بىناكارلىق ساھەسىدىكى «بىر ئىمتىھان، قوش گۇۋاھنامە» ماھارەت ئېتىراپنامىسىنىڭ ئۈنۈمى ھەسسىلەپ ئاشتى
12:25:35 2025-04-23 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىنىڭ بىناكارلىق ساھەسى بويىچە كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىگە قاتناشقان ئەمگەكچىلەر ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى تارقاتقان كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىرلا ۋاقىتتا تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى تارمىقى تارقاتقان بىناكارلىق كەسپى ئىشچىلىرىنى تەربىيەلەش لاياقەتلىك ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشەلەيدۇ. بۇ، ئاپتونوم رايون يولغا قويغان بىناكارلىق ساھەسىدە «بىر ئىمتىھان، قوش گۇۋاھنامە» بويىچە باھالاش، ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش سىياسىتىنىڭ پايدىسى.

 ھازىر شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، بىناكارلىق كەسپى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. قوش گۇۋاھنامىسى بار ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ئىش ھەققى تەمىناتى، كەسپىي تەرەققىيات جەھەتتە تېخىمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە.

 مۇخبىرنىڭ 4- ئاينىڭ 21- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، خەلق ئۈچۈن ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، شىنجاڭدا ئۈچ يىلدا 300 مىڭ بىناكارلىق ئۇستىسىنى تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ يولغا قويغان بىناكارلىق ساھەسىدە «بىر ئىمتىھان، ئىككى گۇۋاھنامە» بويىچە باھالاش، ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشتىن ئىبارەت بۇ سىياسەت ماھارەت ئېتىراپنامىسى ئۈنۈمىنىڭ ھەسسىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابەت كۈچى ئومۇميۈزلۈك ئاشقان.

 «بىر ئىمتىھان، قوش گۇۋاھنامە» بويىچە باھالاش، ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش سىياسىتىنىڭ دائىرىسى بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، بېزەكچىلىك، ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش قاتارلىق 179 قىزىق نۇقتا ئىش تۈرىنى قاپلىغان، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى، ئىجتىمائىيلاشقان تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى، ئاممىۋى ئەمەلىي مەشىق بازىلىرى ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى خاراكتېرلىك ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش دەرسى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، تەربىيەلەش ۋاقتى 140 سائەتتىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا تەڭ بولىدىكەن. تەربىيەلەش جەريانى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى تارمىقىنىڭ نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدىكەن، ئوقۇش باشلاش تەكشۈرۈشى، ئوقۇشنى تاماملاش باھالىشىنىڭ پۈتۈن جەريانى ئاشكارا بولىدىكەن. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەمگەكچىلەر يەنە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىنىڭ تەربىيەلەش خىراجىتى ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن. تەربىيەلەشكە قاتناشقان كۇرسانتلار ئوقۇش پۈتكۈزۈپ قوش گۇۋاھنامە ئالغاندىن كېيىن، يەنە خىزمەت ئورنى تەۋسىيە قىلىنىپ، «ئىش ئورنى ئېھتىياجى + ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش + ماھارەت باھالاش + ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى»دىن ئىبارەت پۈتۈن زەنجىرلىك قوللاشتىن، ئالدىن قوبۇل قىلىش، ئىش ئورنىدا ئۆستۈرۈلۈش قاتارلىق سىياسەت مايىللىقىدىن بەھرىمەن قىلىنىدىكەن.

 «بىر ئىمتىھان، قوش گۇۋاھنامە» توردا بىر پونكىت شەكلىدە بېجىرىلىدىكەن. «شىنجاڭ ئاقىل ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت» ۋېيشىن كىچىك پىروگراممىسىغا كىرىپ، «مەن تەربىيەلىنىمەن» مۇلازىمەت مەخسۇس رايونىغا كىرىپ، تەربىيەلەشكە تىزىملىتىش، ئىش تۈرىنى تاللاش، ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپنى تەكشۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى تاماملىغىلى بولىدىكەن. تەربىيەلەش خاتىرىسى، گۇۋاھنامە ئۇچۇرلىرى ھەر ۋاقىت يېڭىلىنىپ تۇرىدىكەن، يان تېلېفوندا ھەر ۋاقىت تەكشۈرگىلى بولىدىكەن، قولايلىق ھەم تېز ئىكەن. (مۇخبىر شى چۇەنجى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125