ما شىڭرۇي مانېۋىرنى كۆردى ھەم سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ كۆرۈشكە قاتناشتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 4- ئاينىڭ 28- كۈنى، شىنجاڭ ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە چۆچۈتۈش − 2025» بىرلەشمە قوراللىق مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، قوراللىق چۆچۈتۈشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي مانېۋىرنى يىراق مۇساپىلىك كۆردى ھەم سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
جەڭ مەيدانىدىكى ھەربىي پارات ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگەنىدى. ھەربىي رايون، قوراللىق ساقچى قىسىم، چېگرا تەكشۈرۈش، گۇڭئەن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەردىن تەشكىللەنگەن 4000 كىشىلىك مانېۋىر قوشۇنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، بىرونېۋىك، زەربىدار ئاپتوموبىل قاتارلىق تۈرلۈك ئاپتوموبىللارنى ئىشقا سېلىپ، ھەرىكەتچان يىغىلىپ، سەپ تۈزۈپ تەييار تۇردى. بۇيرۇق بېرىلىشى بىلەن، مانېۋىر ئەترىتى تولۇق قوراللىنىپ يولغا چىقىپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا ۋەزىپە رايونىغا ئاتلىنىپ، قوراللىق چارلاش، چۆچۈتۈشنى قانات يايدۇرۇپ، «نەق مەيدان، ئەمەلىي كۆرۈنۈش، ئەمەلىي ئەسكەر، ئەمەلىي جابدۇق، ئەمەلىي جەڭ» بىرلەشمە قوراللىق مانېۋىرىنى تەشكىللىدى.
تۆمۈر مۇشت ھۇجۇمغا ئۆتتى، ئاۋانگارتلار غەلىبە قىلىدۇ! مانېۋىر قوشۇنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا چېگرا بىرلەشمە رازۋېدكا قىلىش- كونترول قىلىش، تۇتۇش- بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتى، پورتتا قايتما ئېقىن- سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زەربە بېرىش- بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتى، شەھەر- بازار ئاھالىلەر رايونىدا بىرلەشمە قورشاپ كونترول قىلىش، تۇتۇش، بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتى، چېگرادا قانۇنسىز چېگرادىن ئۆتۈشكە توسۇپ زەربە بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتى، تاغلىق رايوندا قورشاپ يوقىتىش، بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتى قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، مانېۋىر، بىر تەرەپ قىلىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. پۈتۈن مەيدان پائالىيەتتە تەشكىللەش پۇختا، يولغا قويۇش تەرتىپلىك، قوماندانلىق قىلىش يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ماسلىشىش كۈچلۈك بولۇپ، ھەرقايسى كۈچلەر جىددىي ئىشلارغا قوماندانلىق قىلىش، ئاخباراتنى رازۋېدكا قىلىپ توپلاش، قامال قىلىپ ئاگاھلاندۇرۇش، قورشاپ تۇتۇش، تېز سۈرئەتتە ياردەم بېرىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ھەمتۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدار ۋە سەۋىيە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي قوغداشتىكى ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.
ما شىڭرۇي مانېۋىر ئۈنۈمىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا ئۈستىگە ئالغان مۇھىم مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، باشتىن- ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇقنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ»كە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمى ۋە تەدبىرلىرىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپ- خەتەردىن ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىن ھۆكۈم قىلىش، ئالدىنى ئېلىش ۋە تېز بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. كىرىش خاراكتېرلىك تېررورلۇق ھۇجۇمى خەۋپ- خەتىرىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، پورت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چېگرادا مۇداپىئە كۆرۈش- قوغدىنىش، باشقۇرۇش- تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، چېگرا مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.
ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار كۆرۈشكە قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)