شىنجاڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
09:33:37 2025-05-02 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى

4- ئاينىڭ 30- كۈنى، شىنجاڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) شىنجاڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى 4- ئاينىڭ 30- كۈنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭدىكى كەڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ھەر مىللەت ئەمگەكچى ئاممىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا تۆھپە قوشۇش- نەتىجە يارىتىش، يېڭىلىق يارىتىش- ئىجاد قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ، چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى.

يىغىندا، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى» ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، ما شىڭرۇي قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرگە شەرەپ گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى.

لى چاڭچىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن پۈتۈن شىنجاڭدىكى كەڭ ئەمگەكچىلەرگە تەشەببۇسنامە ئوقۇپ ئۆتتى.

ما شىڭرۇي سۆزىدە ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلار ۋە باشقا ئەمگەكچى ئاممىغا، ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى! تەقدىرلەنگەن ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى!

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، 100 يىلدىن بۇيانقى پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگو ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ شانلىق مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپى ۋە جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇملۇقىدىكى ئورنى ۋە رولىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، دۆلىتىمىزدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلدى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىشتىن ئىبارەت تۈپ فاڭجېندا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەرەققىيات يولىدا قەتئىي ياخشى مېڭىپ، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە ھەر مىللەت ئەمگەكچى ئامما يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، ئەستايىدىللىق بىلەن جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات چوڭ سەھنىسىدە تالانتىنى نامايان قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەر. كۆپچىلىكنىڭ شان- شەرەپنى قەدىرلەپ، خىسلىتىنى ساقلاپ، داۋاملىق تىرىشىپ، يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىسىگە خاس قىياپەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قالتىس سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا «14- بەش يىل» تاماملىنىدىغان، «15- بەش يىل» پىلانلىنىدىغان ئاچقۇچلۇق يىل. پۈتۈن شىنجاڭدىكى كەڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ھەر مىللەت ئەمگەكچى ئامما «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم غايە- ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئۆز غايىسىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ئىرادىدىن قايتماي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشى كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىدا يىلتىز تارتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك. ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ھەقىقىي تۈردە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ قاتناشقۇچىلىرى، كۈرەش قىلغۇچىلىرى، تۆھپىكارلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، كەڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ھەر مىللەت ئەمگەكچى ئاممىنىڭ بەخت- سائادىتىنى پۇختا ئاشۇرۇپ، بىلىم تىپىدىكى، ماھارەت تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئەمگەكچىلەر چوڭ قوشۇنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ ئالىيجاناب، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل دېگەن جەمئىيەت كەيپىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭ ئەمگەكچىلىرىنىڭ ھېكايىسىنى جانلىق ياخشى سۆزلەپ، پاكىت ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ يالغان- ياۋىداق سۆزلىرىنى، بىمەنە سەپسەتىلىرىنى ئېچىپ تاشلاش كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى مەركەز قىلغان خىزمەت يۆنىلىشى ۋە سىياسىيلىق، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىق ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېتەكلەش كۈچى، تەشكىللەش كۈچى، مۇلازىمەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەر يېڭى دەۋر تاپشۇرغان يېڭى بۇرچنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى «ئون چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆز خىزمەت ئورنىنى تالانتىنى نامايان قىلىدىغان، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشىدىغان چوڭ سەھنە قىلىپ، تىرىشىپ دەۋر ۋە جەمئىيەت بىلەن ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىدىغان، ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مۇنەۋۋەر ئەمگەكچىلەردىن بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى ھۆرمەتلەپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كەڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك بولغان يېڭىچە ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى كېرەك.

قادېن كەبىن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەن ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرى ۋە «بەش پېشقەدەم»لەر ۋەكىللىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125