5- نۆۋەتلىك ئانار كىتاب ئوقۇش بايرىمى سىزنى كىتاب ئوقۇش ئۇچرىشىشىغا بىرلىكتە بېرىشقا تەكلىپ قىلىدۇ
10:13:23 2025-04-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ خەيبو) 30- قېتىملىق دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) 5- نۆۋەتلىك ئانار كىتاب ئوقۇش بايرىمى پائالىيىتىنى پۈتۈن تاراتقۇ شەكلىدە يولغا قويىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك كىتاب ئوقۇش بايرىمىدا «كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان تىيانشان . كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق شان- شەرەپ تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈش» باش تېما قىلىنىپ، يەتتە چوڭ باش تېمىلىق سەھىپىدىكى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەرلىرى ئارقىلىق ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا قويۇق كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى يارىتىلىدۇ. 

ئانار كىتاب ئوقۇش بايرىمى شىنجاڭنىڭ تەسىر كۈچكە ئىگە مەدەنىيەت داڭلىق ماركا پائالىيىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۆت نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىۋاسىتە كۆرسىتىش، كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى، مەخسۇس تېمىلىق سىن، كىتاب ئوقۇش كۇەيشەن پائالىيىتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كىشىلەر كىتابنى دوست تۇتۇشقا، كىتاب ئوقۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشقا چاقىرىق قىلىندى.

بۇ نۆۋەتلىك ئانار كىتاب ئوقۇش بايرىمىدا ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، يەتتە چوڭ باش تېمىدىكى سەھىپە بويىچە پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش پىلانلاندى: «تارىخ . قىزىل ئەسلىمە» سەھىپىسىدە شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخى خاتىرىلەنگەن قىزىل كىلاسسىك كىتابلار ئىنچىكىلىك بىلەن تاللىنىپ، ئوقۇرمەنلەر قىزىل يىللارنى قايتا ئەسلەشكە يېتەكلىنىدۇ؛ «شەخس . كىتاب ئوقۇۋاتقان سىيمالار» سەھىپىسىدە، مۇخبىرلار ئوخشاش بولمىغان ياش ۋە كەسىپتىكى شىنجاڭلىق ئوقۇرمەنلەرنى زىيارەت قىلىپ، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق كىشىلىك ھاياتنى ئۆزگەرتكەنلىك ھېكايىلىرىنى بايان قىلىدۇ، كوچا زىيارىتى سىنلىرىنى ماس قەدەمدە ئىشلەيدۇ؛ «سانلىق مەلۇمات . كىتاب ئوقۇش شىفىرى» سەھىپىسىدە كۆپ تەرەپلىك سانلىق مەلۇماتلار بىرىكتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ كىتاب ئوقۇش يۈزلىنىشى تەھلىل قىلىنىدۇ ھەم ئۇدا بەش يىللىق شىنجاڭنىڭ كىتاب ئوقۇش دوكلاتى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يېڭى قىياپىتى نامايان قىلىنىدۇ؛ «بوشلۇق . كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان تىيانشان» سەھىپىسىدە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەۋسىيە قىلىنغان ئۆزگىچە كىتاب ئوقۇش سورۇنلىرى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇنۇپ، كىتاب ئوقۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان كىشىلەرگە قەلب ماكانى ھازىرلاپ بېرىلىدۇ؛ «ئىجادىيەت . ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى شىنجاڭ» سەھىپىسىدە، يازغۇچىلار ئىجادىيەت جەريانىدىكى ھېكايىلەرنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئادىمىيەت، ئۆرپ- ئادىتىدىن قانداق ئىلھام ئېلىپ ئەسەر يېزىشىنى باشلىغانلىقىنى ھەمبەھرىلەيدۇ؛ «كەلگۈسى . ئۆسمۈرلەر كىتاب ئوقۇش» سەھىپىسىدە، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ قانداق شەكىللەرنى قوللىنىپ، كىتاب بېتىدىن ئۆسۈپ يېتىلىش كۈچىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلىنىدۇ؛ «ھەمتۈرتكە بولۇش . ئومۇمىي خەلق بىرلىكتە كىتاب ئوقۇش» سەھىپىسىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى سەككىز كۇتۇپخانىنىڭ باشلىقى سىز بىلەن بىللە بىر ياخشى كىتابنى بىرلىكتە ئوقۇشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى ئۈچ جايدىكى تور سىرتى ھېس قىلىش بوشلۇقىدا كىتاب ئوقۇشتىن ھەمبەھرىلىنىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈپ، تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشقا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ. 

بۇنىڭدىن باشقا، بۇ نۆۋەتلىك ئانار كىتاب ئوقۇش بايرىمىدا يەنە ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش ئېلانى، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ئېلانى قاتارلىق پۈتۈن تاراتقۇ مەھسۇلاتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ھەمتۈرتكە تېمىلىرى تەسىس قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش تەسىراتىنى ھەمبەھرىلىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ. كەلگۈسىدە، ئانار كىتاب ئوقۇش بايرىمى داۋاملىق تۈردە بىۋاسىتە كۆرسىتىش، تور سىرتىدا كىتاب ئوقۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈش، پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان شىنجاڭ قۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125