قومۇل- جېڭجوۋ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىدە ئەڭ ياخشى پەسىللىك يۈرۈشۈش رېكورتى يارىتىلدى
18:23:38 2025-04-22 قومۇل ياخشى جاي ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 بۇ يىل 1- پەسىلدە، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى 12 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.4 ئاشتى

 بۇ يىل 1- پەسىلدە، قومۇل- جېڭجوۋ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قومۇل- جېڭجوۋ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى» دېيىلىدۇ) ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىغا جەمئىي 12 مىليارد 21 مىليون كىلوۋات سائەت پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يەتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.4 ئاشقان، بۇ، خېنەن ئۆلكىسىدىكى 16 مىليون ئاھالىنىڭ پۈتۈن يىللىق توك ئىشلىتىش مىقدارىغا باراۋەر بولۇپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى پەسىللىك يۈرۈشۈش رېكورتى يارىتىلغان.

 «2025- يىلى بىزنىڭ تولۇق سىغىملىق تورلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرگەن تۇنجى يىلىمىز، 2 مىليارد 50 مىليون كىلوۋات سائەت توك يەتكۈزۈشنى پىلانلىدۇق، نۆۋەتتە، 533 مىليون كىلوۋات سائەت توك يەتكۈزدۇق.» 4- ئاينىڭ 18- كۈنى، خۇارۈن سەنتاڭخۇ 1 مىليون كىلوۋاتلىق شامال كۈچى ئارقىلىق توك چىقىرىش تۈرى بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ تۈر 750 كىلوۋولتلۇق سەنتاڭخۇ تىرانسفورموتور پونكىتىغا ئۈزلۈكسىز توك توپلاپ، ئاندىن 750 كىلوۋولتلۇق قومۇل تىرانسفورموتور پونكىتىغا يەتكۈزۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ توك قومۇل تىيانشان توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىغا توپلىنىپ، ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىغا يەتكۈزۈلدۇ.

 خۇارۈن سەنتاڭخۇ 1 مىليون كىلوۋاتلىق شامال كۈچى ئارقىلىق توك چىقىرىش تۈرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى شىتۇمېي 1- نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 300 كۇۋادىرات كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، خۇارۈن (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ يەككە تۈرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈردە 2023- يىلى 5- ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، 2024- يىلى 10- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تورلاشتۇرۇپ توك تارقىتىلغان. ئاساسلىق يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەردىن تۆمۈر فوسفات لىتىيلىق باتارېيەسى ئارقىلىق ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن 250 مېگاۋاتلىق ئېلېكتىرو خىمىيەلىك ئېنېرگىيە ساقلاش پونكىتىدىن بىرى، 220 كىلوۋولتلۇق بېسىم ئاشۇرۇش، توك توپلاش پونكىتىدىن بىرى، 6.5 مېگاۋاتلىق شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىدىن 154ى ۋە توك توپلاش لىنىيەسىدىن 40ى بار. يەر شارى بويىچە تۇنجى 100 مېگاۋاتلىق چاتما قۇرۇلمىلىق تور تىپىدىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانىسىسىنىڭ ئىقتىدارىنى سىناش خىزمىتى مۇشۇ تۈردە قۇرۇلغان ئېنېرگىيە ساقلاش پونكىتىدا تاماملانغان.

 قومۇل تىيانشان تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئالماشتۇرۇش پونكىتى قومۇل- جېڭجوۋ تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىنىڭ تۇنجى پونكىتى بولۇپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يۈرۈشتۈرۈش- ئاسراش ئورۇنلىرى يېڭىلىق يارىتىپ، پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى بويىچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. رەقەملىك قوشكېزەك بىلەن نەرسە تورى تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، كاشىلىغا تاقابىل تۇرۇش ۋاقتىنى 15 مىنۇتقا قىسقارتتى. بۇ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئۈسكۈنىگە «CT ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى» ئورناتقانغا باراۋەر بولۇپ، «كاشىلىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش»تىن «تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىنى ئېلىش»قىچە بولغان ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

 دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق شۆبە شىركىتى تىيانشان توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى خۇاڭ لىمىڭ مۇنداق دېدى: بىز ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ تىرانسفورموتور تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ، ماشىنا ئىت ۋە باشقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، يۈرۈشتۈرۈش- ئاسراشنىڭ سۈپەت- ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئاشۇردۇق، ئادەم كۈچى بىلەن چارلاپ تەكشۈرۈش خىزمەت مىقدارى %70 ئازايدى، سانلىق مەلۇمات توپلاش ئۈنۈمى تۆت ھەسسە ئاشتى، ئۈسكۈنىلەر باشتىن- ئاخىر 5 مىليون كىلوۋاتتىن 6 مىليون كىلوۋاتقىچە بولغان يۇقىرى يۈكلۈك يۈرۈشۈشنى ساقلىدى.

 شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يۈرۈشتۈرۈش- ئاسراش ئورۇنلىرى يېڭى ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىش جەھەتتىمۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، «مەۋھۇم ماس قەدەملىك ماشىنا» تېخنىكىسى ئارقىلىق تۇراقسىز شامال- يورۇقلۇق توك مەنبەسىنى ماسلاشتۇرۇپ، يۈرۈشلەشكەن يېڭى ئېنېرگىيە مەيدانلىرىنىڭ شامال كۈچى ۋە يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى زايە قىلىۋېتىش نىسبىتىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.1 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىپ، يېشىل توكتىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى %98.6كە يەتكۈزدى.

 شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىكى «كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت ئېلېكتىر تورى قومۇل توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى تورلاشتۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىنى ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. 500 مىڭ كىلوۋاتلىق يېڭى تىپتىكى مۇستەقىل ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرىنى يىل ئىچىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سەنشيا ئېنېرگىيەسى شىنجاڭ قومۇل ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى، يۈفېڭ يېڭى ئېنېرگىيەسى قومۇل شەھىرى 400 مىڭ كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرى قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەرنى يىل ئىچىدە بازارلاشتۇرۇپ تورلاشتۇرۇپ، يىل ئاخىرىغىچە يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنى 37 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشۇرۇشقا تىرىشماقتا. (مۇخبىرلار تيەن يۈ، گو زىيى، ئىختىيارىي مۇخبىر ئادىبېك) 

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125