ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار، يېزا ئەمگەك كۈچلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى چۆرىدەپ، سۇپا ۋاسىتىسىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئومۇمىي مىقدارىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېشىش مىقدارىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرگەن. 1- پەسىلدە، ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر- بازارلاردا 130 مىڭ 100 كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.83 ئېشىپ، شەھەر- بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيگەن. شەھەر- بازارلاردىكى ئىشسىزلاردىن 72 مىڭ 900 كىشىنى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى 24 سائەت ئىچىدە ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش ساقلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىگە ھەقىقىي تولۇق كاپالەتلىك قىلىنغان.
ئاپتونوم رايونىمىز تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يار- يۆلەك بولۇش سىياسەتلىرىنى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋە ئەمگەكچىلەرگە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ياردەم پۇلى قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا تارقىتىپ، «بىۋاسىتە تولۇقلىمىنى تېز بېجىرىش» بويىچە تېز ئىلتىماس قىلىش، تېز بېجىرىشنى يولغا قويۇپ، «ھەممىباب كارتا» ئارقىلىق تارقىتىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى دەل جايىدا بىۋاسىتە ئەمەلىيلەشتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى قاتارلىق توققۇز تارماق بىلەن بىرلىكتە 2024- يىللىق «باھاردا دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتىش» مۇلازىمەت ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشنى كۈچەيتىش، سەپەر مۇلازىمىتى كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەربىيەلەش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ھوقۇق- مەنپەئەتنى قوغداشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىكى ئون تۈرلۈك مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى تەرتىپلىك ھالدا يۇرتىغا قايتىش، ئىش ئورنىغا قايتىشقا ئىلھاملاندۇردى.
ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ياخشى، پۇختا ئىشلەپ، ئىش ئورنى زاپىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا گەنسۇ، شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىپ، ئەمگەك- مۇلازىمەت بويىچە ئۇدۇللىشىشنى قانات يايدۇردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى «كارخانىلارنى زىيارەت قىلىپ ئىش ئورنىنى كېڭەيتىش» پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا توپلىدى ھەم «جۇڭگو شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تورى»دا بىرتۇتاش ئېلان قىلدى. نەق مەيداندا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش، توردا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئىش ئورنىنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، تور ۋە تور سىرتىدا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش مۇلازىمىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇردى. 1- پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) تۈرلۈك خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى 1281 مەيدان قېتىم تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن 29 مىڭ 900دىن كۆپرەكى قاتنىشىپ، 444 مىڭ 700دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.
ھەر مىللەت ئاممىنى بىر ماھارەت ئىگىلەش ئارقىلىق تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، شەھەر- بازارلاردىكى ئىشسىزلار قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا يۈزلىنىپ، «ماھارەت ئارقىلىق ئىستىقبالنى جۇلالاندۇرۇش» تەربىيەلەش ھەرىكىتى ۋە «ماھارەت ئارقىلىق كارخانىنى كۈچەيتىش» سىياسەت- تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، «مەن تەربىيەلىنىمەن» مۇلازىمەت مەخسۇس رايونىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى.
كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كەسىپ، شەھەر- يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا مەدەت بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىش ئورنى بايلىقىنى كۆپ تەرەپتىن قېزىپ چىقىدۇ. 24 تۈرلۈك مەخسۇس ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنى ھەر تەرەپلىمە، باراۋەر بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» ۋە خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا زىچ يېقىنلىشىپ، مەخسۇس تۈردىكى ئىقتىدار بويىچە تەربىيەلەش ۋە تۈر تۈزۈمى بويىچە تەربىيەلەشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، «يېڭى سەككىز دەرىجىلىك ئىشچى» تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىيلاشقان كەسپىي ماھارەت دەرىجىسىنى بېكىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىدۇ.
«بىز نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا زور كۈچ بىلەن يار- يۆلەك بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ياشلار توپىنى يار- يۆلەك بولۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش، ئاساسىي قاتلامدا ئۆسۈپ يېتىلىش، پىراكتىكا قىلدۇرۇپ تەربىيەلەش جەھەتلەردە ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەشكە تۈرتكە بولۇپ، بازارلاشقان، ئىجتىمائىيلاشقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىمىز. يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ۋە يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن ئىبارەت قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەمچىلىك كۆلىمى ۋە كىرىم سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرىمىز. قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يار- يۆلەك بولۇش خىزمىتىنى دائىملىق ياخشى ئىشلەپ، يېشى چوڭىيىپ قالغانلار، مېيىپلەر، ئۇزاق مۇددەت ئىشسىز قالغانلار قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلارنى ۋاقتىدا بايقاش، ئالدىن مۇلازىمەت قىلىش، تۈرگە ئايرىپ يار- يۆلەك بولۇش، ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق، دەل جايىدا، پۇختا ساقلايمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى فەن مياۋ.