جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى
ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 4- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا 4- ئاينىڭ 25- كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 20- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ ھەمدە ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكمىگە ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ئىقتىساد خىزمىتى بىلەن خەلقئارا ئىقتىساد- سودا كۈرىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىپ يۈكسىلىش ۋەزىيىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش كېرەك. زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، ئەۋزەل ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئۆز جايىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، چوڭ- چوڭ كەسىپ تۈرلىرى ۋە ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان تۈرتكىلىك رولىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىمپورت- ئېكسپورت كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئاممىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە سىجىل كۈچەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇستەھكەملەش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، بىرگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، چوڭقۇر قاتلامدىن پىلانلاش، دەل جايىدا بولۇشقا كۈچەش، كىچىك ئىشتىن باشلاپ تۇتۇشقا ماھىر بولۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى تۇتۇش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 20- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات يېڭى مۇسابىقە يولىنى پائال ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھېسابلاش ئىقتىدارى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى ياخشى قۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش- يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ئەمگەكچى ئاممىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنىغا قويۇپ تۆھپە قوشۇش- نەتىجە يارىتىش، يېڭىلىق يارىتىش- ئىجاد قىلىشقا تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پائال ئاتلىنىپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېتەكلەش كۈچى، تەشكىللەش كۈچى، مۇلازىمەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، كەڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر(ناھىيە)لەرگە نام بېرىش يىغىنىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىدە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈم- مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، قىسىم قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىغا پائال كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن كەڭ ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ غەم- ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دۆلەت مۇداپىئەسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئارمىيەنى قىزغىن سۆيىدىغان، ھەربىيلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئۇيۇل تاشتەك مەزمۇت ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
يىغىندا مەركىزىي كومىتېت دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ خىزمەت قائىدىسى ھەم ئۇنىڭ ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت تەپسىلىي قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى، تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا بولغان يېتەكچىلىك، قېلىپلاشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى كۆزلەپ، سىجىل تۈردە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتى يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنى تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ روشەن ئاساسىي رېڭى، روشەن ئەۋزەللىكى ۋە كۈچلۈك كاپالىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)