يولنىڭ ھېكايىسى | تېكەس: بۇ يەردىكى يولنىڭ «سەككىز قىرلىق» بولۇشىنىڭ مەخپىيىتى
12:32:59 2025-04-23 تىيانشان تورى

تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئىچكىرىسىدە

سەككىز قىرلىقلىقى بىلەن داڭق چىقارغان بىر ئۆزگىچە شەھەر بار

بۇ دەل تېكەس

ئۇنىڭ موڭغۇل تىلىدىكى مەنىسى «تاغ- دەريالىرى گىرەلىشىپ كەتكەن كەڭ دالا»

ئېگىزدىن قارىغاندا

تېكەس سەككىز قىرلىق شەھىرى

زامان ۋە ماكان ھالقىغان غايەت زور كومپاسقا ئوخشايدۇ

سەككىز ئاساسىي كوچىسى رەتلىك

64 تارماق كوچىسى خۇددى يىپتا توقۇلغاندەك تەكشى گىرەلەشكەن بولۇپ

360 مېتىردىن كېيىن ئوخشاش بىر ئايلانما يولغا چىقىدۇ

كوچا- رەستىلەر ئىچىدىن سىرتىغا قاراپ

تەدرىجىي كېڭىيىپ، ئۇزىراپ بارىدۇ

ھەرقايسى يوللار ئۆزئارا تۇتىشىدۇ

100 يىلغا يېقىن قۇرۇش نەتىجىسىدە

ئاخىرى دۇنيا بويىچە بىردىنبىر سەككىز قىرلىق مۇكەممەل يول تورى ياسالغان

بۈگۈنكى كۈندە تېكەسكە كەلسىڭىز

ھەممىدىن بەك ھەيران قالدۇرىدىغىنى

بۇ يەردە قىزىل- يېشىل يول چىرىغى يوق

ئايلانما يوللار بىر- بىرىگە تۇتاش كەتكەن

كوچا ئېغىزىدا قاتناش قىستاڭچىلىقى يوق

رەتلىك ھەم تەرتىپلىك

بۇ جايغا قەدىمكىلەرنىڭ ئەقىل- پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ

بۈگۈنكى كۈندىمۇ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇرماقتا

كوچا- رەستىلەر تەبىئىي تۇتاشقان بولۇپ

ئاپتوموبىللار شەھەر ئايلانما يولى ئارىسىدا ئەركىن ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ

تۆت پەسىلدىكى مەنزىرىسى سەككىز قىرلىق يول تورى ئىچىدە ئالمىشىپ تۇرىدۇ

ھەقىقەتەن ئەنئەنىۋى پەلسەپە بىلەن رېئال تۇرمۇشنىڭ يىغىندىسى بولۇپ

ئورتاق ياشاشنىڭ مەڭگۈلۈك سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىققان

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125