شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارتىيەلەر مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى
08:06:00 2025-04-25 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي، ليۇ جيەنچاۋ سۆز قىلدى، راخمان تەبرىك خېتى ئەۋەتتى، يېرمەكبايېف، داۋانكوف، خوجايېۋا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى

4- ئاينىڭ 23- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى بىرلىشىپ باشچىلىق قىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارتىيەلەر مۇنبىرى شىنجاڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى  (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» ئاستانا باشلىقلار يىغىنىدىكى مۇھىم تەشەببۇسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 4- ئاينىڭ 23- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى بىرلىشىپ باشچىلىق قىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارتىيەلەر مۇنبىرى شىنجاڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، باش تېمىسى «<شاڭخەي روھى>نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش: پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى» بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ليۇ جيەنچاۋ مۇنبەرگە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر، سۆھبەتلەشكۈچى ھەمراھلار قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەتتىكى 60 نەچچە پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى ھەم جۇڭگودا تۇرۇشلۇق قىسمەن ئەلچىلەردىن بولۇپ 200دىن ئارتۇق كىشى مۇنبەرگە قاتناشتى. تاجىكىستان زۇڭتۇڭى، خەلق دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى راخمان تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى يېرمەكبايېف، رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى داۋانكوف، ئۆزبېكىستان ئالىي كېڭىشى قانۇن چىقىرىش پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خوجايېۋا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى.

ما شىڭرۇي سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: «شاڭخەي روھى»نىڭ يېتەكچىلىكىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداپ، ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات يولىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق پايدا ئېلىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتەك يېپيېڭى ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى يارىتىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. پارتىيە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ قېتىمقى مۇنبەردە پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى تېما قىلىنغان بولۇپ، بۇ مۇقەررەر ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ھەرقايسى دۆلەت پارتىيەلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىچە پارتىيەلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەزمۇت تۈۋرۈك بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشقا يېتەكلەيدىغان داغدام يول ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. شىنجاڭ ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پائال بەرپا قىلىۋاتىدۇ. بىز بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد- سودا سېلىنمىسىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشىمىز.

ليۇ جيەنچاۋ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: 2024- يىلى 7- ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» ئاستانا باشلىقلار يىغىنىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارتىيەلەر مۇنبىرى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى ۋە كەڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. بۈگۈن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»دىكى پارتىيەلەر ۋە سىياسىي تەشكىلاتلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش، گۈزەل ماكان بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى خەرىتىسىنى ئورتاق سىزىپ چىقتى. قۇرۇلغان 24 يىلدىن بۇيان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يېڭىچە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ تەرەققىيات يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىزدىنىپ تېپىپ چىقىپ، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. ھازىر، يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ھەرقايسى دۆلەت پارتىيەلىرى ۋە سىياسىي تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە، سىياسەت تۈزۈش ۋە ماسلاشتۇرۇش، يېتەكلەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ تىنچ- ئامانلىق ۋە خەۋپ- خەتەردە بىللە بولۇش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىشتىن ئىبارەت يېڭىچە خەۋپسىزلىك ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەندىزىسى»نى يارىتىشقا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ؛ «سىياسىي ئارقىلىق ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش» رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «پارتىيە +» ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۈلگىسى»نى تىكلەشكە تۈرتكە بولىدۇ؛ باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆھبەتلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت مەدەنىيلىك قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق خەلقنى ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا يېقىن ئۆتۈش، مەدەنىي سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا يېتەكلەپ، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەمەلىيىتى»نى ئۈزلۈكسىز بېيىتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارتىيەلەر مۇنبىرىنى مېخانىزملاشتۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارتىيەلىرىنىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تورىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، تېخىمۇ زىچ بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

راخمان تەبرىك خېتىدە مۇنداق بىلدۈردى: يەرشارىدا جىددىي ۋەزىيەت كەسكىنلىشىۋاتقان، ئىقتىسادىي كىرىزىس كۆپ يۈزبېرىۋاتقان ۋە دەۋر قىيىن مەسىلىلىرى گەۋدىلىك بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، بىزنىڭ ئىتتىپاقلىقىمىز بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق تىرىشىپ، رايون ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش، پارتىيەلەر ئارا ئالاقىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىشى كېرەك. تاجىكىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارتىيەلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ.

يېرمەكبايېف مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر، خەلقئارا قانۇن مىزان سىستېمىلىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ، جۇغراپىيەلىك سىياسىي توقۇنۇش كۈچىيىۋاتىدۇ، قورۇقچىلىق ۋە سودا چەكلىمىسى ئىقتىسادىي داۋالغۇش پەيدا قىلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەم ئۇنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنىڭ تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى قوغداش، تېخىمۇ دېموكراتىك، ئادىل بولغان كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا بەرپا قىلىشتىكى مۇھىملىقى كۈنسېرى گەۋدىلەندى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەت پارتىيەلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇش، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىغا تۈرتكە بولۇش ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، جەزمەن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىدىيەسى توغرىسىدا ئورتاق تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتى جەھەتتە ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى قانات يايدۇرۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.

داۋانكوف مۇنداق بىلدۈردى: بۈگۈنكى دۇنيا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، خەلقئارا ۋەزىيەت كۈنسېرى جىددىيلەشمەكتە، يېڭى توسۇقلار پەيدا بولماقتا. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، ھەرقايسى دۆلەتلەر تەرەققىيات يۆنىلىشىنى يوقىتىپ قويماي، ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى ۋە قىممەت قارىشى بويىچە قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارتىيەلەر مۇنبىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سۆھبەتلىشىشىنى كۈچەيتىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملىشىگە پايدىلىق.

خوجايېۋا مۇنداق بىلدۈردى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 24 يىلدىن بۇيان، قەتئىي تۈردە ئۆزىگە تەۋە بولغان تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىپ، ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت سىستېمىسىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندى. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، «شاڭخەي روھى»دا چىڭ تۇرۇش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۆزبېكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغان مەزگىلدە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارتىيەلەر مۇنبىرىنى مېخانىزملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ.

يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت پارتىيەلىرى ۋە سىياسىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك، باياشات ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. جۇڭگو تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارتىيەلەر مۇنبىرى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى دۆلەت پارتىيەلىرىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان مۇھىم سۇپا بىلەن تەمىنلىدى.

مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن جوۋ پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمى ھەم دۆلەتنىڭ قىسمەن مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىدىكى يولداشلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، ۋاڭ جيەنشىن، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى قىسمەن ئورۇنلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

مۇنبەر ئېچىلىشتىن بۇرۇن، ما شىڭرۇي قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى مۇنبەرگە قاتناشقان يۇقىرى دەرىجىلىك جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يەرلىكلەر ئارا ئەمەلىي ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125