​1- پەسىلدە شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى ئىقتىسادىدا ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى
13:19:49 2025-04-23 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 4- ئاينىڭ 18- كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى 1- پەسىللىك شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشى ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم بولغان، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) سىلىق ئۆرلىگەن، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى (PPI)نىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى تارايغان، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشقان.

 بۇنىڭ ئىچىدە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا باشلىنىش ياخشى بولغان. 1- پەسىلدە شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق چارۋا، ئۆي قۇشلىرى ئىشلەپچىقىرىشىدا ئومۇمىي جەھەتتىن ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن، گۆش، تۇخۇمنىڭ مەھسۇلات مىقدارى مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئاشقان. ئاساسلىق چارۋا، ئۆي قۇشلىرى گۆشىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 514 مىڭ 100 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 21 مىڭ 200 توننا ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.3 ئاشقان.

 CPI سىلىق ئۆرلىگەن. 1- پەسىلدە شىنجاڭنىڭ ئاھالىلەر ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.1 ئېشىپ، سىلىق قايتا ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن. يېمەكلىك، تاماكا، ھاراق باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.4 تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى مېۋە ۋە يېڭى كۆكتاتلارنىڭ باھاسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %8.9 ۋە %7.1 تۆۋەنلىگەن؛ كالا، قوي گۆشىنىڭ باھاسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %11.4 ۋە %5.2 تۆۋەنلىگەن؛ تۇخۇم تۈرىدىكىلەر، يېمەكلىك يېغى ۋە ئاشلىقنىڭ باھاسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %3.9، %1.8 ۋە %1.7 تۆۋەنلىگەن.

 PPIنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى تارايغان. 1- پەسىلدە شىنجاڭدىكى سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى (PPI) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.5 تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى بۇلتۇرقى 4- پەسىلدىكىدىن 1.4 پىرسەنت پوئېنت تارايغان، تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى ئاستىلىغان. شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش تەمىناتى يېتەرلىك بولۇپ، ئالاقىدار ساھەلەردە باھا تۆۋەنلىگەن.

 ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى ۋە ئىستېمال چىقىمىدا مۇقىم ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. 1- پەسىلدە شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 6861 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %7.3 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىي %7.2 ئاشقان. دائىم تۇرۇشلۇق جاي بويىچە ئايرىغاندا، شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 11 مىڭ 282 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %6.0 ئاشقان، ئەمەلىي %5.8 ئاشقان؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 2619 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %7.7 ئاشقان، ئەمەلىي %8.2 ئاشقان. كىرىم مەنبەسىدىن قارىغاندا، ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش خاراكتېرلىك كىرىمى، تىجارەت ساپ كىرىمى، مال- مۈلۈك ساپ كىرىمى، يۆتكىلىش ساپ كىرىمى ئايرىم- ئايرىم ھالدا نامدا %6.8، %7.2، %5.3 ۋە %9.0 ئاشقان.

 1- پەسىلدە شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستېمال چىقىمى 5838 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا نامدا %6.8 ئاشقان. ئىستېمال چىقىم قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا قاتناش، خەۋەرلىشىش، مائارىپ، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش ۋە داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش چىقىمى بىرقەدەر تېز ئاشقان. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يېمەكلىك، تاماكا، ھاراق ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ كىشى بېشى ئىستېمال چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %30.6 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.2 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن؛ مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ئىستېمالنىڭ ئاھالىلەر ئىستېمال چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %41.1 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.7 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. (مۇخبىر گو لىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125