− شىنجاڭ ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئاددىي تەسۋىرى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى جيانى
4- ئاينىڭ 28- كۈنى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭدىن 38 كىشى شەرەپ بىلەن مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى نامىغا ئېرىشتى، 14 كىشى شەرەپ بىلەن مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى نامىغا ئېرىشتى.
ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تارىخىي يۆگىمە كىتابتا، ئەمگەكچىلەر ئاددىي قەدەملىرى بىلەن كەلگۈسىگە تۇتىشىدىغان نۇرغۇن ئۈمىد يوللىرىنى ئاچتى. بۈگۈنكى كۈندە، تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھەلەردە، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى كۆپلەپ بارلىققا كەلدى، ئۇلار ئارىسىدا مۇتەخەسسىسلەر، ئىنژېنېرلار، شۇنداقلا خېرىدارلار مۇلازىمەتچىسى، ئامانلىق ساقلىغۇچىلار بار... ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردىن كەلگەن بۇ ئەمگەكچىلەر ئاددىي ئىش ئورنىدا ئاجايىپ نەتىجىلەرنى يارىتىپ، «ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ ئالىيجاناب، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل» دېگەن دەۋر چىن مەنىسىنى جانلىق ئىزاھلىدى.
ئەمگەك گۈزەل تۇرمۇش ياراتتى
قولىدا مېۋىلەرنى كۆتۈرۈپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان شىنجاڭلىقلار، ئېشەككە مىنگەن ئەپەندىم، ناننى ئەسلىي تىپ قىلغان يۈرۈشلۈك توڭلاتقۇ چاپلاقلىرى... 4- ئاينىڭ 29- كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارغا جايلاشقان شىنلۇڭيى ئىشخانىسىدا، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان، رەڭگى ئوچۇق، شەكلى ئەينەن ياسالغان يۇمشاق ساپال ۋە لاتا قورچاق قاتارلىق سەنئەت بۇيۇملىرى ساياھەتچىلەرنى بەس- بەستە قەدىمىنى توختىتىپ ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى.
بۇ يىل 54 ياشقا كىرگەن جاڭ خۇڭ شىنلۇڭيى ئىشخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان، يۇمشاق ساپال ۋە خېمىر ھەيكەل ياساش ھۈنىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئۇ بۇنىڭغا چوڭقۇر قىزىقىپ، بۇ ئىككى تۈرلۈك ھۈنەرنى ئۆگىنىشكە باشلىدى ھەم ئۇنى لاتا قورچاق ياساش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە نۇرغۇن لاتا قورچاق ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئىجاد قىلدى.
«مەن بىر جۈپ قولۇم ئارقىلىق ئۆزۈمگە خاس بەختلىك تۇرمۇش يارىتىشنى ئويلايمەن.» جاڭ خۇڭ بارماق تىلى ئارقىلىق مۇنداق بىلدۈردى: تىۋىشسىز دۇنيادا شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە ئۆزگىچە قول ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئىجاد قىلىش ھەم رىقابەتكە تولغان، ھەم ئەھمىيەتلىك بىر ئىش.
ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جاڭ خۇڭنىڭ يەنە بىر ئارزۇسى بار − ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياسىغۇچىلار قاتارىغا قوشۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش. ھازىرغا قەدەر ئۇ، بۇ ھۈنەر ئارقىلىق 100دىن ئارتۇق مېيىپ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
بەخت تۇرمۇشتا نامايان بولىدۇ، تۇرمۇش ئەمگەكتە داۋام ئېتىدۇ.
بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتنىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئاجارگۈل قاينۇللا خىزمەت ئورنىغا قايتىپ، داۋاملىق مۈلۈك ئىگىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى.
«مەن بۇ شەرەپنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئۆز خىزمەت ئورنۇمدا رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرىمەن»، دېدى ئاجارگۈل قاينۇللا.
ئاجارگۈل قاينۇللا ئىلگىرى ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) ماجياجۇاڭزى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قوشۇمچە ياچېيكا ھەيئىتى، نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرى، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، ھازىر ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى جيەنتوۋ ئۆي- جاي مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى.
ماجياجۇاڭزى كەنتىدە، ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ خاس باقمىچىلىق جەمئىيىتى قۇرۇپ، ئائىلە ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 9000 يۈەن ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىرىنچى سېپىدە، ئۇ سودا بازىرى تۈرىنى ئىلتىماس قىلدى، يېزا- كەنت ساياھىتىنى راۋاجلاندۇردى؛ ئۆي- جاي مۇلازىمىتى ئىش ئورنىدا، ئۇ چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن مۈلۈك ئىگىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى... 20 يىلدىن بۇيان، ئۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئىزاھلىدى.
ئەمگەك يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىي قىلىشقا كۈچ قوشتى
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ئەمگەكچى ئاممىنى تۆھپە قوشۇش- نەتىجە يارىتىش، يېڭىلىق يارىتىش- ئىجاد قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
باھاردىكى شىنجاڭدا، ئېتىز باشلىرىدا تېرىقچىلىق تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا ئىدى، ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى... ھەممە جايدا ھاياتىي كۈچكە تولغان ئەمگەك مەنزىرىسى نامايان بولۇپ تۇراتتى.
5- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى يۇڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ سېخىدا، جۇ كەيلى دائىملىق تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىدى. جۇ كەيلى بۇ شىركەتنىڭ يۇڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى بولۇپ، زاۋۇتتا ئىشلىگەن 31 يىلدىن بۇيان، ئېگىرىش ئىشچىسىدىن تەدرىجىي ھالدا تېخنىك، سېخ مۇدىرى، مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى بولۇپ يېتىشىپ چىقتى، يەنە «جۇ كەيلى ھۈنەرۋەنلەر يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى»نى قۇرۇپ، ئەنئەنىۋى يۇڭ توقۇمىچىلىق ساھەسىدە «رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش»تىكى ئىزدەنگۈچى بولۇپ قالدى.
«ھۈنەرۋەنلەر يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئالدىنقى سەپ بازىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى خىزمەتچىلەرنى يېتىشتۈرىدىغان بۆشۈك.» جۇ كەيلى مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىدە يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك تېز كۆپىيىپ مەيدانغا كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە يەرگە كۆمىلىدىغان سۇ ساندۇقىدىكى سۇيۇقلۇق ئورنىنى بىۋاسىتە كۆرۈپ تىزگىنلەش قۇرۇلمىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.
«ئەتراپىمدىكى ياش ئىشچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگۈنۈمدە، شىركەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۈرتكىسىدە جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگۈنۈمدە، قەلبىم ئىپتىخارلىققا تولىدۇ»، دېدى جۇ كەيلى.
تىيانشان تېغىنى تېشىپ ئۆتىدىغان تونېل قۇرۇلۇشىدىمۇ ئوخشاشلا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ جۇشقۇن سىيماسى نامايان بولماقتا.
2024- يىلى 12- ئاينىڭ 30- كۈنى سائەت 11دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە، دۇنيا بويىچە ياسىلىۋاتقان ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تونېلى − G0711 لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى- لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىكى تىيانشان غالىبىيەت تونېلى تۇتاشتۇرۇلدى.
تىيانشان غالىبىيەت تونېلىدا ئۈچ ئۆڭكۈر قېزىش ھۈنەر- سەنئىتى قوللىنىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا يول باشلاش تەشمىسىنى قېزىشتا TBM غايەت زور تىپتىكى قاتتىق تاش قېزىش ماشىنىسى تېخنىكا تىرىكى قىلىنغان، بۇ، مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تونېلى قۇرۇلۇشىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش. TBM غايەت زور تىپتىكى قاتتىق تاش قېزىش ماشىنىسى قېزىش جەريانىدا، ئەينى چاغدىكى تىيانشان غالىبىيەت تونېلىنىڭ چىقىش ئېغىزى ئۇچى TBM بىۋاسىتە قاراشلىق ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى فەن زېرۇي ھەر كۈنى تونېلنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە خىزمەت قىلدى، بەش يىلدا، ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدە سۇ ئېتىلىپ چىقىش، قورشىما تاغ جىنسلىرىنى پارچىلاش قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، TBM غايەت زور تىپتىكى قاتتىق تاش قېزىش ماشىنىسىنىڭ تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ ئاز- ئازدىن قېزىپ ئىلگىرىلىشىنى ئالغا سىلجىتتى.
4- ئاينىڭ 30- كۈنى، تىيانشان غالىبىيەت تونېلى تۇتاشتۇرۇلۇپ تۆت ئاي ئۆتتى، فەن زېرۇي تۇرۇشلۇق چىقىش ئېغىزى ئۇچى TBM بىۋاسىتە قاراشلىق ئەترىتى باشقا ئەترەتلەر بىلەن قوشۇۋېتىلىپ، تونېلنى «نەپىس بېزەش»نى باشلىدى، «ئىشىنىمەنكى، ئۇزاق ئۆتمەي، كۆپچىلىك ئاپتوموبىل ھەيدەپ تىيانشان تېغىنى كېسىپ ئۆتكەندە تونېلنىڭ رەڭدار قىياپىتىنى كۆرەلەيدۇ»، دېدى فەن زېرۇي.
«ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تىيانشان تېغىنى تېشىپ ئۆتۈش جاسارىتى ۋە ئىشەنچىگە ئىگە بولدۇق.» فەن زېرۇي مۇنداق دېدى: ئون نەچچە يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ھازىر تېخىمۇ ئىلغار ئۈسكۈنە ۋە ھۈنەر- سەنئەتكە ئىگە بولغان بولساقمۇ، بىراق تىيانشان تېغىنى تېشىپ ئۆتۈش قۇرۇلۇشىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى تۆۋەنلىگىنى يوق، بەش يىل جەريانىدا تونېل قۇرۇلۇشىدا ئېھتىياجقا قاراپ تەييارلانغان ھەر خىل ئۈسكۈنە، تېخنىكىلار ئارقىلىق بىز تونېلنى تۇتاشتۇرۇشتىكى غەلىبىنى ئاخىر كۆردۇق.
ئەمگەك ئىتتىپاقلىق كۈچلىرىنى مۇجەسسەملىدى
ۋاقىت توختىماي ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ، ئىش ئورنى ئۆزگەرمىدى، ئەسلىي مەقسەت ئۆزگەرمىدى.
ئەمدىلا شەرەپ بىلەن مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى نامىغا ئېرىشكەن تۇردى ئوسمان ھاياجېنىنى باسالماي قالدى، ئۇ مۇنداق دېدى: شەرەپ ئۆتمۈشنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك، تېخىمۇ مۇھىمى كېيىنكى ئىشلارغا ھەيدەكچىلىك قىلغانلىق.
ئاتۇش شەھىرىنىڭ تۈگۈرمىتى يېزىسىدىكى دېھقان چېگرا قوغدىغۇچى تۇردى ئوسمان 20 يېشىدا «كۈچ ئۇلاش كالتىكى»نى ئۆتكۈزۈۋالغان بولۇپ، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشى «ئۆمۈر بويى بىر ئىشنى قىلىش، دۆلەت ئۈچۈن چېگرا رايوننى قوغداش» ئېتىقادىغا ئەمەل قىلىپ، چېگرانى 34 يىل چىڭ ساقلىدى. قاتناش قولايسىز ئەھۋالدا، ئۇ ئاتقا مىنىپ، ئىتىنى ئەگەشتۈرۈپ، بوران- چاپقۇنغا قارىماي، چېگرادا پولاتتەك مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلدى.
تۇردى ئوسماننىڭ چىڭ تۇرۇشى دادىسىنىڭ ئۈلگە بولۇشىدىن كەلگەن. كىچىك چاغلىرىدا، ئۇ بىر قېتىملىق كېچىلىك چارلاشتا بۆرە توپىغا ئۇچراپ قالىدۇ، ۋەھىمە ئىچىدە ئۇنىڭدا ئارقىغا چېكىنىش ئويى تۇغۇلىدۇ. دادىسى كۆيۈۋاتقان قوي تېرىسى بىلەن بۆرە توپىنى قوغلايدۇ ھەم ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «بالام، بىز شەرەپلىك چېگرا قوغدىغۇچىلار، ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمىز قالسىمۇ چېگرا لىنىيەسىدە قېلىشىمىز كېرەك.» بۇ سۆز ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ئېتىقادى بولۇپ قالدى.
بۈگۈنكى كۈندە، تۇردى ئوسماننىڭ ئوغلىمۇ ئاتا- بوۋىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ چېگرا قوغداش قوشۇنىغا قاتناشتى. بۇ روھقا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئۆيىدە چېگرانى قوغداش قىزىل مۇزېيى قۇرۇپ، ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ شەرىپى ۋە چېگرانى چارلاش بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلدى، 12 ياشلىق قىزىمۇ كىچىك چۈشەندۈرگۈچى بولۇپ، كىشىلەرگە ئائىلىسىنىڭ چېگرانى قوغداش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.
«ئۆمۈر بويى بىرلا ئىشنى قىلىمەن، ۋەتەن ئۈچۈن چېگرانى ياخشى قوغدايمەن.» تۇردى ئوسمان ئائىلىسىدىكىلەر ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋەتەنگە بولغان سادىقلىقىنى ئىزاھلىماقتا. ئۇلارنىڭ ھېكايىسى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بۇ تۇپراقنى قوغداشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.
چېگرا لىنىيەسىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشتا، ماكانىنى قوغداشتا چىڭ تۇرغانلىق ھېكايىلىرىدىن تەكلىماكان قۇملۇقى بويىدىكى قۇم تىزگىنلىگۈچىلەرنىڭ قۇم- بوراندىن قورقماي، ئورتاق بىر نىشان ئۈچۈن قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگىچە. ئەمگەك خۇددى شەكىلسىز رىشتىگە ئوخشاش قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاددىي بولغان چىڭ ساقلاش ۋە جان تىكىپ ئېلىشىشنى مۇجەسسەملەپ، كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان دەۋر مېلودىيەسىگە ئايلاندۇردى.
4- ئاينىڭ 30- كۈنى، شۆ جيې خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە پات ئارىدا باشلىنىدىغان دالىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشلىرىغا تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ھەر يىلى 4- ئايدىن 10- ئايغىچە، ئۇلار «ھالاكەت دېڭىزى» دەپ ئاتىلىدىغان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ ھاۋارايى، كۆچمە قۇم، يەرئاستى سۈيىنىڭ سۇ ئورنى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى بىرىنچى قول سانلىق مەلۇماتلارنى توپلايدۇ.
شۆ جيې جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، چىرا قۇم تەتقىقات پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى. دوكتورلۇقنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ چىرا قۇملۇق تەتقىقات پونكىتىدا قېلىشنى تاللاپ، شىنجاڭدا چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش، چۆل ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى پەن- تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.
«بىز بىرنەچچە ئەۋلاد قۇم تىزگىنلىگۈچىلەرنىڭ چىڭ ساقلىشى ۋە نەتىجىسىگە گۇۋاھ بولدۇق.» شۆ جيې مۇنداق دېدى: بۇلتۇر تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى بويىچە بوش قالغان رايوندا گىرۋەكنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىق توغرىسىدىكى خەۋەر ماڭا نىسبەتەن زور ئىلھام بولدى. ئۇ مۇنداق قارىدى: قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇم تىزگىنلەشتە ئاممىنىڭ قۇم تىزگىنلەشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى سىجىل قوزغىتىپ، كۆكەرتىش بىلەن بېيىشنى تەڭ تۇتۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
بىر ئۈلۈش ئەجىر قىلغاندا بىر ئۈلۈش نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ يىل «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. ئىلگىرىلەش يولىغا نەزەر سالساق، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار پىلان تەدرىجىي يېيىلماقتا. ئىشنى پۇختا قىلىپ، تىرىشچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن ئەمگەك قىلغاندىلا، بۇ ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىگە قالتىس سەھىپە قوشۇلۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ قالتىس سەھىپىسى پۈتۈپ چىقىلىدۇ.