تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى مۇتەخەسسىس
دۆلەت ساغلاملىق بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تەنتەربىيە ئىلمىي تەتقىقات ئورنى خەلقنىڭ تەن ساپاسى ۋە ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى شۈ جيەنفاڭ
يەنە بىر بىلىم نۇقتىسىنى كۆپ ئىگىلەيلى
− ئىلمىي تەنھەرىكەت «ئۈچ باسقۇچ» بويىچە بولىدۇ
بىرىنچى باسقۇچ: بەدەن قىزىتىش
يەنى تەنھەرىكەتتىن بۇرۇنقى تەييارلىق ھەرىكىتى بولۇپ، قەدەم ئېلىش، ئەسۋابسىز گىمناستىكا ئويناش، ھەرىكەت ھالىتىدە سوزۇلۇش قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ، ۋاقتى 5- 10 مىنۇت.
ئىككىنچى باسقۇچ: رەسمىي تەنھەرىكەت
تەنھەرىكەت شەكلىدە ئوكسىگېنلىق تەنھەرىكەتنى ئاساس قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، مەسىلەن، يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىقلار. مۇشۇ ئاساستا قارشىلىق كۈچى مەشىقىنى كۆپەيتىش، مەسىلەن، گانتېل، كۆكرەك كەرگۈچ، ئېغىرلىق تەقسىملەش ئۈسكۈنىسى مەشىقى، ئەۋرىشىملىك مەشىقى قاتارلىقلار. ھەر قېتىمدا 10 مىنۇت قىلىشتىن باشلاپ، تەنھەرىكەت ۋاقتىنى تەدرىجىي 30- 60 مىنۇتقىچە ئۇزارتىش كېرەك. ھەر ھەپتىدە قىلىدىغان تەنھەرىكەت ئۈچ قېتىمدىن ئاز بولماسلىق، ئەڭ ياخشىسى بەش قېتىمدىن ئارتۇق تەنھەرىكەت قىلىش كېرەك.
ئۈچىنچى باسقۇچ: رەتلەش
يەنى تەنھەرىكەتتىن كېيىنكى ئۆزىنى ئەركىن قويۇپ بېرىش، تۈزەشتۈرۈش ھەرىكىتى مۇسكۇللارنىڭ جىددىيلىكىنى پەسەيتىدۇ، ۋاقتى 5- 10 مىنۇت بولىدۇ.