ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتنىشىپ مۇنداق تەكىتلىدى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك
ئەركىن تۇنىياز، جاڭ جۇ قاتناشتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 4- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش- باشقۇرۇش نازارىتىدە ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ لياۋنىڭنىڭ لياۋياڭ شەھىرىدىكى ئاشخانىدا يۈزبەرگەن ئوت ئاپىتى ھادىسىسى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، نەق مەيداندا ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرۇلما قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى.
ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھاياتلىقنىڭ تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى قايتا- قايتا تەكىتلىدى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا جەزمەن ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، بوشاشماي چىڭ تۇتۇش، قىلچە بوشاشتۇرماسلىق كېرەك. بۇ قېتىم لياۋنىڭنىڭ لياۋياڭ شەھىرىدە ئوت ئاپىتى ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىرىنچى ۋاقىتتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، «1- ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ھەرقايسى جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتەك چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببىتىنى تولۇق ئىپادىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش جەھەتتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، ھازىرقى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى زور بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكى ھەم جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى، ساھەلەرنىڭ ئاساسلىق باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى گەۋدىلىك كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قائىدە- تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سېلىنما كاپالىتى سالمىقىنى زورايتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، تۆۋەن چەك، قىزىل سىزىقنى قەتئىي چىڭ ساقلاش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: لياۋنىڭنىڭ لياۋياڭ شەھىرىدە يۈزبەرگەن ئوت ئاپىتى ھادىسىسىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، «كىچىك ئوت ئاپىتىنى تىزگىنلەش، چوڭ ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش، ئادەم ئۆلۈشتىن ساقلىنىش» خىزمەت نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئوت مۇداپىئەسى بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈشنى تېز قانات يايدۇرۇپ، ئاشخانا، مەكتەپ، دوختۇرخانا، مەھەللە، ياشانغانلار ساناتورىيەسى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇن، سورۇنلارغا ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپ مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، تۈگىتىپ، ئوت ئاپىتى يۈزبېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تەشۋىقات- ئەسكەرتىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كوچىلارنى ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە چارلاپ تەكشۈرۈش، ئوت ئاپىتىنى مەلۇم قىلىش ئەھۋالى مانېۋىرىنى كۈچەيتىپ، ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدار، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: بىخەتەرلىك بويىچە خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك. قاتناش- تىرانسپورت ساھەسىگە چىڭ قادىلىپ، دىققەتنى ھادىسە كۆپ يۈزبېرىدىغان يول بۆلىكى، يول ئېغىزلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاگاھ بەلگىلىرىنى ئىلمىي ئورنىتىپ، يول يۈزىنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، «يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، ساياھەت ئاپتوبۇسى، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار ئاپتوموبىلى، يۈك ئاپتوموبىلى، بولكىۋاي» قاتارلىق نۇقتىلىق ئاپتوموبىللارنى بىخەتەرلىك بويىچە نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، نورمىدىن ئارتۇق يولۇچى توشۇش، پىراۋىسىز توشۇش، پىراۋىسىز ھەيدەش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي تەكشۈرۈش كېرەك. كۆمۈرلۈك- كان ساھەسىگە چىڭ قادىلىپ، گەۋدىلىك يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەپ، كارخانىلارنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سېلىنمىسىنى زورايتىشقا يېتەكلەپ، ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، ئادەمسىزلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار ساھەسىگە چىڭ قادىلىپ، نۇقتىلىق خىمىيە سانائىتى باغچە رايونلىرىنى بىخەتەرلىك بويىچە نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر باغچىغا بىر تەدبىر» بويىچە تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى پۈتۈن زەنجىرلىك بىخەتەرلىك بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەتەرلىك ھالەتتە يۈرۈشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ساياھەتچىلىك ساھەسىگە چىڭ قادىلىپ، مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى، ساياھەت تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىك بويىچە يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، تۈزەپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر تېمپېراتۇرا تېز ئۆرلەۋاتىدۇ، قار ئېرىش تىپىدىكى كەلكۈن ئاپىتى، ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتى قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ خەتىرى ئېشىۋاتىدۇ. تەبىئىي ئاپەتلەرنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، زور خەۋپ- خەتەر مەنبەلىرىنىڭ بىخەتەرلىك بويىچە يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى زورايتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەييارلىق خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئاپەت يۈزبەرگەن ھامان، ۋاقتىدا يۇقىرى ئۈنۈمدە خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىشكە ئاتلىنىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يۈسۈپجان مەمەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.