رەقەملەشتۈرۈپ ساقلاش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئىزدەش، بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش
شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرى تورغا چىقىرىلدى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن جياڭ) ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، 5- ئاينىڭ 1- كۈنى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) بەرپا قىلغان، 270 مىڭ پارچە قىممەتلىك تارىخىي سۈرەت توپلانغان شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرى (/https://tpk.xjmty.com) رەسمىي تورغا چىقىرىلدى.
شىنجاڭدىكى تۇنجى رەقەملەشتۈرۈپ ساقلاش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئىزدەش، بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش بىر گەۋدىلەشكەن كۆرۈش سېزىمى بايلىق سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرى ھەم شىنجاڭدىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تىپ ئۆزگەرتىشىدىكى ئابىدە، شۇنداقلا تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا كۈچ قوشۇشىدىكى جانلىق ئەمەلىيەت بولۇپ، شىنجاڭ سۈرەت بايلىقىنىڭ «ئارخىپتا پېچەتلەپ ساقلىنىش»تىن «بۇلۇت تېرمىنالىدا ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش»قا يۈزلىنىپ، چېچىلىپ تۇرغان قىممەتلىك خام ماتېرىياللارنىڭ يېڭى ھاياتلىققا قايتا ئېرىشىپ، مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدىغان، ھەمبەھرىلەنگىلى بولىدىغان، سودىلاشقىلى بولىدىغان رەقەملىك مۈلۈككە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورگان گېزىتى، نەشر قىلىنغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلىرى خاتىرىلەنگەن زور مىقداردىكى قىممەتلىك تارىخىي سۈرەتلەرنى توپلىدى. سارغىيىپ كەتكەن نېگاتىۋدىكى قاينام- تاشقىنلىق يىللاردىن يېڭى دەۋردىكى رەقەملىك سۈرەتلەردىكى ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل تاغ- دەريالارغىچە، شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرىنىڭ سۈرەت بايلىقى سىياسىي، ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەم نۇرغۇن ئوخشاش ئورۇن، كۆپ مەزگىللىك سېلىشتۇرما سۈرەت ماتېرىياللىرى بار، ھەم ھەر مىللەت ئامما ۋە ئاددىي ئەمگەكچىلەر باش پېرسوناژ بولغان زور مىقداردىكى ئاخبارات سۈرەتلىرى بار، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندىكىسى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغان بولۇپ، بىرقەدەر يۇقىرى تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە.
بۇ قىممەتلىك سۈرەتلەرنى قوغداش ۋە قېزىش ئۈچۈن، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) قىممەتلىك تارىخىي سۈرەتلەرنىڭ نېگاتىۋىنى رەقەملەشتۈرۈپ ساۋمياۋ قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈردى ۋە ئۇچۇرلىرىنى ئىزاھلىدى، رەقەملىك سۈرەتلەرگە قارىتا قايتىدىن ئۇچۇر ئىزاھاتى بەردى ۋە تۈرگە ئايرىدى، ساقلاش، باشقۇرۇش، كۆرگەزمە قىلىش، نەشر ھوقۇقى سودىسى ئىقتىدارى بىر گەۋدىلەشكەن شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرى سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقتى، سۈرەت بايلىقىنى رەقەملەشتۈرۈپ، سىستېمىلاشتۇرۇپ، قۇرۇلمىلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنى ئىزدەپ تېپىش، كۆرۈش، سېتىۋېلىش ۋە چۈشۈرۈپ ئىشلىتىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ ئامبار باشقۇرۇش» ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىنغان بولۇپ، كەڭ فوتوگرافلارنى ئەسەر كۆرگەزمە قىلىش، كەسپىي جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش، نەشر ھوقۇقى جەھەتتە ھەمكارلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بۇ يىل ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە بىلەن قول تۇتۇشۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە يۈزبەرگەن شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئاخبارات تەشۋىقاتى، كىتاب نەشر قىلىش ۋە تۈرلۈك كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە نەشر ھوقۇقى ھەمكارلىقىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، قىممەتلىك سۈرەت بايلىقىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ كۆپ ساھەدە ئىشلىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
نۆۋەتتە، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرى تۈرىنىڭ 2- قارارى، تارىخىي گېزىت- ژۇرنال ئامبىرى، ئۈن- سىن ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ تىللىق، كۆپ مودېللىق ھالەتتىكى سانلىق مەلۇمات مۈلكى تىجارەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، مەزمۇننى سانلىق مەلۇماتلاشتۇرۇش، سانلىق مەلۇماتنى مۈلۈكلەشتۈرۈش، مۈلۈكنى قىممەتكە ئىگە قىلىشنى تېز ئىشقا ئاشۇرماقتا. سۇپا پۈتكەندىن كېيىن، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى)دا ساقلىنىۋاتقان 700 مىڭ پارچە ئەلا سۈپەتلىك سۈرەت بايلىقى ۋە تەخمىنەن 1 مىليون 200 مىڭ بەتلىك تارىخىي گېزىت- ژۇرنال بايلىقى رەقەملەشكەن شەكىلدە مەڭگۈلۈك ساقلىنىدۇ ھەم ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان «ۋېنجياڭ» AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق گەۋدە سۇپىسىغا تايىنىپ، كۆپ مودېللىق ھالەتتىكى مەزمۇن مەھسۇلات ئىجادىيىتى قاتارلىق ئىقتىدارلارنى چوڭقۇر قېزىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى سىجىل يېتىلدۈرىدۇ.