شىۋىرغانلىق پوچتا يولى ئاممىنىڭ «قەلب يولى»نى تۇتاشتۇردى
11:07:23 2025-04-27 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ۋېي يۇڭگۇي

 17 يىلدىن بۇيان، مۇقامېتبېك مۇقامېتقالى بوران- چاپقۇنغا قارىماي، پوچتا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ بېرىپ كېلىش مۇساپىسى 448 كىلومېتىر كېلىدىغان پوچتا يولىنى بېسىپ، جەمئىي 2 مىليون پارچىدىن ئارتۇق پوچتا يوللانمىسىنى يەتكۈزۈپ، ياشلىق باھارى ۋە ئەجىرى ئارقىلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ جاراڭلىق قەسىمىنى ئىزاھلاپ بەردى. بۇ پوچتا يولى فىزىكىلىق مەنىدىكى قاتناش لىنىيەسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى خەلق رايى بىلەن پارتىيە رايىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئاساسىي قاتلام ئەمگەكچىلىرىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە.

 ئالتاي تاغ تىزمىسىدىكى قارلىق دالا پوچتا يولى جۇڭگودىكى ئەڭ خەتەرلىك پوچتا يوللىرىنىڭ بىرى. مۇقامېتبېك ناچار تەبىئىي مۇھىت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى خەلق تۇرمۇشى مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىگە ئېلىشى كېرەك. ئۇنىڭ يەتكۈزگىنى خەت- چەك، پوسۇلكىلا بولماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە رىشتى بولدى.

 ئۇنىڭ چىڭ تۇرۇشىغا تىرەك بولغىنى مەسئۇلىيەت، بۇرچ بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «ئۇرۇق- تۇغقان»لىرىغا بولغان رىشتى بولدى. ئۇ ھەربىر كەنت ئاھالىسىنىڭ ئېھتىياجىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، چارۋىچىلارنىڭ ئىشىنى ئۆز ئۆيىنىڭ ئىشىدەك بېجىرىپ بەردى. بۇ خىل ھېسسىيات ئۇنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىدە- ئۇرۇق- تۇغقىنىدىنمۇ يېقىن قىلدى.

 ھەقىقىي خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئۇنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغۋار ئىكەنلىكىدە ئەمەس، بەلكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غا يېتىپ بېرىش- بارالماسلىقتا. پوچتا ئاپتوموبىلىنىڭ سىگنال ئاۋازى تاغ جىلغىسىدا ياڭرىغاندا، كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان خەلق تۇرمۇشى مېلودىيەسى ياڭرىدى؛ پوچتا ئاپتوموبىلىنىڭ چىرىغى قاراڭغۇلۇقنى كېسىپ ئۆتكەندە، قارلىق تاغنى يورۇتۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ مەنىۋى كوردىناتىنى يورۇتتى.

 تاغ- دەريا ۋادىلىرى، قارلىق ئېگىزلىك، چۆل- باياۋان، شەھەر يېزا- كەنتلىرىدە سانسىزلىغان «مۇقامېتبېك»لەر جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە، ئۇلار دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەجىر سىڭدۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش جاۋاب قەغىزىنى پۈتمەكتە.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125