ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى
10:27:43 2025-05-01 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن جەمئىيەت خىزمىتىنى ئىگىلەپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 4- ئاينىڭ 29- كۈنى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئۆزلەشتۈرۈلۈپ، جەمئىيەت خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەۋى يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى ئىگىلەپ، ئىقتىدار، قابىلىيەتنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

 ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

 مەركىزىي كومىتېت جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ شىتاڭ تەكلىپ بىلەن مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى ھەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركىزىي كومىتېت جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى ۋە ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى تارماقلىرىنى قۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىشىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، چۈشەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى، ۋەزىپىسى، نۇقتىلىق خىزمەتلىرى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، جەمئىيەتنىڭ ئىناق- مۇقىملىقى ۋە خەلقنىڭ بەختى، ئامانلىقى ۋە ساغلاملىقىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن چىقىش قىلىپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ تۈپ پىرىنسىپى، قىممەت يۈزلىنىشى، تەرەققىيات يۆنىلىشى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى، ئاساسىي كاپالىتى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئىزاھلىدى، نېمە ئۈچۈن جەمئىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەت خىزمىتىنى قانداق كۈچەيتىش قاتارلىق زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، بۆسۈش ئېغىزىنى دەل جايىدا تېپىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش يولىنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنى پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە خىزمىتى بىلەن تولۇق قاپلاشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئورتاق قۇرۇش- بىرلىشىپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، يېڭى جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەردە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىق ۋە ئىلتىماس- تەلەپلىرىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەشكىلات سىستېمىسى ۋە خىزمەت كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللاشتۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ دەللىكى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك. ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي مەسىلىلەرنى پائال ياخشى ھەل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى مەنبەدىن تۈزەش ۋە بېسىلىپ قالغان دېلولارنى ھەل قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، كەسپىي خادىملار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت خىزمىتىنىڭ قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: جەمئىيەت خىزمىتى بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق قاتنىشىشى، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ تۈرتكە بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت( پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ساھەلەرنى باشقۇرۇشتا ھەم پارتىيە قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدىكى جەمئىيەت خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ جەمئىيەت خىزمىتى تارماقلىرى سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، دادىل ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق، پۇختا ئادا قىلىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

 تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئۆگىنىشكە قاتناشتى. بىڭتۇەن ئورگىنى، ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەننىڭ ھەر قايسى شى، شەھەرلىرى ۋە تۇەن- مەيدانلىرىدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125