− «1- ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن
خەلق گېزىتى باش ماقالىسى
ئەمگەك دەۋر شانلىق سەھىپىسىنى پۈتىدۇ، كۈرەش گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىدۇ. «1- ماي»دىن ئىبارەت ئەمگەكنى قەدىرلەيدىغان ھەم مەدھىيەلەيدىغان، ئەمگەكچىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان بۇ بايرامدا، بىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىغا بايراملىق سالام يوللايمىز، ھەرقايسى سەپلەردىكى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن خىرىسقا سالماق تاقابىل تۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەت «بىرىكمە تەدبىرى»نى ياخشى تۈزدى، خەلق ئىگىلىكىدە پۇختا قەدەم تاشلاندى، باشلىنىش ياخشى بولدى، 1- پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئاشتى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي چوڭ كېمىسى دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى. كىۋانت ھېسابلاش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، بۇنىڭ ئارقىسىدا كەڭ پەن- تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ قېتىرقىنىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشى بار؛ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى قاتارلىقلار باشلامچىلىق بىلەن تىپ ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، بۇنىڭغا سانسىزلىغان سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە جاپالىق ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن؛ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى پەسىلمۇ پەسىل چىڭ تۇتۇپ، ئېڭىزمۇ ئېڭىز ئۇلاپ ئىشلەشتە تايىنىلغىنى ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى... پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئامما مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئەمگەك شەرەپلىك، ئىجاد قىلىش ئۇلۇغ دېگەن دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئېقىنىنى ھاسىل قىلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «تاشقى مۇھىتتا قانداق ئۆزگىرىش بولۇشتىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىدۇ.» ھازىر، «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى تاماملاشتا، ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، تەلەپ يۇقىرى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن، دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى بېسىمغا ئۇچرىغان مۇرەككەپ، كەسكىن مۇھىت ئالدىدا، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئېنىقلىق ئارقىلىق تاشقى مۇھىتتىكى كەسكىن ئۆزگىرىۋاتقان ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر. خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، ئەمگەك بارلىق بەختنىڭ مەنبەسى. ۋەزىپە قانچىكى مۈشكۈل، خىرىس قانچىكى كەسكىن بولغانسېرى، ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى شۇنچە جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ چەكسىز ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئەمگەككە، ئىجاد قىلىشقا تايىنىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
داۋان ئېشىپ، ئۆتكەلدىن ئۆتۈشتە ئاچقۇچ ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇشتا؛ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىش تېخىمۇ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە موھتاج. يۇقىرى ئاساس ساندا يۈكسىلىۋاتقان، خىرىس ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان بۈگۈنكى جۇڭگو «ئادەم تاغنىڭ يېرىمىغا، كېمە ئوتتۇرا ئېقىنغا كەلگەن» جىددىي پەيتتە تۇرماقتا. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئاساسى پۇختا، ئەۋزەللىكى كۆپ، ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن ئىقتىدارى زور بولۇپ، روشەن تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە ئىگە، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار، مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى، مول ئادەم كۈچى ۋە ئىختىساسلىقلار بايلىقى قاتارلىق نۇرغۇن ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە، ئۇزاققىچە يۈكسىلىشكە تىرەك بولۇش شارائىتى ۋە ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرمىدى، بىز بەل قويۇۋەتمەسلىكتەك قەتئىيلىك بىلەن، ئۆز ئىشىمىزنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى قىلىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئاكتىپ ئامىللارنى تەرەققىيات ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ «نوپۇس پايدىسى» «ئىختىساسلىقلار پايدىسى»غا قاراپ ئۆرلىمەكتە، ئىختىساسلىقلار بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى، پەن- تېخنىكا ئادەم كۈچى بايلىقى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش خادىملىرىنىڭ ئومۇمىي سانى دۇنيا بويىچە باش ئورۇندا تۇرماقتا. مائارىپ تەرەققىياتى، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، بىلىم تىپىدىكى، ماھارەت تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئەمگەكچىلەر چوڭ قوشۇنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرگەندىلا، چوقۇم يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، كەسكىن خەلقئارا رىقابەتتە ئەۋزەللىكنى قولغا كەلتۈرگىلى، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرگىلى، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
«14- بەش يىل»دىكى ھەل قىلغۇچ جەڭدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا، ھەم پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى «ئەڭ ئېگىز چوققىغا ئۆرلەش ئۈچۈن جاپا ۋە چارچاشتىن قورقماسلىق»تەك كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھ بولۇشى كېرەك. ئىرادىسىدىن قايتمىغانلار غەلىبە قىلىدۇ، قىيىنچىلىقتىن ئۆزىنى چەتكە ئالمىغانلار ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. مەيلى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا بولسۇن، ياكى يەر تەۋرەش، كەلكۈن قاتارلىق تەبىئىي ئاپەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتا بولسۇن، ياكى «گالنى بوغىدىغان» ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا بولسۇن، جۇڭگو خەلقى قىيىنچىلىققا پىسەنت قىلماي ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا بەل قويۇۋەتمەي، دادىل كۈرەش قىلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى مۆجىزىلەرنى ياراتتى. يېڭى مۇساپىدە، ھەربىر ئادەم باش رولچى. تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، دەۋرنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، باشتىن- ئاخىر دۆلەتنىڭ ئىگىسىگە خاس قىياپەت بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ قىزغىن ئەمەلىيىتىگە ئاتلىنىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆز خىزمەت ئورنىمىزدا جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، يېڭىلىق يارىتىپ- ئىجاد قىلساق، بىز ھەربىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى قوشۇلۇپ توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرەلەيمىز، ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز.
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا، خەلققە بەخت يارىتىشنى قىممەت مەقسىتى قىلىپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىشتا چىڭ تۇردۇق. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارارى»دا «ئەمگەكچىلەرنىڭ مائاشىنى بېكىتىش، مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش، بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» «جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى خادىملارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش» قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باشتىن- ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئورۇنداپ، ئورتاق بېيىشقا تۈرتكە بولۇشنى كۆزلەپ، كەڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ئەمگەكچى ئاممىنىڭ بەخت- سائادىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئاشۇرۇشى كېرەك. ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتكۈل خەلقنى تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش، سەمىمىي ئەمگەك قىلىش، ئىجادىي ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىنتىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ئىجاد قىلىش ئارقىلىق يېڭى دەۋرگە قۇچاق ئېچىپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يېڭى شانلىق نەتىجە يارىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. ئىلگىرىكىگە نەزەر سالساق، پارتىيە ۋە خەلق بىرلىكتە تىرىشىپ، بىرلىكتە ئىشلەپ، نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەل، خەۋپ- خەتەر ۋە توسالغۇلارنى يەڭگەن. جۇڭگو تەرەققىياتتا باشتىن- ئاخىر ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشقا تايانغان، ئەزەلدىن ھېچكىمنىڭ ئىلتىپاتىغا تايانمىغان! كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۈز مىليونلىغان خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلسا، ھەرقانداق قىيىنچىلىق بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى)