ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى ئارىپوف بىلەن كۆرۈشتى
11:32:05 2025-05-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

4- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە جۇڭگو شىنجاڭ − ئۆزبېكىستان ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىشىش- ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلگەن ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى ئارىپوف بىلەن كۆرۈشتى.  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 4- ئاينىڭ 30- كۈنى ئۈرۈمچىدە جۇڭگو شىنجاڭ − ئۆزبېكىستان ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىشىش- ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلگەن ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى ئارىپوف بىلەن كۆرۈشتى، ئۇلار جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش- ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنىڭ پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئورتاق پىلانلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ئارىپوفنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۆمەك باشلاپ جۇڭگو شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغانلىقىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بۇلتۇر زۇڭتۇڭ مىرزىيويېف بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو- ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنى يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. بولۇپمۇ جۇڭگو- قىرغىزىستان- ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈرىدە رەسمىي قۇرۇلۇش باشلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ يەرلىكلەر ئارا ئەمەلىي ھەمكارلىق ئاساسى پۇختا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد- سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا ئورتاق تۈرتكە بولۇشتا پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، قول تۇتۇشۇپ نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ تېز يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو- ئۆزبېكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا ئورتاق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. دىققەتنى سودا ساھەسىدىكى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۈك تىرانسپورت يوللىرىنى كېڭەيتىپ، تاشقى سودا كارخانىلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، سودا ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مەملىكەت سىرتى ئامبىرىنىڭ ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا كۆلىمىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. دىققەتنى ئېنېرگىيە بايلىقى ساھەسىدىكى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق قېزىلما بايلىق ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىدە بىر- بىرىنى تولۇقلاشنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ چوڭ- چوڭ يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرىنىڭ ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى ئۇل ئەسلىھە ساھەسىدىكى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق يول تىرانسپورت تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، پائال ماسلىشىپ جۇڭگو- قىرغىزىستان- ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈرى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، خاس زىرائەتلەرنى تېرىش، پىششىقلاش قاتارلىق كەسىپلەشكەن تۈرلەرنى يولغا قويۇش كېرەك. دىققەتنى مائارىپ، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا بېرىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، خاس ساياھەت لىنىيەسىنى ئورتاق ئېچىش كېرەك.

ئارىپوف مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۆزبېكىستان- جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ ھەم يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقنىڭ يېڭى ئۈلگىسىگە ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۆزبېكىستان- جۇڭگو سودىسىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئاكتىپ بولدى، شىنجاڭ بۇنىڭدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ. ئۆزبېكىستان جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ياخشى ھەمكارلىق ئاساسىنى پۇختىلاپ، قول تۇتۇشۇپ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئورتاق زەربە بېرىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش رامكىسىدا نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پائال ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت سودىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى ۋە مەملىكەت سىرتى ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى پائال پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك كۆرگەزمە- يەرمەنكە سۇپىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش تېخنىكىسى ۋە ئۇرۇقچىلىق ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆزبېكىستان جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى قاتلام- دەرىجىلىكلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش ۋە ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇش، ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ماكانلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۆزبېكىستان تەرەپ ياخشى شارائىت يارىتىپ، جۇڭگو شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ ئۆزبېكىستاندا مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ئۆزبېكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھەم ئالاقىدار تارماقلار، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە كارخانا ۋەكىللىرى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ شى، شەھەرلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە شىنجاڭ كارخانا ۋەكىللىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125