شىنجاڭ پاي چېكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش، ئىلكىدىكى پاينى كۆپەيتىشكە تەكرار قەرز بېرىشنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تېز تۈرتكە بولدى. ھازىرغىچە شىنجاڭ پاي چېكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش، ئىلكىدىكى پاينى كۆپەيتىشكە قەرز بېرىش توختامىدىن سەككىزنى ئىمزالاپ، بەش كارخانىغا نەپ يەتكۈزدى.
2024- يىلى 10- ئاينىڭ 18- كۈنى، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ «پاي چېكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش، ئىلكىدىكى پاينى كۆپەيتىشكە تەكرار قەرز بېرىشكە ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، پاي چېكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش، ئىلكىدىكى پاينى كۆپەيتىشكە 300 مىليارد يۈەنلىك تەكرار قەرز بېرىشنى تەسىس قىلدى، خەلق بانكىسى تۆۋەن تەننەرخلىق مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت ۋە ئاساسلىق پايچىلارغا قەرز بېرىشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ پاي چېكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشى ۋە ئىلكىدىكى پاينى كۆپەيتىپ، بازار قىممىتىنى باشقۇرۇشىنى قوللىدى.
مۇخبىرنىڭ 4- ئاينىڭ 21- كۈنى جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبە بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، سىياسەت ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، خەلق بانكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبە بانكىسى، شىنجاڭ ئاكسىيە نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇپ، بىرىنچى ۋاقىتتا خىزمەتتە ئالاقىلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، بانكا ئاپپاراتلىرىنى تەشكىللەپ، شىنجاڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان 61 شىركەتنىڭ پېيىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ۋە ئىلكىدىكى پاينى كۆپەيتىش ئىستىكىنى بىر- بىرلەپ رەتكە تۇرغۇزغان. 4- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنە بىر قېتىم پاي چېكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش، ئىلكىدىكى پاينى كۆپەيتىشكە تەكرار قەرز بېرىش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، پاي چېكىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش، ئىلكىدىكى پاينى كۆپەيتىشكە تەكرار قەرز بېرىشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولغان. (مۇخبىر ۋاڭ لىلى، ئىختىيارىي مۇخبىر چاڭ خېيى)