بارلىق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا توختىماي كۈرەش قىلغۇچىلارغا ئالقىش ياڭرىتايلى
11:18:15 2025-05-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

«شىنجاڭ گېزىتى» ئوبزورچىسى

بىر جۈپ قول قىممەت يارىتىدۇ، كۈرەش قىلىش دەۋرگە تەبىر بېرىدۇ. بۇ يىل جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا «14- بەش يىل» تاماملىنىدىغان، «15- بەش يىل» پىلانلىنىدىغان ئاچقۇچلۇق يىل. بۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە يىلدا «1- ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى تەبرىكلەندى، ئەمگەكنىڭ شان- شەرىپى ئادەتتىن تاشقىرى كۆزنى قاماشتۇردى، كۈرەشنىڭ كۈچلۈك ساداسى قەلبلەرنى لەرزىگە سالدى.

بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ شۇ ئەۋلاد كىشىلەرگە خاس كۈرىشى بولىدۇ، بىر دەۋرنىڭ شۇ دەۋرگە خاس مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جەزمەن دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى ۋە كەڭ ئەمگەكچى ئاممىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كەڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ھەر مىللەت ئەمگەكچى ئاممىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا تۆھپە قوشۇش- نەتىجە يارىتىش، يېڭىلىق يارىتىش- ئىجاد قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

گۈل ئەجىر قىلغانلىقتىن پورەكلەپ ئېچىلىدۇ، ئىشلار جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلغانلىقتىن راۋاج تاپىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ئىشچىلار سىنىپى ۋە ھەر مىللەت ئەمگەكچى ئامما يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، ئەستايىدىللىق بىلەن جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىنى نامايان قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. بىز شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان بارلىق ئەمگەكچىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز، توختىماي ئارزۇغا ئىنتىلىۋاتقان بارلىق كۈرەش قىلغۇچىلارنى ئالقىشلايمىز.

يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتە، دەۋر يۆگىمە رەسىمى بىزنىڭ كۈرەش قىلىشنى قەلەم، جاپالىق ئەجىرنى سىياھ قىلىپ، قەلەم تەۋرىتىپ يېڭى كۈرەش سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشىمىزنى تېخىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. پۈتۈن شىنجاڭدىكى كەڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ھەر مىللەت ئەمگەكچى ئامما «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم غايە- ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئۆز غايىسىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ئىرادىدىن قايتماي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشى كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىدا يىلتىز تارتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك. ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ھەقىقىي تۈردە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ قاتناشقۇچىلىرى، كۈرەش قىلغۇچىلىرى، تۆھپىكارلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاممىسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، كەڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە ھەر مىللەت ئەمگەكچى ئاممىنىڭ بەخت- سائادىتىنى پۇختا ئاشۇرۇپ، بىلىم تىپىدىكى، ماھارەت تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئەمگەكچىلەر چوڭ قوشۇنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ ئالىيجاناب، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل دېگەن جەمئىيەت كەيپىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭ ئەمگەكچىلىرىنىڭ ھېكايىسىنى جانلىق ياخشى سۆزلەپ، پاكىت ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ يالغان- ياۋىداق سۆزلىرىنى، بىمەنە سەپسەتىلىرىنى ئېچىپ تاشلاش كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى مەركەز قىلغان خىزمەت يۆنىلىشى ۋە سىياسىيلىق، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىق ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېتەكلەش كۈچى، تەشكىللەش كۈچى، مۇلازىمەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

بەرپا قىلىپ بۇ مەنزىرىنى ياشلىقى- زېھنى بىلەن، پۈتتى دۇنيا ئىشىنى مىڭ مۇشەققەتلەر بىلەن. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، كۈرەش قىلىپ تۆھپە قوشۇپ، ئىجاد قىلىش ئارقىلىق يېڭى دەۋرگە قۇچاق ئېچىپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يېڭى شانلىق نەتىجە يارىتىپ، تېخىمۇ قالتىس بولغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ چىقايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125