چېچەكلەر راسا ئېچىلدى، كورلىدىكى 5800 مو شاپتۇللۇق باغ ۋاڭخۇڭ يوقلىمىدىن ئۆتىدىغان جايغا ئايلاندى
17:11:30 2025-04-23 تىيانشان تورى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا فوتوسى، خەۋىرى) 4- ئاينىڭ 19- كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ قارايۇلغۇن بازىرى تەسكەن كەنتىدىكى خاۋشياڭ شاپتۇللۇق بېغىدا، رەڭدار شاپتۇل چېچەكلىرى بەس- بەستە ئېچىلدى، ساياھەتچىلەر شاپتۇل دەرىخى ئاستىدا سەيلە قىلىشتى، شاپتۇللۇق بەئەينى گۈل دېڭىزىغا ئايلانغان بولۇپ، سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى.

4- ئاينىڭ 19- كۈنى، رەڭدار شاپتۇل چېچەكلىرى ساياھەتچىلەرنى كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى.

 شۇ كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ قارايۇلغۇن بازىرىدا 4- نۆۋەتلىك شاپتۇل چېچىكى ساياھەت پەسلى پائالىيىتى داۋاملىشىۋاتقانىدى. ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرى، شاپتۇل چېچىكىنى تاماشا قىلىش، ياۋا كۆكتات كولاش، يېزا- كەنتلەرنىڭ مەززىلىك تائاملىرىغا ئېغىز تېگىش قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق شاپتۇل چېچىكى پەسىلى ساياھەت پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، ساياھەتچىلەرگە يېزا- كەنتلەرنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

4- ئاينىڭ 19- كۈنى، كورلا شەھىرى قارايۇلغۇن بازىرىدا 4- نۆۋەتلىك شاپتۇل چېچىكى ساياھەت پەسلى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى، ساياھەتچىلەر رەڭدار كىيىملەرنى كىيىپ شاپتۇللۇق باغدا ئۆزىنى سۈرەتكە تارتماقتا.

 كورلا شەھىرىدىكى 5800 مو يەردىكى شاپتۇل دەرەخلىرى ھازىر راسا چېچەكلىدى، چېچەكلەش مەزگىلى ئون كۈن ئەتراپىدا بولۇپ، ھەر قېتىملىق چېچەكلەش پەسلىدە، نۇرغۇن ساياھەتچى ۋە شۇ جايدىكى ئامما بۇ يەرگە كېلىپ سەيلە- ساياھەت قىلىدۇ ۋە چېچەكلەرنى تاماشا قىلىدۇ.
 كورلا شەھىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شاپتۇل ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىرنىلىك شاپتۇل، توقاچ شاپتۇل قاتارلىق خاس شاپتۇل تۈرلىرىنى تىكىپ، ئۇنى شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندۇردى.

4- ئاينىڭ 19- كۈنى، ساياھەتچىلەر شاپتۇللۇق باغدا سەيلە- ساياھەت قىلىپ چېچەك تاماشا قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125