ما شىڭرۇي بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىڭ ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
08:00:00 2025-04-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ناھىيە رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 4- ئاينىڭ 22- كۈنى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، جىڭ ناھىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېكولوگىيەنى قوغداش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي ساقلاپ، ناھىيە رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

 ما شىڭرۇي جىڭ ناھىيەسىنىڭ بازارلىق ساقچىخانىسىغا كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى خەلق ساقچىلىرىدىن ساقچى كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىش خىزمەت نەتىجىلىرىنى تەپسىلىي سورىدى، تەۋەلىكنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، كۈندىلىك خىزمەت تەدبىرلىرى قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى ۋە كۆپچىلىككە مۇنداق تاپىلىدى: تۈجۈپىلىك ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، خەۋپ- خەتەرگە دەل جايىدا ھۆكۈم قىلىش، تۈرگە ئايرىپ ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق تۆۋەن چېكىنى ھەقىقىي ساقلاش كېرەك. ئارقىدىن، ما شىڭرۇي جىڭ ناھىيەلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىگە كېلىپ، مەركەزنىڭ قۇرۇلۇش، يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، جەمئىيەت خىزمىتى، ئەرزىيەت خىزمىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ناھىيە دەرىجىلىك ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ۋەزىپە تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس- تەلەپلىرىنى «بىر پونكىت شەكلى»دە ھەل قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە زىددىيەت- ماجىرالارنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىش كېرەك. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەت سۈپىتىدە بوشاشماي دائىم تۇتۇپ، ھەم زور خەۋپ- خەتەرنىڭ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ھەم چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس- تەلەپلىرىنى ھەل قىلىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش داۋامىدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

4- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىڭ ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي شىنجاڭ خوۋۋاڭ كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ تۈر نەق مەيدانىغا كېلىپ، چارلاپ تەكشۈرۈش- ئېچىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، جىڭ ناھىيەسىنىڭ كانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ما شىڭرۇي شىنجاڭ خوۋۋاڭ كانچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ يىلىغا 1 مىليون توننا كۆپ خىل رۇدا تاللاش زاۋۇتى، يىرىك مىس تاۋلاش تۈرى نەق مەيدانىغا كېلىپ، چارلاپ تەكشۈرۈش- ئېچىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، بورتالا ئوبلاستى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ كانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، قېزىلما بايلىق خىزمىتىنى رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقنى كۆزلەپ، زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

 تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ما شىڭرۇي ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يەر دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىلمىي پوزىتسىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ئېبنۇر كۆلى ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ بىر- بىرىنى تولۇقلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەۋقەنى ئېقىن رايونى ئومۇمىي گەۋدىسىگە قويۇپ، سۇ بايلىقى تەمىناتىنى كۈچەيتىپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، سۇ بايلىقىنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداشقا تىرەك بولۇش، كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

 ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ناھىيە رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى سىجىل زورايتىش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن- ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ- خەتەرنى ئويلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە، ئەمەلىي تۇتۇپ، مۇقىملىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جىڭ بىر تۈگۈن، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ناھىيە رايونىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇپ، بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ تۈۋرۈك كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، شەھەر- بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: سىستېمىلىق تەپەككۇر، ئومۇملۇق نەزەر دائىرىسى، يىراق كەلگۈسى نەزەر بىلەن سۇ بايلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇ كۆپەيتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش چوڭ- چوڭ قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، رايوننىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئەمەلىي بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125