كىتابنى AI دەۋرىدە تېخىمۇ ئوقۇش كېرەك
10:59:21 2025-04-24 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 يېقىندا، شىنجاڭلىق يازغۇچى لى جۈەن شەخسىي ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا DeepSeek توغرىسىدا يۇمۇرلۇق قىلىپ: «نېمە ئۈچۈن ھەممە ئادەم ئۇنى ئاجايىپ سىرلىق دەپ قارايدۇ؟ ئۇ مەن سورىغان سوئاللارنىڭ بىرىگىمۇ جاۋاب بېرەلمىدى» دېدى. گەرچە زېرەك ھەم ئەقىللىق لى جۈەننىڭ نېمىنى سورىغانلىقىنى بىلمىسەكمۇ، لېكىن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، شەخسىي ئۇسلۇبقا باي مۇنداق بىر مۇنەۋۋەر يازغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، AIنىڭ رولى ئىنتايىن چەكلىك ئىدى.

 بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە، AI ھەممىگە قابىل «تالانت ئىگىسى» ھېسابلىنىدۇ، لېكىن لى جۈەنگە نىسبەتەن AI نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان «نائۇستا»غا ئايلىنىپ قالدى. نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟ چۈنكى لى جۈەن AI ئورنىنى باسالمايدىغان تۇرمۇش كەچۈرمىشىگە ئىگە بولغاندىن سىرت، تېخىمۇ ئۆزگىچە تەپەككۇر ئۇسۇلىغا، شۇنداقلا ئادەتتىكى كىشىلەردىن ھالقىغان، AIدىن تېخىمۇ ھالقىغان ئىدراكىي ئىقتىدارغا ئىگە، بۇ دەل كۆپ مىقداردا كىتاب ئوقۇشتىن كەلگەن ئىجادچانلىقتۇر. ئەكسىچە، AIنىڭ قابىللىقىغا قارىغۇلارچە ئىشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپ ھاللاردا ئۆزىنىڭ بىلىم جۇغلانمىسى چەكلىك، مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارى كەمچىل بولىدۇ، بۇ دەل كىتاب ئوقۇش مىقدارىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان چەكلىمىلىك.

 شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، AI ھەقىقەتەن بىزنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىشىمىزگە نۇرغۇن قولايلىق ئېلىپ كەلدى، لېكىن كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى ساقلاپ قالغان كىشىلەر بىلەن كىتابنى ئاز ئوقۇيدىغان كىشىلەرنىڭ AIنى ئىشلەتكەندىن كېيىنكى نەتىجىسى پۈتۈنلەي ئوخشاش ئەمەس. ئالدىنقىلار ئۆزىنىڭ بىلىم سىستېمىسى ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلى ئارقىلىق، AI ئىشلەپچىقارغان مەزمۇنلارنى پەرقلەندۈرۈپ تاللايدۇ، بۇ ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش ئىلھامىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، پېرسوناژلار ئوبرازى ئىنتايىن جانلىق، ئىچكى مەزمۇنى چوڭقۇر ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقالايدۇ. ھالبۇكى، كېيىنكىلەرنىڭ چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى كەمچىل بولغاچقا، پەقەت AIنى ئىشلىتىپ «بىر كۇنۇپكا بىلەن ھاسىل قىلىش»نىلا بىلىدۇ، ئۇلار كۆپلەپ ئىشلەپچىقارغان ئەسەرلەر قارىماققا «كۆزنى قاماشتۇرىدىغان»، ئەمما كود ئىزى بىلەن تولغان ئاقما لىنىيە مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

 AI دەۋرىدە بىز كىتاب ئوقۇشتىن ۋاز كەچمەيلا قالماستىن، يەنە ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ كۆپ كىتاب ئوقۇشىمىز كېرەك، چۈنكى مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن مۇستەقىل، سەگەك كاللىمىز ئارقىلىق AIنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇپ، ئادەم بىلەن AIنىڭ يۇغۇرۇلۇپ ئورتاق ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125