ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
09:10:29 2025-04-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 4- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋيېتنام، مالايسىيا، كامبودژادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى ۋە مەركەزنىڭ نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيىتىنى تۈگىتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى، ئاپتونوم رايوننىڭ 1- پەسىللىك ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە چىققان مەزگىلدە قىلغان بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئەتراپ خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد- سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى پائال كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامغا كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشتىن- ئاخىر شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ماھىيەتتىن تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، تۈزىتىشنى كەسكىن، ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۈزۈم مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. «1- ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى يول قاتنىشى، كۆمۈرلۈك- كان، ئوت مۇداپىئەسى، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، مۇداپىئەلىنىش ۋە تۈگىتىش، بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نۇقتىلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى سىياسەت يېتەكچىلىكى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنى تەڭشەش- تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل بايلىقى ۋە كەسىپلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىي ئومۇمىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، نېفىت- تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ جايلىشىشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى پائال پىلانلاش كېرەك. خىزمەتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكلىكى، ماسلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشتىن ساقلىنىش كېرەك.

يىغىندا مەركىزىي كومىتېتنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئالاقىدار خىزمەت تەلىپى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆگىنىش- تەربىيەسى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى بىر قېتىملىق مۇھىم سىياسىي چېنىقىش دەپ بىلىپ، ئۆگىنىش- مۇھاكىمە قىلىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىش، مەركەزلىك تۈزىتىش، ئوچۇق- ئاشكارا تەربىيەلەش قاتارلىق تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى تاۋلىشى كېرەك. ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى كۈچەيتىپ، بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى پائال پۇختا ھەل قىلىپ، ئەمەلىي نەتىجە، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق ئۆگىنىش- تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشى كېرەك. ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىق قىلىش، يۈزەكى ئىش قىلىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا يۈكسىلىش ئاساسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدا باشلىنىش ياخشى بولدى، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ۋەزىيىتى ئاكتىپ بولدى، پۈتۈن يىللىق تەرەققىياتتا تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا نىشانلىق تۈرتكە بولۇشى كېرەك. سانائەتنىڭ ئېشىشىنى زور كۈچ بىلەن مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنما يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا دائىر چوڭ- چوڭ تۈرلەرنى تېز قۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش، سۈپەت ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىستېمالنىڭ ئېشىش مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز قېزىشى كېرەك. ئىمپورت- ئېكسپورت سودىسىنى سىجىل مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تاشقى ھەمكارلىق يېڭى بوشلۇقىنى پائال ئېچىشى كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىغا تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكلەش خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشى كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، سىستېمىلىق خەۋپ- خەتەر كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ساقلىشى كېرەك. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ھەقىقىي تۈردە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىلى پۇختا بولماسلىق، ساختىپەزلىك قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي توسۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125