يېزا- كەنتلەر تەدرىجىي ئۆزگەرمەكتە
10:50:47 2025-04-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

 شىنجاڭنىڭ يېزىلىرى بىر قېتىملىق ھالقىش خاراكتېرلىك تەدرىجىي ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

 كوچىلاردا ماڭغاندا كۆتۈرۈلىدىغان چاڭ- توزانلار تۈگىدى، گىرەلىشىپ كەتكەن، قاتار- قاتار ھويلا- ئارانلار پاكىز، رەتلىك قىياپەتكە كىردى، ئۆيلەردە سۇ چۈشۈرۈلىدىغان ھاجەتخانا ئىشلىتىلدى، يېڭى ئاشخانا، ھاجەتخانا، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئالماشتۇرۇلدى، ساياھەت- ساغلاملىق بويىچە كۈتۈنۈش قاتارلىق يېزا- كەنتلەرنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى تەرەققىياتىنىڭ شەرق شامىلى كەنتلەرگە يېتىپ كەلدى. قىسقىغىنا بىر نەچچە يىلدا، زامانىۋىلاشقان تۇرمۇش ئۇسۇلى شىنجاڭنىڭ كەڭ يېزىلىرىدا تەدرىجىي ئەۋج ئالدى.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، بىر مۇھىم ۋەزىپە يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەنى گۈزەللەشتۈرۈپ، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈپ، تاغلىرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك، ئاسمىنى كۆك، يىرى يېشىل، كەنتلىرى گۈزەل، خەلق ئىناق بولغان گۈزەل مەنزىرىنى قايتا نامايان قىلىشتىن ئىبارەت.

 گۈزەل يېزا- كەنتتىن ئىناق- گۈزەل يېزا- كەنتكىچە، بىر خەتنىڭ ئۆزگىرىشى تېخىمۇ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىدا يېزا- كەنتلەرنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يېزا- كەنتلەرنى ئولتۇراقلىشىشقا تېخىمۇ ماس كېلىدىغان، كەسىپلەر تېخىمۇ گۈللەنگەن، ئادەم بىلەن تەبىئەت تېخىمۇ ئىناق ئۆتىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشتىن دېرەك بېرىدۇ.

 يېزىدىكىلەر نېمە ئۈچۈن «ئەھمىيەت بېرىدىغان» بولدى

 بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىغا بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن كىشىلەر ئالدىنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «ئەھمىيەت بېرىدىغان» بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئاسانلا بايقىيالايدۇ.

 گۇما ناھىيەسى مۇجى بازىرى ھاسار كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى روزىمەمەت قادىر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا بۈگۈنكى كۈندە زور ئۆزگىرىش بولدى. ئىلگىرى بۇ ئائىلىدىكىلەر ئۇخلاش، تاماق يېيىش، مېھمان كۈتۈش، بالىلار تاپشۇرۇق ئىشلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىر كاڭ ئۈستىدە ئېلىپ باراتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۆيى مېھمانخانا، ياتاق ئۆي، ئاشخانا قاتارلىق رايونلارغا ئايرىلدى، سافا، ئۈستەل، تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ قاتارلىق ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق بولدى.

 «ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندا ئاۋۋال قولۇمنى يۇيۇپ، كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ ئاندىن تاماق يەيمەن.» تۇرمۇش ئادىتىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئېلىپ، روزىمەمەت ھازىر ناھايىتى كۆنۈپ قالغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ يىللاردا ئۇنىڭ ئۆيىگە تۇرۇبا سۈيى يەتكۈزۈلدى، پاكىز ئائىلە ھاجەتخانىسى سېلىندى، ئىلگىرى شەھەردە بار كەنتتە يوق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھازىر كەنتتە بار بولدى، ئەتراپىدىكى كەنت ئاھالىلىرىمۇ پاكىز يۈرۈيدىغان بولدى، كىيىنىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، كىم يەنە ھويلا- ئارانلىرىنى تازىلىمىسا، تۇرمۇشى تەرتىپسىز بولسا سىرتقا چىقىشتىن خىجىل بولىدىغان بولدى.

 ئىلگىرى بەزىلەر دېھقان دېگەن شۇنداق بولىدۇ، ئەۋلادمۇئەۋلاد شۇنداق تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن، ئۆزگىرىشنى خالىمايدۇ، دەيتتى. ئەمەلىيەتتە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، زامانىۋى مەدەنىيلىك كەيپىياتىنىڭ تۈرتكىسىدە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تۇرمۇش ئۇسۇلىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى.

 بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس، قارىماققا، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتكىلى بولماسلىقنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭدا نەچچە يۈز، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان شەكىللەنگەن ئادەت كۈچىنىڭ تەسىرى باردەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يېزىلارنىڭ ماددىي شارائىتى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان ۋە ئاممىۋى مۇلازىمىتى كەمچىل. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ شەھەر، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمىتى جەھەتتىكى پەرقىنى تەدرىجىي كىچىكلىتىشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى يېزىلاردا زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلاش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ سۇ، توك، يول، ئۆي، گاز، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلاردىكى ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش، ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، يېزا تۇرمۇشىنى قولايلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

 يېزىلار پاكىز، رەتلىك بولدى، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى تېخىمۇ ئۆستى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار كەنتلەرنى پاكىزلاش ھەرىكىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلار ئاممىسىنى تۇرالغۇ مۇھىتىنى يېشىللاشتۇرۇش، گۈزەللەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، يېزا- كەنت خاسلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، كەنت قىياپىتىنى مىكرو جەھەتتىن ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنىڭ ئازادىلىك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

 نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا پاكىز ئائىلە ھاجەتخانىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى، يېزىلاردىكى تۇرمۇش پاسكىنا سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى، يېزىلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %63، %33، %90كە يەتتى، ئاپتونوم رايون بويىچە شارائىتى ھازىرلانغان يېزا- بازار ۋە ئىشتاتلىق كەنتلەرنىڭ ھەممىسىگە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلدى، يېزىلاردا تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %99كە يەتتى، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %99تىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلىدى، داۋالاش ئۆيى بار مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %97كە يەتتى، يېزا ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، يېزىلار بىلەن شەھەرلەرنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇش جەھەتتىكى پەرق كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان سۈرئەت بىلەن كىچىكلىمەكتە.

 ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى- يېزا نازارىتى يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ما ۋېيچېڭ مۇنداق دېدى: ئۇزاق مەزگىل تىرىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئىلگىرى پەقەت شەھەردىلا بەھرىمەن بولغىلى بولىدىغان ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بۈگۈنكى كۈندە كەنتتىمۇ بەھرىمەن بولغىلى بولىدىغان بولدى، بارغانسېرى كۆپ يېزا- كەنتلەر سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى كۆرگىلى بولىدىغان، يۇرت پۇرىقى، يۇرت سېغىنىشىنى ساقلاپ قالغان ياخشى جايلارغا ئايلىنىپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت تەرەققىيات يېڭى يولىدا ماڭدى.

 شەھەرلىكلەر نېمە ئۈچۈن يېزىلارغا بېرىپ سەيلە- ساياھەت قىلىشنى، مەبلەغ سېلىشنى خالايدۇ

 ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ياخشىلىنىشى يېزىلارغا يېپيېڭى قىياپەت ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا كەسىپلەرنى جەلپ قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. قورغاس ناھىيەسىنىڭ لۇساۋگوۋ بازىرى سىگۇڭ كەنتىدىن ئىبارەت ئىلگىرى ھېچكىم بىلمەيدىغان بۇ كىچىك تاغلىق كەنتنىڭ بىردىنلا بىرەر ياتاق تېپىشمۇ تەسكە توختايدىغان ۋاڭخۇڭ «خۇاڭخۇاڭ كەنتى»گە ئايلىنىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىدى.

 سىگۇڭ كەنتى ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان بولۇپ، فىرانسىيەنىڭ پىروۋېنسى بىلەن ئوخشاش بىر پاراللېل بەلبېغىدا، كىلىمات شارائىتى ۋە تۇپراق شارائىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، يىراق- يېقىنغا داڭلىق ئۈستىقۇددۇس ئۆستۈرۈش بازىسى بولۇپ قالدى.

 «ئىلگىرى كەنت يوللىرى پاتقاق يول ئىدى، يامغۇر ياغقاندا يول مېڭىش تەسلىشىپ كېتەتتى، خاس مەھسۇلاتلارنى سىرتقا توشۇشتىن ئېغىز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.» سىگۇڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى گاۋ زېڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئەگەر مۇكەممەل ئۇل ئەسلىھە بولمىسا، سىگۇڭ كەنتىنىڭ ئۈستىقۇددۇس كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايتتى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سىگۇڭ كەنتى مەۋقەنى ئۆز خاسلىقىغا قويۇپ، ئۈستىقۇددۇس تېرىش، پىششىقلاشنى ئاساس، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنى يېتەكچى قىلغان ئۈستىقۇددۇس يۇغۇرما تەرەققىيات كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ مەزگىلدە، سىگۇڭ كەنتى سېلىنمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، سۇ، توك، يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا- كەنت خاسلىقىغا ئىگە ساراي، قەھۋەخانا، كاۋاپخانا، خاس مەھسۇلاتلار دۇكىنى قاتارلىقلارنى سالدى، مول، كۆپ خىل ساياھەت كەسىپ ھالىتى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ ئارام ئېلىش، ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.

 «ئىشىم يوق چاغلاردا <خۇاڭخۇاڭ كەنتى>گە بېرىپ ئايلىنىپ كېلىمەن.» 2021- يىلى، سىگۇڭ كەنتى «خۇاڭخۇاڭ كەنتى» ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرگە «ئەركىن- ئازادە» بولغان ئاستا رىتىملىق يېزا- كەنت تۇرمۇشىنى ھېس قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلدى. كەنت يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ياردەم پۇل مەبلىغىنى جىپسىلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشنى تايانچ قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۈستىقۇددۇس باش تېمىلىق ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، جەمئىيەتتىن 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ كىرگۈزۈپ، «مەنشىن ۋاڭيوۋگۇ» 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم خاس ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

 سەھرا مەنزىرىسى بار، مودا ئامىللار بار، يېزا- كەنتلەرنىڭ جىمجىتلىقى ۋە راھەتلىكى بار... سىگۇڭ كەنتى قولايلىق تۇرمۇش شارائىتى، ئۆزىگە خاس مۇھىت ئەۋزەللىكى بىلەن نۇرغۇن ياشنى بۇ يەرگە كېلىپ ئىگىلىك تىكلەش، ئولتۇراقلىشىشقا جەلپ قىلدى، پۈتۈن كەنتتە «يېڭى، كونا» كەنت ئاھالىسى 3000 كىشىگە يەتتى. 2024- يىلى، سىگۇڭ كەنتى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 400 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمى 1 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 22 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، يېزا- كەنت تەرەققىياتىنىڭ «تېز سۈرئىتى»نى ياراتتى.

 «يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى شەھەرلەر ئورنىنى باسالمايدىغان تەرەققىيات پۇرسىتىنى ياراتتى.» ما ۋېيچېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، يېزا- كەنتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، ئېكولوگىيەنى ساقلاش، سەيلە- ساياھەت، مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل قىممىتىنى قېزىپ، «يەرلىك خاس مەھسۇلات» ئىشىنى ياخشى ئىشلەپ، 1 ـ، 2 ـ، 3- كەسىپ ۋە يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ قوشۇلما قىممەت پايدىسىدىن دېھقانلار ۋە كەنت كوللېكتىپىنى تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلەندۈردى.

 كەسىپ تەرەققىياتىنى ئاساس قىلىپ، شىنجاڭ دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەش مەنپەئەت چېتىش مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈردى، ھەرقايسى جايلار يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش كارخانىلىرىنى قوللاش سىياسىتىدىن بەھرىلەندۈرۈشنى دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەش بىلەن زىچ بىرلەشتۈردى. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىك كەسىپ بىرلەشمە گەۋدىسىدىن 273ى قۇرۇلۇپ، 2 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنىڭ قوشۇلما قىممەت پايدىسىدىن بەھرىلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ تەرەققىياتى ئارقىلىق خەلققە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈلدى.

 يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىدا قانداق قىلغاندا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ

 شۇنى ئالدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە بارغانسېرى كۆپ يېزا- كەنتتە زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلاش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئاممىۋى مۇلازىمەت ئومۇملاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يېزا- كەنتلەر قانداق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، قانداق تەرەققىي قىلىدۇ؟ بۇ مەسىلىلەر يېزا- كەنت يىرىك پىلان لايىھەسىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى.

 2022- يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، جەمئىي 5 مىليارد 400 مىليون يۈەن مالىيە جىپسىلاشتۇرۇش مەبلىغى ئاجرىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك كەنتتىن 610نى قۇرۇپ چىقتى. قۇرۇش تەجرىبىسىدىن قارىغاندا، يىرىك پىلاننى ئالدىن يولغا قويۇش، كۆپ خىل سېلىنما سېلىش، دېھقانلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، سىياسەت جەھەتتىن قوللايدىغان، دېھقانلار قاتنىشىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يېزا- كەنتلەرنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك قۇرۇلۇشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ يېزا- كەنت خاس كەسىپلىرى تەرەققىياتى بەلگىلىك ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە. شۇ جاي ئەڭ گۈزەل بەنشەن ساياھەت تاشيولى، مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ يېزا ئىگىلىك باغچىسى ۋە سەيزىگوۋ كەنتى، شىمىگۇ كەنتى، يۆلياڭدى كەنتى قاتارلىق ئۈلگىلىك كەنتلەرگە تايىنىپ، نۇقتىلارنى تۇتاشتۇرۇپ لىنىيە ھاسىل قىلىپ پۈتۈن رايون ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، ئەدەبىيات سارىيى تەتقىقات- ئۆگىنىش، رەڭدار ئونمىڭ مولۇق بىنەم يەر كۈتۈنۈش ساياھىتى قاتارلىق سەرخىل لىنىيەلەرنى بەرپا قىلدى، لىنىيە بويىدىكى كەنتلەر ئۆز خاسلىقىغا ئاساسەن مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىگە قاتنىشىپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتتى. 2024- يىلى، مورى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى مەدەنىيەت كەسپى ئارقىلىق يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشتىكى ئۈلگىلىك ناھىيە بولۇپ تاللاندى، پۈتۈن بىر يىلدا جەمئىي 3 مىليون 33 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى، ساياھەت كىرىمى 2 مىليارد 183 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2023- يىلىدىكىدىن %66.14 ئاشتى.

 نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە قۇرۇلغان يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك كەنتلەرنىڭ ھەممىسى «كۆپ خىل يىرىك پىلاننى بىرىكتۈرۈش» ئەمەلىي قوللىنىشچان كەنت يىرىك پىلانى تۈزۈشنى تولۇق تاماملاپ، سىستېمىلىق پىلانلاش ئارقىلىق، كەنتلەرنىڭ ئورۇن بېكىتمىسى، تەرەققىيات نىشانى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى رايون ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا سىڭدۈرۈپ، ئاۋۋال پىلانلاپ ئاندىن قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىنى بەلگىلىمە بويىچە تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى. ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش، پىلانلاشنىڭ پايدىسىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە 610 ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلاش نىشانىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرغاندىن سىرت، 2024- يىلى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 25 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى، بۇ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 6000 يۈەنگە يېقىن يۇقىرى بولدى، ئېشىش سۈرئىتىمۇ ھەرقايسى ۋىلايەت، رايونلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولدى.

 «تېخىمۇ كۆپ كەنتنى تېخىمۇ گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان قىلىمىز.» ما ۋېيچېڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل، شىنجاڭ «نۇقتىلارنى تۇتاشتۇرۇپ لىنىيە ھاسىل قىلىش، لىنىيەلەرنى تۇتاشتۇرۇپ بۆلەك ھاسىل قىلىش» تەرەققىيات ئىدىيەسى بويىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان كەنتتىن 260نى قۇرۇپ، قۇرۇلغان ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك كەنتلەر بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، لىنىيەلەرنى تۇتاشتۇرۇپ بۆلەك ھاسىل قىلىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، كەسىپلەرنى بىرلەشتۈرۈپ توپلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، بايلىق ئۈستۈنلۈكى، ئەۋزەللىكلەردە بىر- بىرىنى تولۇقلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىناق، گۈزەل، ئورتاق بېيىيدىغان ئۆمەك تەشكىللەپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ھەرقايسى جايلار دىققەتنى كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزىلاردا زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلاش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقىنى تەدرىجىي كىچىكلىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تەدرىجىي ھالدا ئۈلگە كۆرسىتىشنى يېتەكچىلىك قىلىشقا ئۆزگەرتىپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت بىلەن شەھەر ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ماسلىشىپ يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ ئىناق، گۈزەللىكىنى ھېس قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125