جۇڭگو سىياسىي- قانۇن داشۆسىنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەتقىقات ئورنىنىڭ يوپۇقى ئېچىلىپ قۇرۇلدى
ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم يوپۇق ئاچتى، چېن مىڭگو، جياڭ زېتىڭ سۆز قىلدى
4- ئاينىڭ 21- كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭگو سىياسىي- قانۇن داشۆسى بىلەن شىنجاڭ ساقچى شۆيۈەنىنىڭ تەربىيەلەش مەركىزىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 4- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭگو سىياسىي- قانۇن داشۆسى بىلەن شىنجاڭ ساقچى شۆيۈەنىنىڭ تەربىيەلەش مەركىزىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، جۇڭگو سىياسىي- قانۇن داشۆسىنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەتقىقات ئورنىنىڭ يوپۇقى تەڭ قەدەمدە ئېچىلىپ قۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم تەتقىقات ئورنىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو، جۇڭگو سىياسىي- قانۇن داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جياڭ زېتىڭ كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.
4- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، جۇڭگو سىياسىي- قانۇن داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جياڭ زېتىڭ، جۇڭگو سىياسىي- قانۇن داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرى ما خۇەيدې جۇڭگو سىياسىي- قانۇن داشۆسى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەتقىقات ئورنىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
كېلىشىمگە ئاساسەن، شىنجاڭ بىلەن جۇڭگو سىياسىي- قانۇن داشۆسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، مەسلىھەت بېرىش سۇپىسى قۇرۇلۇشى، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش، نىشانلىق ياردەم بېرىش، يار- يۆلەك بولۇش قاتارلىق ساھەلەردە چوڭقۇر ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەتقىقات ئورنى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم تايانچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەكتەپ- يەرلىك ئىككى تەرەپنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئاقىللار ئامبىرى، پەن تەتقىقات، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، جەمئىيەت مۇلازىمىتى، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق فۇنكسىيەلەر بىر گەۋدىلەشكەن شىنجاڭنى يۇقىرى سەۋىيەلىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا دائىر مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئەقلىي كۈچ تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
پائالىيەت مەزگىلىدە، ما شىڭرۇي تەتقىقات ئورنىنىڭ قۇرۇلۇش، يۈرۈشۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئىش بېجىرىش ئورنى، كوللېكتىپ قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى، ئىگىلىدى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، جۇڭگو سىياسىي- قانۇن داشۆسىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش شىنجاڭنىڭ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. بۇ قېتىم مەكتەپ بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئىككى تەرەپنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى. جۇڭگو سىياسىي- قانۇن داشۆسىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، مەكتەپنىڭ سىياسىي- قانۇن مائارىپىغا دائىر پەن قۇرۇلۇشى، ئىلمىي تەتقىقات، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەتقىقات ئورنىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى قۇرۇپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئەمەلىي، قوللىنىشچان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى قانۇنچىللىق ئەمەلىيىتى دائىرىسىنى كېڭەيتىش، چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى كېڭەيتىشكە يېتەكلەپ، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە يار- يۆلەك بولۇش، ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشقا مۇلازىمەت قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
4- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار جۇڭگو سىياسىي- قانۇن داشۆسى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەتقىقات ئورنىدا ئىش بېجىرىش ئورنى، كوللېكتىپ قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى، ئىگىلىدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
چېن مىڭگو سۆزىدە مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ قېتىمقى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى ۋە تەتقىقات ئورنىنىڭ قۇرۇلۇشى مەكتەپ بىلەن يەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. ئىككى تەرەپ دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باش ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا چوڭقۇر ھەمكارلىشىشنى چۆرىدەپ، قانۇنچىللىق تەتقىقات ئېگىزلىكىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا مۇلازىمەت قىلىدۇ؛ قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ؛ نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئورتاق كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق نەزەرىيەسى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشقا پائال تۈرتكە بولىدۇ.
جياڭ زېتىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم بازا. جۇڭگو سىياسىي- قانۇن داشۆسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىگە چوڭقۇر قاتنىشىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاپپاراتنى كۈچلۈك قۇرۇشى، كوللېكتىپنى سەرخىل قۇرۇشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى يېتەكچىلىكىدىكى ئاساسىي بازىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاقىللار ئۆمىكى بەرپا قىلىپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتقان قانۇنچىللىق ئاساسىي قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە مەكتەپنىڭ پەن ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.
يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو سىياسىي- قانۇن داشۆسى ۋە شىنجاڭ ساقچى شۆيۈەنىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى.
ۋاڭ جيەنشىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، پەن شى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، جۇڭگو سىياسىي- قانۇن داشۆسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار پائالىيەتكە قاتناشتى.