سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدە پۇرسەتنى ئىگىلەش، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشتە، جەزمەن ئاساسىي نەزەرىيە، ئۇسۇل، قورال قاتارلىق جەھەتلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. ئۇل تەتقىقاتنى سىجىل كۈچەيتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆزەك، ئۇل يۇمشاق دېتال قاتارلىق يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۆز ئالدىغا تىزگىنلىگىلى بولىدىغان، ماسلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغان سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئۇل يۇمشاق- قاتتىق دېتال سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق پەن تەتقىقات ئۆلچەملىك شەكىل ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردە پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.
— 2025- يىلى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 20- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇشۇنداق تەكىتلىدى