توپلاش، «ئاتا- ئانىلار ۋە بالىلار كىتاب ئوقۇش بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە» قاتارلىق شەرەپلەر تارقىتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ شەھەر ئاھالىسى كىتاب ئوقۇشقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇلدى.

 دېكلاماتسىيە ھالقىسى «كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى . شېئىرىي ھېسسىياتقا تويۇنغان جۇڭگو» «كىتاب ئوقۇش سەنئىتى . شېئىرىي تۈسكە تويۇنغان جۇڭگو» «كىتاب ئوقۇش روھى . شېئىرىي ھېسسىياتقا تويۇنغان جۇڭگو» «كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى . شېئىرىي ھېسسىياتقا تويۇنغان جۇڭگو»دىن ئىبارەت تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەن. كۆرۈنۈشلۈك دېكلاماتسىيە «تاڭ شېئىرلىرىدىكى رىتىم، قاپىيە . كىلاسسىك ئەسەرلەرگە ۋارىسلىق قىلىش» «كەچ باھارنىڭ سوۋغىسى . ئۈمىد سىمفونىيەسى»، ئۇسسۇل «مەكتۇپ»، دېكلاماتسىيە «تارىخنىڭ يۇلتۇزى ۋە روھى»، «سىياھ ھىدىغا، كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولۇش» قاتارلىق نومۇرلار ئارقا- ئارقىدىن ئورۇنلاندى. قالتىس دېكلاماتسىيە كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن دېكلاماتسىيە قىلدى، دېكلاماتسىيە ئاۋازلىرى بەزىدە جاراڭلىق، مەردانە چىقسا، بەزىدە مۇڭلۇق، سىلىق چىقىپ، مەيدان ئاسمىنىدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى، تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش ساداسى ئۇزاققىچە ئۈزۈلمىدى.

 پائالىيەت نەق مەيدانىدا يەنە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بويىچە 100 كىلاسسىك ياخشى كىتابنى تەۋسىيە قىلىش ھالقىسى تەسىس قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىتاب بازىرى ۋە كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى تەڭ قەدەمدە قانات يايدۇرۇلۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى مول كىتاب ئوقۇش بايلىقى ۋە ھەمتۈرتكىلىك تەسىرات بىلەن تەمىنلەندى.

 كورلا شەھەرلىك 22- ئوتتۇرا مەكتەپ 5- يىللىق ئوقۇغۇچىسى ليۇ زىشۈەن مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، كىتاب ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھەقىقىي تونۇپ يېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇم. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن ياخشى كىتابلارنى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇپ، بىلىم سەۋىيەمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمەن».

 شۇ كۈنى، كورلا شەھىرىدىكى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى پائالىيەت نەق مەيدانىغا كېلىپ، بۇ كاتتا مەدەنىيەت زىياپىتىدىن ئورتاق بەھرىلەندى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئاممىغا يېقىن، ئاساسىي قاتلامغا يېقىن، تۇرمۇشقا يېقىن بولۇپ، كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزدى.

 ئىگىلىنىشىچە، كورلا شەھىرى ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى «مەدەنىيەت شەھىرى» ئۇل قۇرۇلۇشى قىلىپ، «كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان كورلا . ئومۇمى خەلق كىتاب ئوقۇش» داڭلىق ماركا پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل شەھەردە «ھەممەيلەن كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان، ھەممىلا جاي كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان» ئۆگىنىش كەيپىياتىنى بەرپا قىلىپ، شەھەرنىڭ مەدەنىيەت دەرىجىسىنى كۈچلۈك ئۆستۈرگەن. (مۇخبىر يۈەن خەيجۈن)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125