«بىر يۇمىلاق شەكىل، بىر چاسا شەكىل» ئارىسىدىكى تارىخنىڭ ئەكس ساداسىغا قۇلاق سېلىش
09:00:37 2025-04-26 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شىن شىجيەن

ھەيۋەتلىك شامال قۇمال تېغىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تۆپىلىكتىن سىيپاپ ئۆتتى، ئۇنىڭ ئۈستىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بىر يۇمىلاق شەكىللىك، بىر چاسا شەكىللىك ئىككى بۇددا مۇنارى نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيانقى ۋاراڭ- چۇرۇڭدىن جىمجىتلىققا چۆمگەن ۋاقىتقا گۇۋاھ بولدى. بۈگۈنگە قەدەر، ئارخېئولوگلار قۇمساڭغۇ توپىنىڭ «شىر- شىر» قىلغان ئاۋازىنى يېرىپ ئۆتۈپ، مورا ئىبادەتخانىسىنى يەنە بىر قېتىم ئويغىتىپ، بىزگە تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئەكس سادانى يەتكۈزدى.

4- ئاينىڭ 24- كۈنى، 2024- يىللىق مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاشنى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، شىنجاڭ قەشقەر مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسى تاللاندى. ئالتە يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش جەريانىدا، بۇت پارچىلىرى، كۆپ خىل پۇل، كاھىش دېتاللىرىنىڭ ئارقا- ئارقىدىن قېزىلىشىغا ئەگىشىپ، مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى تەدرىجىي نامايان بولۇپ، بۇ تۇپراقنىڭ تارىخىي قىياپىتى بارغانسېرى روشەنلەشتى، ئۆتمۈش بىر- بىرلەپ بايان قىلىنىپ، رېئاللىق ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

مورا ئىبادەتخانىسىنىڭ «بىر يۇمىلاق شەكىل، بىر چاسا شەكىل» ئارىسىدا، كۆپ خىللاشقان مەدەنىيەت جۇغلانمىسىنىڭ جۇلالىق نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ. قۇرۇشقا باشلاپ تەدرىجىي تاشلىنىپ قالغانغا قەدەر، مورا ئىبادەتخانىسى نەچچە ئەسىرلىك ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈردى، ئۇنىڭ نوقۇل ھالدىكى قۇرۇلۇش ئامىللىرىدىن قارىغاندا، جيەنتولو ئۇسلۇبىدىكى بۇددا مۇنارى بار، شۇ جايدىكى 回 خېتى شەكىللىك بۇتخانا بار، يەنە خەنچۇەن بۇددا دىنىنىڭ چوڭ بۇتخانا قۇرۇلۇشىمۇ بار. قېزىۋېلىنغان نۇرغۇن بۇت پارچىلىرى ئىچىدىكى «قاڭشارلىق، قويۇق قاشلىق، كۆزى چوڭقۇر»لىرىدا بۇددا دىنى غەربىي يۇرتقا تارقالغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئالاھىدىلىك بار، ھالبۇكى، «قاشلىرى ئىنچىكە، كۆزلىرى سوزۇنچاق، يۈزى يۇمىلاق بولۇش» بۇددا دىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن غەربىي يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ھەيكەلتىراشلىق ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان. ئوخشاش بولمىغان دەۋردىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە خارابىلىكلەردە كۆپ خىل مەدەنىيلىكنىڭ بۇ جايدا ئۇچراشقان كۆرۈنۈشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، شۇنداقلا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ سىرتتىن كەلگەن مەدەنىيلىك ئامىللىرىنى پائال قوبۇل قىلىپ، سىغدۇرۇشچان، كەڭ قورساق بولۇش ئارقىلىق سىجىل تەرەققىي قىلىپ زورىيىشتەك تارىخىي ئىزناسىنى دەلىللىمەكتە.

مورا ئىبادەتخانىسىنىڭ «بىر يۇمىلاق شەكىل، بىر چاسا شەكىل» ئارىسىدا، شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تارىخى ئەمەلىي ئىسپاتلانغان، مورا ئىبادەتخانىسىدىكى ئىككى بۇددا مۇنارى دەسلەپكى مەزگىلدىكى چوڭ تىپتىكى يەر ئۈستى بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەم ئۇلارنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىگەن. تاشقورغاندىكى ئاتەشپەرەسلىك دىنى ئوت سۇپىسىدىن گۇچۇڭدىكى تاڭچاۋدۇن قەدىمىي شەھەر خارابىسىدىكى نېستورىئان دىنى ئىبادەتخانىسىغىچە، يەنە بۈگۈنكى قەشقەر مورا ئىبادەتخانىسىغىچە بولغان سانسىزلىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى- ئاسار ئەتىقىلەر شىنجاڭنىڭ قەدىمدىن تارتىپ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون ئىكەنلىكىنى، بۇددا دىنى، زوروئاستىر دىنى، داۋجياۋ دىنى، مانى دىنى، نېستورىئان دىنى، ئىسلام دىنى، خىرىستىيان دىنى قاتارلىق دىنلارنىڭ شىنجاڭدا مول مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قالدۇرغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

مورا ئىبادەتخانىسىنىڭ «بىر يۇمىلاق شەكىل، بىر چاسا شەكىل» ئارىسىدا، دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى نامايان قىلىنغان. مورا ئىبادەتخانىسىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش داۋامىدا، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چوڭ تىپتىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىمارەتلەردە دائىم ئىشلىتىلگەن بىر پارچە كاھىشنىڭ قېزىۋېلىنىشى مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلغانلىقىنى مۇھىم ئىسپات بىلەن تەمىنلىگەن. قەدىمدىن تارتىپ مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشى سىياسىي، ھەربىي جەھەتتىكى تەشكىلىي تۈزۈلۈشكە ئىگە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جەمئىيەت، مەدەنىيەت قاتلىمىغا سىڭىپ كەتكەن. كاھىشنىڭ تېپىلىشى مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ غەربىي يۇرتنىڭ جەمئىيەت، مەدەنىيەت قاتلىمىدىكى تەسىر كۈچىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. تارىخ شۇنى قايتا- قايتا ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يىلتىزى ۋە جېنى، ئۇ باشتىن- ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇر تۇپرىقى، باشتىن- ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنىۋى ماكانى.

مورا ئىبادەتخانىسىنى قېزىش ۋە قوغداش قوشۇنىدىكى ھەر مىللەت ئەزالارنىڭ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، قول تۇتۇشۇپ ئىشلىشى بۇ تۇپراقتا بىللە تېرىقچىلىق قىلىپ، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، يىللارنى بىللە قوغداۋاتقانلىقىغا ئوخشايتتى. بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ قارىسىڭىزلا پويىزنىڭ غۇيۇلداپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز، ئېتىز- ئېرىق يوللىرى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، خۇددى مىڭ يىللىق يىپەك يولىنىڭ شان- شەرىپى ئەزەلدىن يىراقلاپ كەتمىگەندەك كۆرۈنەتتى ھەم يىپەك يولىدىكى مەرۋايىتقا تېخىمۇ جۇلالىق نۇر بېغىشلىغانىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125