ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز گوتەي گۇرۇھىنىڭ مەمۇرىي لىدىرى لىن شاۋبو بىلەن كۆرۈشتى
10:52:28 2025-04-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 4- ئاينىڭ 28- كۈنى ئۈرۈمچىدە گوتەي گۇرۇھىنىڭ مەمۇرىي لىدىرى لىن شاۋبو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. 

 ما شىڭرۇي لىن شاۋبو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالدى، گوتەي ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شياڭگاڭدىن ئۈرۈمچىگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئىچكى- تاشقى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى پائال كېڭەيتتى، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى، ھاياتىي كۈچىنىڭ ئۇرغۇشى خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تىرانسپورت كۈچى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. گوتەي ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بۇ قېتىم شىنجاڭ- شياڭگاڭ بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىشى ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك نەزەر ۋە سەزگۈر بازار ئېڭىنى نامايان قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شىنجاڭ بىلەن شياڭگاڭنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇش، رايونلارنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەھمىيىتى زور. گوتەي گۇرۇھىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن بىرلىكتە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھەدە كېڭەيتىشنى كۆزدە تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق رايون بازارلىرىنى پائال ئېچىپ، تېخىمۇ چوڭ تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. 

 لىن شاۋبو گوتەي گۇرۇھىنىڭ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شياڭگاڭ بىلەن ئۈرۈمچى مۇھىم تۈگۈن شەھەر، بۇ قېتىم ئىككى جايدا بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىش شياڭگاڭ بىلەن شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىنىڭ ئاكتىپ ۋەزىيىتىگە ماسلىشىشتىكى ئەمەلىي تەدبىر، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق رايونلار ئارا ئالاقىلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ، بۇ، گوتەي ئاۋىياتسىيەسى ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ يۈرۈشۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى تەرتىپلىك زىچلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، گوتەي ئاۋىياتسىيەسىنىڭ خەلقئارالىشىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى ۋە مەدەنىيىتىنى پائال تونۇشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، رايونلارنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ قوشۇشنى خالايمىز. 

 جۇ لىفەن، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، شېنجېن، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125