شىن شىجيەن
بۇ يىل 1- پەسىلدە شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 472 مىليارد 909 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئاشتى.
ئىشنى ياخشى باشلاش بىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا جاسارەت بىلەن تۈرتكە بولۇپ، «پۈتۈن يىللىق ئىشنى غەلىبىلىك تاماملاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز ئۈچۈن ياخشى باشلىنىش بولدى، غەيرىتىمىزنى ئاشۇردى، ئىشەنچ قوشتى.
ھازىر، تاشقى مۇھىت مۇرەككەپ، كەسكىن بولماقتا، ئامېرىكا تاموژنا بېجى «قالايمىقان مۇشت»ىنى شىلتىڭلاتتى، مۇشتۇمزورلۇق قىلمىشى تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشتى. 1- پەسىللىك ئىقتىسادتا «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش» كىشىنى روھلاندۇرۇش، جەڭگىۋارلىقنى ئۇرغۇتۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىشى، ئېچىۋېتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشىنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
1- پەسىلدىكى نەتىجە قەغىزىدە «ئېشىش» دېگەن سۆز ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ ئۇرغۇغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، بىزگە «زېھىن ۋە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىش»تىكى ئۇيۇل تاشتەك ئىرادىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئېنىقسىزلىق داۋامىدا ئېنىقلىقنى ئىگىلەشتىكى ئىزدىنىش تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى تۈجۈپىلەپ ئىشلەشنى كۆرسىتىپ بەردى، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ باشلىنىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، تەرەققىياتى يېڭى تۈسكە كىردى، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ياخشىلاندى.
«تۇنجى ئىشنىڭ غەلىبىلىك باشلانغانلىقى» ئۈچ كەسىپنىڭ ماسلىشىپ كۈچىگەنلىكىدىن بولدى.
1- پەسىلدە، 1-، 2-، 3- كەسىپ ماسلىشىپ كۈچىدى، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولدى. 1- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 14 مىليارد 245 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئاشتى، 2- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 187 مىليارد 848 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.9 ئاشتى، 3- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 270 مىليارد 816 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئاشتى. 1-، 2-، 3- كەسىپنىڭ بىرلىكتە ئورتاق يۈكسىلىشى شىنجاڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتكەنلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى ۋە مۇھىم نەتىجىسى.
1- پەسىل دەل قىش بىلەن ئەتىياز ئالمىشىدىغان پەسىل، پەقەت كۈچنى بىرىكتۈرۈپ «پەسىل خاراكتېرلىك» قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن «1-، 2-، 3- كەسىپ»نىڭ تەڭ قەدەمدە يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلدى، ۋەزىيەت ياخشى بولدى، كۆكتات ھەم يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ھوسۇلى ئېشىپ مول ھوسۇل ئېلىندى، گىلاس، ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرى قاتارلىقلار باغ- ئورمانچىلىقنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. سانائەت ئىقتىسادىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق سۈپەت ئۆستۈرۈلۈپ، مىقدار ئاشۇرۇلۇپ، سۈپەت ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى مىقدارىنىڭ ئېشىشى سانائەت «ئاساسىي ھالىتى»نى پۇختىلىدى، نۇقتىلىق ساھەلەردە كۆپ نۇقتىدىن كۈچەش ئارقىلىق، سانائەتتە «باشلىنىش مۇقىم بولۇش»قا تۈرتكە بولۇندى، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تېز ئالغا سىلجىتىلىشى سانائەتنىڭ «يېڭى قۇۋۋەت»ىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى «ئەلا سۈپەتلىك تۇپراق» بىلەن تەمىنلىدى. مۇلازىمەت كەسپى يېڭىلىق يارىتىشقا ئاتلىنىپ نەتىجە ياراتتى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ ھالىتى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى. كەسىپنى مۇقىملاشتۇرۇش، زەنجىرنى كۈچەيتىش، قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈش 1-، 2-، 3- كەسىپنىڭ يۇغۇرۇلۇپ بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى.
«تۇنجى ئىشنىڭ غەلىبىلىك باشلانغانلىقى» سېلىنما بىلەن ئىستېمالنىڭ ماسلىشىپ كۈچىگەنلىكىدىن بولدى.
سېلىنما بىلەن ئىستېمال ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولۇپ، بىر- بىرىگە باغلىنىشلىق، بىر- بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىر- بىرىنى چەكلەپ تۇرىدۇ. شىنجاڭ تۈرلەردە مەركەزلىك ئىش باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تۇتۇپ، سانائەتتە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشنى تۇتۇپ، ئىستېمال دائىرىسىنى كېڭەيتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تۇتۇپ، 3- كەسىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى تۇتۇپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپكە ماسلىشىپ كۈچەپ، سېلىنما بىلەن ئىستېمالنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
1- پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ئومۇمىي سوممىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.7 ئاشتى، چوڭ- چوڭ تۈرلەرنىڭ تۈرتكىلىك رولى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، خەلق ئىچى سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئېشىپ، «سېلىنمىنى تۇتقانلىق تەرەققىياتنى تۇتقانلىق، تۈرنى كۆزلىگەنلىك كەلگۈسىنى كۆزلىگەنلىك» مەركەزلىك نامايان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بەردى. 1- پەسىلدە، شىنجاڭدا جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.7 ئاشتى. مەيلى مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ياكى ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلاش بولسۇن، مەيلى ئىستېمال بازىرىنى كېڭەيتىش ياكى سېلىنما بوشلۇقىنى كېڭەيتىش بولسۇن، «ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش»تىكى ئوخشاش سوئالغا ئورتاق جاۋاب بېرىلىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى.
«تۇنجى ئىشنىڭ غەلىبىلىك باشلانغانلىقى» تەرەققىيات بىلەن ئېچىۋېتىشنىڭ ماسلىشىپ كۈچىگەنلىكىدىن بولدى.
تەرەققىيات ئىچكى- تاشقى جەھەتتە ئىقتىدارنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، ئىچكى- تاشقى جەھەتتە بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئېھتىياجلىق. شىنجاڭ بىر تەرەپتىن «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بايلىق ئەۋزەللىكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى بىلەن كەسىپ ئەۋزەللىكى، يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكىنىڭ گىرەلىشىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈردى، يەنە بىر تەرەپتىن «كىرگۈزۈش» بوسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىش، «يۇقىرى» ئۆلچەمگە ئۇدۇللىشىش، «ئەلا» مۇھىت يارىتىش داۋامىدا ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىپ تەرەققىياتنى تېخىمۇ ئېنىق، مۇقىم، پۇختا قىلدى. 1- پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 108 مىليارد 160 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.4 ئاشتى. تاشقى سودا نەتىجە قەغىزى 1- پەسىلدىكى «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نىڭ ئەمەلىي قىممىتىنى تېخىمۇ يېتەرلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى يېڭى ئېگىزلىك بەرپا قىلىش ئىشەنچى، ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، دۆلەت ئىچى بازىرى بىلەن خەلقئارا بازارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.
«بىر تال چوكىنى ئاسانلا سۇندۇرغىلى بولىدۇ، ئون تال چوكىنى سۇندۇرغىلى بولمايدۇ.» شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئۆتكەللەردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، تاشنى دومىلىتىپ تاغقا ئېلىپ چىقىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇش كىلىمات، جۇغراپىيەلىك شارائىت ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئەۋزەللىككە ئېھتىياجلىق، «ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئەۋزەللىك» مۇھىم ئاچقۇچ. مەيلى پۇرسەتنى تۇتۇش، تۈرنى تۇتۇشتا «چىڭ تۇتۇش» بولسۇن ياكى كۆلەمنى كېڭەيتىش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتە «ھەقىقىي كېڭەيتىش» بولسۇن ۋە ياكى ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەسىپنى مۇقىملاشتۇرۇشتا «ھەقىقىي مۇقىملاشتۇرۇش» بولسۇن، ھەممىسىدە بىزنىڭ بىر مەقسەتتە كۈچنى بىرىكتۈرۈپ، كۆپنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىرىس ۋە بېسىمغا سالماق تاقابىل تۇرۇشىمىزغا، «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى «ھەربىر پەسىلدە ئىشنى غەلىبىلىك ئورۇنداش» «پۈتۈن يىللىق ئىشنى غەلىبىلىك ئورۇنداش»قا يۈزلەندۈرۈشكە تىرىشىپ تۈرتكە بولۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)