مىڭ يىللىق توغراقنىڭ مەنىۋى شىفىرى
18:40:07 2025-04-27 «بۈگۈنكى شىنجاڭ» ژۇرنىلى

 «بۈگۈنكى شىنجاڭ» ژۇرنىلى مۇخبىرى لى لىنمياۋ ماقالىسى

 مىڭ يىل قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئاشۇ توغراق شاھىغا شايارنىڭ گۈزەل ئۆزگىرىشىنىڭ مەنىۋى شىفىرى يوشۇرۇنغان بولۇپ، تەبىئەت بىلەن ئادىمىيەت يۇغۇرۇلغاندا، ئۇنى قوغداش گۈزەل ماكاننى قوغدىغانلىق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆچمەس توغراق روھىغا ۋارىسلىق قىلغانلىق بولىدۇ.

 ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان تارىم دەرياسى شايار ناھىيەسىنى ئەگرى- بۈگرى كېسىپ ئۆتىدۇ، دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى 4 مىليون 700 مىڭ مو ئىپتىدائىي توغراقلىقتىكى توغراقلار شاخلىرىنى ئاستا- ئاستا يايماقتا ئىدى.

 شايارغا بارماي تۇرۇپ، توغراقنىڭ ھەيۋەتلىك، خىسلەتلىك ئىكەنلىكنى بىلگىلى بولمايدۇ، توغراقنى كۆرمەي تۇرۇپ، ھاياتنىڭ شانلىقلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئەتىيازلىق كۈن- تۈن تەڭلىشىش ۋاقتى ئەمدىلا ئۆتۈپ كېتىشىگە، شايار ناھىيەسى شايار بازىرى دوستلۇق مەھەللىسى كاڭياڭ كىچىك بازىرى مەنزىرە رايونىدا، بىر تۈپ مەزمۇت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان توغراقنىڭ شاخلىرى ئاندا- ساندا يۇمران بىخ چىقارغان بولۇپ، 4- ئاينىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، قوڭۇر رەڭ گۈللەر شاخ ئۇچىدىن باش تارتىپ چىقىدۇ. «مىڭ يىللىق توغراق شاھى» دەپ ئاتالغان بۇ قەدىمىي دەرەخنىڭ ئېگىزلىكى 17.5 مېتىر، غول ئايلانمىسى 7.6 مېتىر، غول دىيامېتىرى 2.419 مېتىر بولۇپ، ئەڭ يېڭى مۆلچەرگە قارىغاندا، بۇ تەخمىنەن 1440 يىل بولۇپ، 2009- يىللىق دەرەخ شاڭخەي داشىجيې جىننىس رېكورتىنى باھالاشتا «يېشى ئەڭ چوڭ توغراق دەرىخى» دېگەن تاج كىيدۈرۈلگەن، بۇ توغراقنىڭ توم غولى، پۈرۈم- پۈرۈم سىزىقچىلىرى، بۈك- باراقسان شاخلىرىنىڭ ھەممىسىلا ئۇزاق يىللارنى بايان قىلىپ تۇرىدۇ.

 دەرەخ ئاستىدا، شايار ناھىيەلىك ئورمانچىلىق- ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، توغراق ئورمىنىنى قوغداش مەركىزىنىڭ مۇدىرى چياڭ لىمىن دەرەخ ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈۋاتاتتى، ئۇ مۇنداق دېدى: «توغراق شاھى تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى تەبىئەت بىلەن ئادىمىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىكى تىرىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى. ئۇنى قوغداش ئېكولوگىيەنى قوغدىغانلىق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلغانلىق بولىدۇ».               

 پىنھانلىقتىن داڭق چىقىرىشقىچە

 ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى، كۈز پەسلىدىكى بىر گۇگۇمدا، ئالتۇن رەڭلىك ئاي تارىم دەرياسىغا چۈشۈپ كېتىپ، ئەتراپ ئالتۇن رەڭلىك قۇياش نۇرىغا تولۇپتۇ، كېيىن بۇ يەردىن نۇرغۇن توغراقلار ئۆسۈپ چىقىپتۇ.

 − «شاياردىكى ئاي نۇرى» ناملىق شېئىردىن 

 توغراق ئەمەلىيەتتە نەملىكنى ياخشى كۆرىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، تارىم دەرياسى سۈيىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشىغا تايىنىپ، قۇملۇقتىكى بوستانلىقلاردا بۆلۈك- بۆلۈك بولۇپ سايە تاشلاپ تۇرىدۇ. توغراقنىڭ يىلتىزى ئون مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قۇم قاتلىمىغا يىلتىز تارتىپ، يەر ئاستى سۈيىنى سۈمۈرەلەيدۇ، يېتىلگەن توغراقنىڭ توغرا يۆنىلىشلىك يىلتىز سىستېمىسى 100 مېتىرغا يېتىدۇ، سۇ مەنبەسىنى ئۆزى ھەرىكەت قىلىپ تاپالايدۇ. گورىزونتال يىلتىز سىستېمىسىدىكى تۇراقسىز بىخنىڭ كۈچلۈك تۈپلىنىش ئىقتىدارى بار بولۇپ، ئەتراپىدىكى 50 مېتىردىن 100 مېتىرغىچە بولغان ئارىلىقتا، نەچچە ئون تۈپ ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئەۋلاد كۆپىيەلەيدۇ.         

 توغراق شاھى جايلاشقان دوستلۇق مەھەللىسى ئىلگىرى چىنىباغ كەنتى دەپ ئاتىلاتتى، يەرلىك كىشىلەر قەدىمىي توغراقنى بۇ توغراقلىقنىڭ «بوۋىسى»، ئەتراپتىكى توغراقلارنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ قارايتتى، كىشىلەر كەڭ كەتكەن توغراقلارنىڭ ئۈنۈمسىز تۇپراقتا كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىدە، ئۆزىنىڭمۇ ناچار مۇھىت ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ماكانىنى قوغدىيالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.

 چىنىباغ كەنتىدە، توغراق ئىلگىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسىم كاپالىتى ئىدى، توغراق يېلىمىدا ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇراتتى، توغراق يىلتىزىدا قۇرۇت يوقىتاتتى، توغراق غولىدا ئۆي سالاتتى، گۈلىدە قان توختىتاتتى، يوپۇرمىقىدا قوي باقاتتى، شېخىدا ئىسسىناتتى... كىشىلەر توغراقنى كۆرسىلا، داۋاملىق چىڭ تۇرۇشتىكى ئۈمىدنى كۆرەتتى. كەنت ئاھالىسى تاجىم مەمەت مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ توغراققا بولۇپمۇ توغراق شاھىغا ئالاھىدە مۇھەببىتىمىز بار، بىز ئۇنى <ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش دەرىخى> دەپ ئاتايمىز، كەنتتىكى ياشانغانلار دائىم كېلىپ يوقلاپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۆزىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ».

 ئىلگىرى، توغراق شاھىنىڭ پەقەت چىنىباغ كەنتىدىلا داڭقى بار ئىدى، 2007- يىلىغا كەلگەندە، فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى ۋاڭ جيەنبونىڭ مەقسەتسىز زىيارەت قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ نامى يىراقلارغا تارالدى.

 2007- يىلى 11- ئايدا، ۋاڭ جيەنبو سىرتتا سۈرەت تارتىشقا مەنزىرە تاللاۋاتقاندا، ئۇنىڭ نەزەرى يول ئۈستىدىكى بىر تۈپ ئېگىز توغراققا چۈشتى. گەرچە نۇرغۇن توغراقلارنى سۈرەتكە تارتقان بولسىمۇ، ئۇ بۇرۇنقىدەكلا چوڭقۇر ھاياجانلىنىپ: «بۇ مەن كۆرگەن ئەڭ ئېگىز، ئەڭ يوغان توغراق، مەن شۇ ھامان بۇ توغراقنىڭ تەتقىقات قىممىتى بارلىقىنى ھېس قىلدىم» دېدى.

 ۋاڭ جيەنبو شايار ناھىيەلىك ئورمانچىلىق تارماقلىرىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلدى. 2008- يىلى ئەتىيازدا، شايار ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بۇ چوڭ توغراقنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، بۇ توغراقنىڭ يېشى 1400 يىلدىن ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى، 2009- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، بۇ مىڭ يىللىق توغراق شاڭخەي داشىجيې جىننىس رېكورتىنى باھالاشتا «يېشى ئەڭ ئۇزۇن توغراق دەرىخى» بولۇپ باھالاندى، شۇنىڭدىن باشلاپ، توغراق شاھى كىچىك كەنتتىن چىقىپ، ئاممىنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىردى.

 توغراق شاھى مىڭ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ھاياتلىقنىڭ كاتتىلىقىنى بارلىققا كەلتۈردى، بۇ يەردىكى كىشىلەرمۇ قەدىمىي دەرەختىن چىدامچانلىقنىڭ كۈچىنى كۆردى، بۈگۈنكى كۈندە، دوستلۇق مەھەللىسىمۇ نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا گۈزەل، باياشات تۈسكە كىردى.

 تەلەپ قىلىشتىن ئۇنى قوغداشقىچە

 ئەتراپنى قاپلىغان ئېگىز شاخلار، كەچكى شەپەققە ئورالغان، قەلەم ئوينىتىلىپ شۇ تاپ، ياپيېشىل بوستانلىقلار سىزىپ چىقىلغان. غۇبارسىز پىنھان تۇپراق سۈرەتلەنگەندە، پەسىل قۇشلىرىمۇ بۇ يەرنى يۇرت بىلىپ قالغان.

 − «توغراققا مەدھىيە» ناملىق شېئىردىن

 توغراق قۇم- بوراننىڭ ھۇجۇمىنى توسۇشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، چۆللۈك بوستانلىقلىرىغا تەبىئىي ئېكولوگىيە توسۇقى بەرپا قىلىپلا قالماي، يەنە بوستانلىق كىلىماتىغا ماس كېلىدىغان، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كېلىدىغان تۇپراق بەرپا قىلىدۇ. چياڭ لىمىن توغراق شاھى ئاستىدىكى توپىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ تۇرۇپ مۇنداق تونۇشتۇردى: «توغراق يەنە شورنى تارتىپ تۇپراقنى ئۆزگەرتىشتىكى تۆھپىكار، ئۇ تۇپراقنىڭ شورلىشىپ كېتىش جەريانىنى تىزگىنلەيدۇ. شايار ناھىيەسى مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى توغراقنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىلالمايدۇ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ».

 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرى، شايار ناھىيەسىدىكى توغراقلىق زىيانداش جانلىقلار، تەبىئىي ئاپەت ۋە سۈنئىي زىيانكەشلىكنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن. شۇ جايدىكى يېشى سەل چوڭراق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە: ھەر يىلى قىش كىرگەندە، تامنىڭ بۇلۇڭىغا دۆۋىلەپ قويۇلغان توغراق ياغىچى ئۆينى ئىسسىتىشنىڭ كاپالىتى ئىكەن. قەھرىتان قىش ئۆتۈپ كەتكەندە، نۇرغۇن توغراقلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىكەن. توغراق يوقالغاندىن كېيىن، ئەسلىدە «پېچەت سېلىنغان» قۇملار ھەممە يەرنى قاپلاپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن.

 ھازىر، توغراققا يەنە بىر قاراپ باقايلى. تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى ئىككى قىرغاقتىكى توغراقلارنى ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرىدۇ، توغراقنىڭ يەر ئاستىغا بېكىنىۋالغان يىلتىز سىستېمىسى قۇم تۇپراقنى چىڭ قاماللاپ دەريا قىرغىقىنى قوغداپ، تۇپراقنىڭ ئۇپرىشى ۋە ئېقىپ كېتىشىنى ئازايتىپ، بۇ ئارقىلىق دەريا قىنىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ. توغراقنىڭ يىلتىز قىسمى قاپلىغان شورلاشقان تۇپراقنىڭ بىيولوگىيەلىك سۇ چىقىرىش رولى يەنىمۇ كۈچىيىپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشىنى ئاستىلىتىپ، باشقا يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ياشاش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى يالغۇز تەلەپ قىلىشلا بولماستىن، بەلكى ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان بۇ تۇپراققا توغراقتەك جاۋاب قايتۇرۇش بولۇشى كېرەك.

 1999- يىلى، شايار ناھىيەسى توغراق كېسىشنى ئومۇميۈزلۈك توختاتتى، شۇنىڭدىن كېيىن شايار ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ نامى شايار ناھىيەلىك توغراق ئورمىنىنى قوغداش مەركىزىگە ئۆزگەرتىلدى. نۆۋەتتە، قوغداش مەركىزىدە مەركىزى باشقۇرۇش- قوغداش ئورنىدىن 19ى، باشقۇرۇش- قوغداش نۇقتىسىدىن 39ى تەسىس قىلىندى. شايار ناھىيەسى تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى سۇلۇق يەرلەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش، توغراقلىقتا تولۇقلاپ تىكىش، تولۇقلاپ ئەھيا قىلىش ۋە كېسەللىك، ھاشارات زىيىينىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتتى. دىققەتنى چۆللىشىشنى تىزگىنلەشتىكى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شايار ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكى بىلەن بوستانلىق ئارىسىدىكى قۇملىشىپ كەتكەن رايوندا، شەرقتە كۇچا شەھىرىدىن باشلىنىپ، غەربتە ئالار شەھىرى بىلەن تۇتىشىدىغان ئۇزۇنلۇقى 160كىلومېتىر كېلىدىغان قاشالايدىغان ئورمان قۇرۇلۇشىنى پىلانلاپ، 2030- يىلىغا بارغاندا قۇملۇقنى تىزگىنلەش ۋەزىپىسىدىن 1 مىليون 962 مىڭ 200 مو ئورۇنداپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىدە يېشىل سېپىل بەرپا قىلىشنى پىلانلىدى.

 شايار ناھىيەسىدە، توغراق شاھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەدىمىي دەرەخ، داڭلىق دەرەختىن جەمئىي 16 تۈپ بار بولۇپ، شۇ جايدىكى ئورمانچىلىق، ئوتلاق تارماقلىرى قەدىمىي دەرەخ، داڭلىق دەرەخلەرنى تەكشۈرۈش، ۋىۋىسكا ئېسىش جەريانىدا، دەرەخ تۇرۇشلۇق جاي، ھوقۇق تەۋەلىكى، دەرەخ نامى، دەرەخ يېشى قاتارلىقلارنى ئۆلچەپ ۋە تىزىملاپ، سۈرەتلىك ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، بارلىق قەدىمىي دەرەخ، داڭلىق دەرەخلەرنى مۇۋاپىق قوغدىدى. ھەر يىلى باش باھاردا، شايار ناھىيەسىدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىرلىكتە ئاتلىنىپ، قۇملۇقنىڭ ئالدىنقى سېپىدە سانجاق- سانجاق يېشىل ئۈمىدلەرنى تىكتى.

 ۋاقىتنىڭ ئۇچقاندەك تېز ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ توغراقنى ياخشى كۆرۈشىدە ئۆزگىرىش بولغىنى يوق، پەقەت ئىلگىرىكى تەلەپ قىلىش، ھازىرقى قوغداشقا ئۆزگەردى. ھەر بىر تۈپ توغراق كىشىلەر بىلەن بىللە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ گۈزەل ماكانىنى قوغدىماقتا.

 دەرەختىن روھ يېتىلدۈرۈشكىچە

 دەھشەتلىك بوران- چاپقۇن قۇم- شېغىلنى قۇتراتسىمۇ پەرۋايى يوق، پىژغىرىم ئىسسىق ھەم قۇرغاقچىلىق كۈچ كۆرسەتسىمۇ ھېچ كارى يوق. يىمىرىلمەس بۇ توپ ئېگىلمەس- سۇنماس، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى قەيسەر بولار بۇ قەبىلە، جان تىكىپ ئېلىشىش ئۇنىڭ ھاياتلىق قىياپىتىدۇر، ئىرادە- چىدامچانلىقتىن مۇستەھكەم توسۇق ھاسىل قىلۇر.

 − «توغراققا مەدھىيە» ناملىق شېئىردىن

 توغراق شاھىنىڭ يېنىدا شايار ناھىيەلىك توغراق مۇزېيى بار، بۇ يەردە توغراقنىڭ ئالاھىدىلىكى، توغراق شاھىنىڭ ھېكايىسى توغرىسىدىكى بىلىملەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپلا قالماي، يەنە شايارلىقلارنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد كۈرەش تارىخى خاتىرىلەنگەن.

 3- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن كېيىن، توغراق مۇزېيى شايار ناھىيەسى نۇرباغ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئەترىتى ئەزالىرىنى كۈتۈۋالدى، بالىلار چۈشەندۈرگۈچى ۋاڭ شونى چۆرىدەپ چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلاۋاتاتتى: «توغراقلار ناھايىتى ئىتتىپاق، ئۇلارنىڭ يىلتىزى ئۆزئارا تۇتىشىدۇ. بۇ تۈپ توغراق سۇ سۈمۈرەلمىگەندە، باشقا توغراقنىڭ يىلتىزىدىن سۇغا ئېرىشەلەيدۇ. كۈچلۈك بولغان تىك ۋە گورىزونتال يىلتىز سىستېمىسى تورى ئۆزئارا تۇتۇشۇپ، توغراقنى قۇم- بوراندا تەۋرەنمەي مەزمۇت تۇرغۇزىدۇ».

 توغراق روھى كۆرگەزمە رايونىدا، ئالدىنقى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كۈرەش تارىخى ۋاڭ شونىڭ چۈشەندۈرۈشى بىلەن بالىلارنىڭ قەلبىگە سىڭدى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شايارغا كىرىپ ئورۇنلىشىپ پارتىيە قۇرۇش، ھاكىمىيەت قۇرۇش تارىخى، شايارغا كېلىپ چېگرا رايوننى گۈللەندۈرگەن نەنجىڭلىق زىيالىي ياشلارنىڭ تارىخى، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد شايارلىقلارنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تارىخى... توغراق روھىغا ۋارىسلىق قىلغان ئەجدادلارنىڭ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلىشتەك ئاشۇ قاينام- تاشقىنلىققا تولغان تارىخى بالىلارنىڭ قەلبىگە قەيسەرلىك ئۇرۇقىنى چاچتى.

 مۇزېيدىن چىققاندىن كېيىن، كىشىلەر دائىم ئىختىيارسىز بۇ مىڭ يىللىق قەدىمىي دەرەخكە قايتا بىر قاراپ قويىدۇ. ياز ئۆتۈپ كېتىپ، قىش كەلسىمۇ، توغراق شاھى يەنىلا قەددىنى تىك تۇتۇپ، ئۈزلۈكسىز تۆۋەنگە قاراپ چىرمىشىپ يىلتىز تارتىپ، يۇقىرىغا قاراپ ئۆسكەن شاخلارنى ئۈزلۈكسىز ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ، مەزمۇت شاخ غوللىرى كىشىلەرگە پېشقەدەم بىر ئەۋلاد كىشىلەر ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن توغراق روھىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇرۇپ، پەقەت ئەستايىدىل بولغاندىلا، تاۋلىنىش جەريانىدا چوقۇم قالتىس نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

 «جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، ئۆزىنى بېغىشلاش» توغراق روھى، شۇنداقلا شايارنىڭ گۈزەل ئۆزگىرىش شىفىرى، شايارلىقلار ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن روھ. شايار ناھىيەسى توغراقنى ۋاسىتە قىلىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتچىلىكنى يۇغۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «سىرلىق توغراق مەنزىرىسى، يېقىملىق مۇزىكا ساداسى» خەلق ئىچى مۇزىكا كېچىلىكى، «بېلىقچىلارنىڭ توغراقلىقتىكى شادلىقى، تەبىئەتتىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىشى» توغراقلىقتا بېلىق تۇتۇش مۇسابىقىسى، «مىڭ يىللىق توغراق قەلىمى بىلەن ئالتۇن كۈزنى سىزىش» قاتارلىق كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، توغراق مەدەنىيىتى، توغراق روھىنى يەنىمۇ تەشۋىق قىلدى، تونۇشتۇردى.

 شايار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى جۇ دىيەنكې مۇنداق دېدى: «توغراق شاياردىكى پۇقرالارنىڭ جاپالىق مۇھىتقا تىز پۈكمەي، قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلگەنلىكىنىڭ سىمۋولى، بىز بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق، توغراق روھىنى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى توغراق يىلتىزىدەك زىچ باغلاپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىمىز». 

 («بۈگۈنكى شىنجاڭ» ژۇرنىلىنىڭ 2025- يىللىق 4- سانىدىن ئېلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125