2025- يىللىق «ئەخلاقنىڭ كۈچى» ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى، ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ سەييارە لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىغا كىردى
4- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى مىدۇڭ رايونى گۇمۇدى بازىرىدا 2025- يىللىق «ئەخلاقنىڭ كۈچى» ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى، ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ سەييارە لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
«ھاياتلىق كۆۋرۈكى»نى شەخسىيەتسىز سالغان غەيرەت قادىر، ئوت كەتكەن مەيداندىكى قەھرىمان خۇ چۈەنلىن، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلغان ليۇ چۇنخۇا، 50 يىل ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق يولىدا چىڭ تۇرغان ليۇ چيەنكۇن، ھايات- ماماتىنى بىر ياققا قايرىپ قويغان ليۇ يۈدۇڭ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىغا «خۇمار بولۇپ قالغان» ۋاڭ يۇڭچياڭ، ئاپتوبۇس ئارقىلىق شەھەر ئىللىقلىقىنى يەتكۈزگەن گۇ شياڭفېڭ... شۇ كۈنى يەتتە نەپەر ئەخلاق نەمۇنىچىسى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى بەھرىلىدى.
ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ لېي مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى «ئەخلاقنىڭ كۈچى» لېكسىيە ئۆمىكى مىدۇڭ رايونىغا كېلىپ گۈزەل ئەخلاق ھېكايىسىنى سۆزلەپ، تەۋەلىكتىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدىن ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ قوزغاپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، ئىشنى ئۆزىدىن، ئەتراپىدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ئۈلگىنىڭ كۈچىگە ۋارىسلىق قىلىشقا ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى (مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى) تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان 2025- يىللىق «ئەخلاقنىڭ كۈچى» ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى، ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ سەييارە لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئورگان، كارخانا، مەكتەپ، مەھەللە، يېزا- كەنت، مەيدان قاتارلىقلارغا كىرگۈزۈلىدىكەن. پۈتۈن شەھەردىن كەلگەن 25 نەپەر ھەر دەرىجىلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى، ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر ئارقا- ئارقىدىن قاتنىشىدىكەن. (مۇخبىر جيا مېڭيەن)