«ۋەنجياۋ 1- نومۇر»لۇق چۆكۈپ كەتكەن كېمىدىن چىققان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نەشپۈت شەھىرىدە كۆرگەزمە قىلىندى
18:16:13 2025-04-22 بايىنغولىن ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 دېڭىز يىپەك يولىدىكى قىممەتلىك يادىكارلىقلار − «ۋەنجياۋ 1- نومۇر»لۇق چۆكۈپ كەتكەن كېمىدىن چىققان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى 4- ئاينىڭ 20- كۈنى كورلا خەلق ئۆرپ- ئادىتى مەدەنىيەت مۇزېيىدا باشلاندى.

 ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى كورلا خەلق ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەت مۇزېيى بىلەن فۇجوۋ شەھەرلىك مۇزېي بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 7- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. بۇ كۆرگەزمە «ۋەنجياۋ خادا تېشىنىڭ يېنىدا چۆكۈپ كەتكەن كېمىلەر»، «جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان دېڭىز ئاستى فار- فۇر ئامبىرى»، «دېڭىز يىپەك يولى سەپىرى»دىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن، چۆكۈپ كەتكەن كېمىلەردىن چىققان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ئارقىلىق، فار- فۇر بۇيۇملارنىڭ ئارقىسىدىكى تارىخىي مەدەنىيەتنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، «ۋەنجياۋ 1- نومۇرلۇق» چۆكۈپ كەتكەن كېمىنى بايقاش، سۈزۈش ۋە قوغداش جەريانى بايان قىلىنغان. بۇ قېتىم كۆرگەزمە قىلىنغان 100دىن ئارتۇق فار- فۇر بۇيۇمنى فۇجوۋ شەھەرلىك مۇزېي چۆكۈپ كەتكەن 17 مىڭدىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدىن تاللاپ چىققان. ئۇلار فۇجوۋنىڭ دېڭىز يىپەك يولىدىكى باشلىنىش پورتى ۋە يۆتكەپ توشۇش پورتى بولغانلىقىنىڭ مۇھىم گۇۋاھچىسى بولۇپ، قەدىمكى دەۋر كېمىسازلىق تارىخى، قەدىمكى ساپال بۇيۇملار تارىخى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 

 «بۇ  كۆرگەزمە ماڭا ئۇلارنىڭ شەكلىنىڭ ئىنتايىن غەلىتە، گۈزەل ئىكەنلىكىنى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دېڭىز يىپەك يولى سودا كارۋانلىرىنىڭ ئىنتايىن گۈللەنگەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى»، دېدى كورلا شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ 9- يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئەزىمەت ئەبەي. (مۇخبىر ۋۇرۇنچىمىك)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125