24 كىشى يېڭى دەۋردىكى ياش ئاۋانگارتلار تەقدىرنامىسىگە ئېرىشتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يەن شياۋتيەن، پىراكتىكانت لىن شياڭچېڭ) 4- ئاينىڭ 30- كۈنى، 4- ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى 29- نۆۋەتلىك جۇڭگو ياشلار 4- ماي مېدالىنى تارقاتتى، شىنجاڭدىن بىر شەخس، ئىككى كوللېكتىپ تەقدىرلەندى؛ 677 نەپەر يولداشقا 2025- يىللىق يېڭى دەۋردىكى ياش ئاۋانگارتلار مۇكاپاتى بېرىلدى، شىنجاڭدىن 24 كىشى تەقدىرلەندى.
جۇڭگو ياشلار 4- ماي مېدالىغا ئېرىشكۈچىلەر ئايرىم- ئايرىم ھالدا شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى دولانتى چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن ساقچىخانا باشلىقى ئاسىلبېك، دۆلەت باج باش ئىدارىسى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ ياشلار كوللېكتىپى، ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىدىن ئىبارەت.
ئاسىلبېك 11 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3000 مېتىر كېلىدىغان، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلسىيە گىرادۇس بولغان قازان دەرياسى چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتىدا چىڭ تۇردى. 11 يىلدا، ئۇنىڭ قەدەم ئىزلىرى چېگرا لىنىيەسىدىكى ھەربىر جىلغا، ھەربىر تاغ- ئېدىرلارنى قاپلىدى، مەشىق ئايىغى ۋە ئۇرۇش ئۆتىكىدىن 26 جۈپىنى يىرتىپ بولدى، چارلىغان مۇساپىسى 120 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى، ئىسسىق قېنى ۋە ساداقىتى بىلەن چېگرادا ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان مۇداپىئە لىنىيەسى بەرپا قىلدى. ئاسىلبېك مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ شەرەپ ماڭىلا مەنسۇپ ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى ۋەتەن چېگراسىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئىش ئورنىدا ئۈن- تىنسىز نۇر چېچىپ تۇرۇۋاتقان سانسىزلىغان چېگرا قوغدىغۇچى ياشلارغا مەنسۇپ. يېڭى دەۋردىكى ياش خەلق ساقچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، <ئۆمۈر بويى بىرلا ئىشنى قىلىمەن، ۋەتەن ئۈچۈن چېگرانى قوغدايمەن> دېگەن قەسىمىمنى ئىرادەمدىن يانماي ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىسسىق قېنىم ئارقىلىق ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى قوغدايمەن».
شىنجاڭدىن 24 شەخسكە يېڭى دەۋر ياش ئاۋانگارتلىرى تەقدىرنامىسى بېرىلدى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) سىياسىي ۋەزىيەت خەۋەرلىرى بۆلۈمى نۇقتىلىق خەۋەر قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى، ئالىي مۇخبىر لى ياڭ تەقدىرلەشكە ئېرىشتى.
تەقدىرلەنگەن ياشلار ۋە ياشلار كوللېكتىپلىرى يېڭى دەۋردىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ياشلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرى ۋە ئاۋانگارت كۈچلەر، ئۇلار پارتىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يېشىل تەرەققىيات، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردە تىرىشىپ باشلامچى ۋە جەڭگىۋار قوشۇن بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «پارتىيە خاتىرجەم بولۇڭ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا مەن بار» دېگەن ياشلىق قەسىمىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغان ياشلىق سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتمەكتە.