«1- ماي» بايرىمىدا جەزمەن داكا قىلىش تىزىملىكى يېڭىدىن كۆپەيدى!
S21 قارامايلى قۇملۇق باغچىسى
5- ئاينىڭ 1- كۈنى ئېچىلىدۇ
ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ ئىككى سائەتتىلا بارغىلى بولىدۇ!
S21 قانداق تاشيول؟
ئۇ شىنجاڭدىكى تۇنجى قۇملۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى
ئۇ تىيانشان تېغى بىلەن ئالتاي تېغىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان كۆۋرۈك
ئۇ قۇربان تۇڭغۇت قۇملۇقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ
شۇنىڭدەك جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ ئىچكىرىسىدە
بىر غايەت زور ئەجدىھادەك سوزۇلۇپ ياتىدۇ
S21 ئالتاي- ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا
2021- يىلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى قاتناش باشلانغان
ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 343 كىلومېتىر
ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئالتاي شەھىرى ئارىلىقىدىكى
ئاپتوموبىل مۇساپىسى ئۈچ يېرىم سائەتكە قىسقاردى
تىيانشان تېغىدىن ئالتاي تېغىغىچە
ئۈرۈمچىدىن ئالتايغىچە
ئالتاي- ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى شىنجاڭدىكى 2- چوڭ قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتىدۇ
شىمالىي شىنجاڭنىڭ جەنۇب- شىمال قاتناش ئوق لىنىيەسى
ئەمما ئالتاي- ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئاددىي تاشيوللا ئەمەس
يول بويىدىكى گۈزەل مەنزىرە ۋە ساياھەت تۈرلىرى سىزنىڭ توختاپ ئۆتۈشىڭىزگە ئەرزىيدۇ
«بۇ جايدىن ئۆتكەندە يولغا چىقىشقا ئالدىرىماڭ، يول بويىدىكى گۈزەللىكنى ھېس قىلىڭ» دېگەن ئۆزگىچە مەنزىرە
«قوغۇن ئۆيى»
S21دىكى قۇت بەلگىسى ئوماق «ئاۋۇ»
S21 ئالتاي- ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى داڭلىق ماركا مەدەنىيەت ئىجادىيەت دۇكىنى
«قۇملۇق مىكرو مەنزىرىسى»
شۇنىڭدەك زامانىۋى خاس يېزا ئىگىلىك كەسپى
جىلى كۆلى مۇلازىمەت رايونىدىكى بېلىقچىلىق مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى
...
يەنە ھەر خىل ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرىدىغان مۇلازىمەتلەر
ھەممىسى مۇھەببەتكە تولغان
«سەپەردىكى گۈزەللىك» «ئەڭ گۈزەل مەنزىرە سەپەر ئۈستىدە»
ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان
سەپەر ئۈستىدىكى قارامايلى قۇملۇق باغچىسى
قۇملۇقتىكى يېڭىچە دالانىڭ ھەيۋەتلىكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ
بۇ يەردە قۇملۇق ئاساسىي تېمىسى
«مۇلازىمەت رايونى + قۇملۇق ئىستىراھىتى- كۆڭۈل ئېچىش ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى» بەرپا قىلىنغان بولۇپ
بىر پونكىت شەكلىدىكى
«يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەر، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
بۇ يەردە يوشۇرۇنغان ئويناش ئۇسۇللىرىنىڭ سىرىنى ئاچقىلى بولىدۇ
ئەتراپ تاڭ نۇرىغا چۆمۈلگەندە قۇملۇق تاشيولىنى كېسىپ ئۆتكىلى بولىدۇ
چۈشتىن كېيىن قۇملۇقتىكى «بالا» ئاشخانىسىدا تونۇر كاۋىپىغا ئېغىز تېگەلەيسىز
تۈن كېچىدىكى يۇلتۇزلۇق ئاسماندىن سامانيولىنى كۆرەلەيسىز
...
تېخىمۇ تەبىئىي بولغان سانسىز مەنزىرە سىزنىڭ ئىزدىنىشىڭىزنى كۈتمەكتە
يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا
ئوخشاش بولمىغان ساياھەت ھېس قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايسىز
مەنزىل: قارامايلى قۇملۇق باغچىسى
كىرىش بېلىتى: ھەقسىز
S21دە ماڭغىنىڭزدا
«مېنىڭ ئالتىيىم»غا بېرىپ
ئېسىل تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇر ئېلىپ، تەبىئەت قوينىغا ئۆزىڭىزنى ئېتىڭ!