شىنجاڭدىكى تۇنجى دۆلەت كارخانىسى ئالتۇن دۇكىنى — ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) يىپەك يولى ئالتۇن (丝路黄金) ماركىسىنى بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى چۇاڭشىڭ مەيدانىنىڭ 2- قارار E بىناسىدا ئېچىلىدىكەن.
تىجارەت باشلىغان شۇ كۈنى كۆپلىگەن ئېتىبارلار بار بولۇپ، بېكىتىلگەن ئىستېمال سوممىسىغا يەتكەندە، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئاپتوموبىل سوۋغا قىلىنىدىكەن، بۇنىڭدىن باشقا، مۇناسىپ ئىستېمال سوممىسىغا يەتسىلا، ئىستېمالچىلار خۇاۋېي ماركىلىق ئۈچ قاتلىنىدىغان يان تېلېفون، شياۋمى ماركىلىق قوش ئايلانما تۇڭلۇق كىرئالغۇ قاتارلىق بۇيۇملارغا ھەقسىز ئېرىشەلەيدىكەن، شۇنداقلا ئالتۇن زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار قىلىنىدىكەن، بازار باھاسىغا سېلىشتۇرغاندا، ھەرگىرامى 100 نەچچە يۈەن ئەرزان بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىش ھەققى ئېلىنمايدىكەن.