ئۈرۈمچىدە يەنە بىر سودا يەر بەلگىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلىدۇ
12:23:12 2025-04-23 تىيانشان تورى

يېقىنقى مەزگىلدە

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىغا جايلاشقان

تىيانشان ئىجادىيەت جىلغىسى تۈرىدە جىددىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ

بۇنىڭ ئىچىدە، پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ئېچىۋېتىلگەن كوچا رايونى بار بولۇپ

بۇ يىل 12- ئاينىڭ 30- كۈنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش مۆلچەرلەندى

تۈر ئۈنۈم سۈرىتى

 4- ئاينىڭ 19- كۈنى، تىيانشان ئىجادىيەت جىلغىسى تۈرى ئۈرۈمچى يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمەت كەسپى جەمئىيىتى ۋە داڭلىق ماركا تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، خۇاۋېي، خۇاجۇخۇي، «قارا كۆز قىزچاق» قاتارلىق 15 داڭلىق ماركا پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ئېچىۋېتىلگەن كوچا رايونىغا ماكانلىشىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي- زېمىن كەسپى جەمئىيىتى تىيانشان ئىجادىيەت جىلغىسىغا «كېڭەشكە ئەزا ئورۇن» دەپ نام بەردى.

 گۈلگىنە تاشمەمەت ئۈرۈمچى مېيلىيوۋ كىيىم- كېچەك مەدەنىيەت چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى، ئۇنىڭ «قارا كۆز قىزچاق» كىيىم- كېچەك داڭلىق ماركىسىنى قۇرغىنىغا سەككىز يىل بولدى، ئۇ لايىھەلىگەن يەككە مەھسۇلاتلاردىن دوپپا، زىبۇ- زىننەت، كىيىم- كېچەك، شۇنىڭدەك سومكا، چامادان، ئۆتۈك قاتارلىقلار بار.

 «پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ئېچىۋېتىلگەن كوچا رايونىغا ماكانلىشىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىغا بىزنىڭ ماركىمىزنى تونۇتۇپ، ماركىمىزنىڭ يەنىمۇ تونۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى گۈلگىنە.

 تىيانشان ئىجادىيەت جىلغىسى تۈرى «پۈتۈن كەسىپ ھالىتى ئىجادىيەت كوچا رايونى + دەرىجىدىن تاشقىرى تۆت يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي + ئېكولوگىيەلىك سودا ئىشخانىسى مەركىزى»دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يادرولۇق كەسىپ ھالىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ئېچىۋېتىلگەن كوچىنىڭ 2-، 3- قەۋەتلىرىنىڭ ھەممىسى پېشايۋانلىق قۇرۇلۇش شەكلىدە بولۇپ، پېشايۋاندا ئولتۇرۇپلا تىيانشان رايونىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ئېچىۋېتىلگەن كوچا رايونى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرىكى، چۆكۈش شەكلىدىكى مال سېتىۋېلىش تەسىراتى بىلەن مودا جەمئىيەت ئالاقىسى بوشلۇقى ئەندىزىسىنى تۇنجى قېتىم ئىجادىي يۇغۇرۇپ، «يىپەك يولى مەدەنىيىتى + ياش كۈچلەر» يۇغۇرۇلغان ئىستېمال مەنزىلگاھى بەرپا قىلىدۇ، سودا كەسىپ ھالىتى يۇقىرى دەرىجىلىك پارچە سېتىش، مودا يېمەك- ئىچمەك، ئىستىراھەت- كۆڭۈل ئېچىش، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 تىيانشان ئىجادىيەت جىلغىسى تۈر شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خۇ چۇەنۋېي مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە، پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك ئېچىۋېتىلگەن كوچا رايونى تۇنجى دۇكان ئىقتىسادى، ھېس قىلىش شەكلىدىكى كەسىپ ھالىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى داۋاملىق كىرگۈزۈپ، كەم ئۇچرايدىغان بولۇش ۋە يېڭى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىنىڭ خاس، كۆپ خىللىققا ئىگە ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، يېڭى ئىستېمال ئېشىش نۇقتىسى يارىتىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشكە تۈرتكە بولىدۇ.

 تىيانشان ئىجادىيەت جىلغىسى تۈرىگە 16 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق دەرىجىدىن تاشقىرى تۆت يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي سەپلەنگەن بولۇپ، 200دىن ئارتۇق ياتاق تەسىس قىلىش مۆلچەرلەندى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ تۈرگە يەنە 16 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق خىزمەت بىناسى يانداشتۇرۇپ قۇرۇلىدۇ.

 بۇ تۈردە مەدەنىيەت، ساياھەت، سودا ئىشلىرى بىلەن تۇرمۇش مەنزىرىسى چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، ئومۇميۈزلۈك پۈتكەندىن كېيىن، كونا شەھەر رايونىدىكى يېڭى سودا يەر بەلگىسىگە ئايلىنىدۇ ھەم پۈتۈنلەي يېڭىچە ئىستېمال تەسىراتى ئېلىپ كېلىپ، رايون تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125