3- نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمى ئاياغلاشتى
10:19:51 2025-04-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

پۈتۈن توردىكى كۆرۈلۈش مىقدارى 430 مىليوندىن ئاشتى، 30 مىڭدىن ئارتۇق كىشى نەق مەيداندا ئويۇن كۆردى

3- نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمى ئاياغلاشتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ خەيبو) 4 - ئاينىڭ 21- كۈنى، 3- نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت - سەنئەت بايرىمى ئاياغلاشتى. 15 كۈندە، 80 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن ئاممىنىڭ نەزەرىگە سۇنۇلدى، 30 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تىياتىرخانىغا كىرىپ ئويۇن كۆردى، توردىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرگەنلەر 4 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، تىياتىرخانىدىكى سەھنىلەردىن تور سۇپىسىغىچە، مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمىغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنىڭ پۈتۈن توردىكى كۆرۈلۈش مىقدارى 430 مىليون قېتىمدىن ئېشىپ، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت بايرام ئۆتكۈزۈش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

بۇ نۆۋەتلىك مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمىدا بىر قاتار تىياتىر ۋە كۆرگەزمىلەر مەركەزلىك كۆرسىتىلىش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجى تولۇق قاندۇرۇلدى. سەنئەت بايرىمىدا ياش- ئۆسمۈرلەر توپىغا يۈزلىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىپ، «كىچىك شاھزادە»، «دېڭىز . قوي» قاتارلىق بالىلار تىياتىرلىرى ھەمدە «ساپ مۇھەببەت، پەقەت جۇڭگو ئۈچۈن»، «كوئېنلۇن ئوغلى» قاتارلىق سەھنە تىياتىرلىرى قويۇلدى، ياش- ئۆسمۈرلەرگە يۈزلەنگەن كۆرەك، كۆرگەزمىدىن 20 نەچچە مەيدان قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ، 15 مىڭدىن ئارتۇق ياش- ئۆسمۈرگە نەپ يەتكۈزۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «تىيانشان تەنتەنىسى، ئىناق، گۈزەل يېزا- كەنتلەر» قاتارلىق 144 تۈرلۈك ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى سەھنىدىكى باش پېرسوناژغا ئايلاندۇردى.

بۇنىڭدىن باشقا، بۇ نۆۋەتلىك مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمىدا يەنە «تارىخىي ئەسلىمىلەرنى نامايان قىلىش، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش باش تېمىسىدىكى ھەيكەلتىراشلىق كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئامما ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا جەلپ قىلىندى. جىڭجۈ تىياتىرى «خۇڭنياڭ»، چىنجۈ تىياتىرى «چېڭ يىڭنىڭ يېتىم بالىنى قۇتقۇزۇشى» قاتارلىق ئەنئەنىۋى شىچۈ تىياتىرلىرى بىلەن «مۇقام نادىر جەۋھىرى − چەبىيات»، دېكلاماتسىيە تىياتىرى «سېن شېن. دەل- دەرەخلەر ئاقىرىپتۇ نەشپۈتنىڭ گۈل- چېچىكىدەك» قاتارلىق تىياتىرلار سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇردى.

بۇنىڭدىن باشقا، بۇ نۆۋەتلىك مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمىدا يەنە «مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش» يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىلىپ، مەدەنىيەت ئىجادىيەت بازىرىنى مەنزىرە رايونىغا كىرگۈزۈش، كارتون كۆرگەزمىسى، گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى مەنزىرە رايونىغا كىرگۈزۈش قاتارلىق خاس پائالىيەتلەر ئىجادىي قانات يايدۇرۇلۇپ، سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن ساياھەتنى ھېس قىلىش بىرلەشتۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلەر چۆكۈش شەكلىدىكى ئەدەبىيات- سەنئەت تەسىراتى بىلەن تەمىنلەندى. بۇنىڭ ئىچىدە، بىر قىسىم كۆرگەزمە ۋە نادىر نومۇرلار 5- ئاينىڭ باشلىرىغىچە داۋاملىشىدۇ ۋە قويۇلىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك مەدەنىيەت- سەنئەت بايرىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن قويۇق كەيپىيات يارىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى سەنئەت شەكلى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇش روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭ ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان بىر قاتار ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدىكەن، بۇ، 2025- يىللىق لاتارېيە ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق فوندى بويىچە ئەدەبىيات- سەنئەت ئېسىل نومۇرلىرىنى پۈتۈن شىنجاڭدا سەييارە قويۇش تۈرى، «شىچۈ تىياتىرىنى يېزا- كەنتلەرگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتى، 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، سىجىل تۈردە ھەر مىللەت ئاممىغا قالتىس ئەدەبىيات- سەنئەت كاتتا زىياپىتى بېرىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125