ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىشتىن ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ يەم بېرىشكىچە
«ئاق قۇ» گۇاڭمىڭ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ئاق قۇلارنىڭ كۆپىيىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى
ھازىر دەل ياۋا ئاق قۇلارنىڭ كۆپىيىش مەزگىلى بولۇپ، ئاق قۇلارنى قوغداش خىزمىتى ئىنتايىن مۇھىم. يېقىندا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى بايىنغولىن ئوبلاستلىق توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ «ئاق قۇ» گۇاڭمىڭ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، بايىنبۇلاق ئاق قۇ كۆلىنىڭ يادرولۇق قوغداش رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، سۇلۇق يەردىكى قۇياش ئېنېرگىيەلىك كۆزىتىش ۋە تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىپ، ئاسراپ، توك بىلەن تەمىنلەش ئۈسكۈنىلىرى ۋە كۆزىتىش- تىزگىنلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاق قۇلارنىڭ كۆپىيىشىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.
بۇ يىل ھاۋانىڭ ئىللىشى كېيىن بولدى، قار- مۇزلار ئېرىمىدى، ئاق قۇلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئىزدىشى قىيىنلاشتى. شۇڭا، «ئاق قۇ» گۇاڭمىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بايىنبۇلاق ئاق قۇ كۆلى يادرولۇق قوغداش رايونىدا كۆپىيىش مەزگىلىدە ئاق قۇلارغا قوناق بېرىپ، ئۇلارنىڭ جىسمانىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئوڭۇشلۇق كۆپىيىشىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.
بايىنبۇلاق ئاق قۇ كۆلى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ياۋا ئاق قۇ توپى ياشايدۇ، بۇ دۇنيادىكى ياۋا ئاق قۇلار كۆپىيىدىغان ئەڭ جەنۇبىي چەك. دۆلەتنىڭ مەخسۇس تۈر مەبلىغى بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، قوغداش رايونىغا سىنلىق كۆزىتىش ۋە تىزگىنلەش سىستېمىسىدىن 49ى ئورنىتىلىپ، كۆزىتىش ۋە ئۆلچەش نۇقتىسى تەسىس قىلىنىپ، رايون باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى. 2009- يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 16 يىلدا، «ئاق قۇ» گۇاڭمىڭ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ھەر يىلى ئەتىيازدا مۇھاپىزەت رايونىنىڭ نازارەت قىلىش ئەسلىھەلىرى، توك بىلەن تەمىنلەش لىنىيەسى ۋە توك ئىشلىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئاسرىدى، رېمونت قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىتى سىجىل ياخشىلاندى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، خاتىرىلەنگەن قۇش تۈرى 131 خىلغا يەتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئاق قۇ» گۇاڭمىڭ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى «ئېكولوگىيە + ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى» ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپ بىلەن بىرلىشىپ قۇشلارنىڭ كۆچۈش قانۇنىيىتىنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچەپ، ئاچقۇچلۇق ۋاقىتتا بىرلەشمە چارلاش، قوغداش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرىنى ئېكولوگىيەلىك ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى، قوش يۆنىلىشلىك ئورتاق پايدا ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. (مۇخبىر شيې شياۋيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ياڭ ياڭ، جۇڭ زېپىڭ)