روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خىسلەتنى ساقلاپ، چىن قەلبتىن مۇلازىمەت قىلىمىز
12:08:48 2025-05-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە، ئىختىيارىي مۇخبىرلار گو شۆمېي، جېن لىمىن

4- ئاينىڭ 28- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھەم مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. كۆپچىلىك بەس- بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنىمىزغا قويۇپ، ئەمگەك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز كۈچىمىزنى قوشىمىز.

«خەلق سارىيىدا تەقدىرلىنىش مېنىڭ كەسپىي ھاياتىمدىكى شانلىق پەيت، تېخىمۇ مۇھىمى مېنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.» مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش باش پونكىتى ئۆسۈملۈك ئاسراش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى فۇ ۋېنجۈن مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە داۋاملىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ ئۆزگىچە كىلىماتى ۋە تۇپراق شارائىتىغا قارىتا، كېسەللىك ۋە ھاشارات ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بويىچە تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىستېمىسىغا تايىنىپ، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېتىز- ئېرىق باشلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، پەن- تېخنىكا ئارقىلىق ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىمەن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى مەركەز قىلغان خىزمەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاممىسىغا چىن قەلبتىن مۇلازىمەت قىلىش، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى پائال قوغداپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاممىسىغا چىن قەلبتىن مۇلازىمەت قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە يار- يۆلەك بولۇش، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى دېموكراتىك باشقۇرۇشقا قاتنىشىشقا تەشكىللەش، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ئەمگەك مۇناسىۋىتى بويىچە ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بىرقەدەر ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.» تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر ئاقىقات بەيسېرىك مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، «جۇڭگو ئىشچىلار چوڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرسى» «ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ھۈنەرۋەنلەر مەكتەپلەرگە كىرىش» قاتارلىق ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، «ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى لوڭقىسى» ماھارەت مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، كەسپىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىلىم تىپىدىكى، ماھارەت تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى تېخىمۇ كۆپ سانائەت ئىشچىلىرىنى يېتىشتۈرىمىز.

«بۇ قېتىمقى تەقدىرلىنىش ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەم ئېتىراپ قىلىنىش، تېخىمۇ مۇھىمى مەسئۇلىيەت.» مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ساغانچېكە يېزىسى موخورسۇم كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەنچىمىك مۇنداق دېدى: بۇ بىرقانچە يىلدا، كەنتتە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىردى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنى تومپايدى، «كەلگۈسىدە مەن ئۆزۈمنىڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق جەھەتتىكى تېخنىكا ئەۋزەللىكىمنى ئىلگىرىكىدەكلا جارى قىلدۇرۇپ، قەرەللىك ھالدا ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە كۈچ قوشىمەن».

ئابدۇللا مەتتۇرسۇن قاراماي لۈچېڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى، ئۇنىڭ زاۋۇتقا كىرگىنىگە ئۈچ يىل بولغان. «زاۋۇتتىكى ئۇستاملارنىڭ يېتەكلىشى ۋە تۈرلۈك تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلىنىش ئارقىلىق نەزەر دائىرەم كېڭەيدى، ماھارىتىم ئۆستى، ئۆزۈمنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىمنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئەتراپىمدىكى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە تېخنىكا ماھىرلىرىغا توغرىلىنىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، خىزمەت ئورنۇمدا رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرىمەن» دېدى ئۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

«مەن بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى، بۇ بىر جۈملە سۆز ئەمگەكچىلەرنى قەدىرلەش ۋە مەدھىيەلەش بولدى، تېخىمۇ مۇھىمى مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە ئادەم تەربىيەلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» مەملىكەتلىك ئىلغار خىزمەتچى، مارالبېشى ناھىيەلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى لو كەي مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى مائارىپ خىزمىتىدە، ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە داۋاملىق يىلتىز تارتىپ، پۇختا كەسپىي بىلىمىم، تولۇپ تاشقان خىزمەت قىزغىنلىقىم بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا ئىلىم ئۆگىتىپ، گۇمانىي مەسىلىلەرنى يېشىپ بېرىمەن، «بۇنىڭدىن كېيىن مەن ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى دەرسخانىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۈلگىلەرنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش، ئەمەلىيەت ئوقۇتۇشىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى توغرا بولغان ئەمگەك قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەيمەن».

«<ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ ئالىيجاناب، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل>، باش شۇجىنىڭ سۆزى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان بولۇپ، مېنى كۈچلۈك ئىلھاملاندۇردى.» دۆلەت ئېلېكتىر تورى خوتەن توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى توك يەتكۈزۈش بويىچە يۈرۈشۈشنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى ئابلەت سەمەت مۇنداق دېدى: مەن خىزمەت قىلىۋاتقان 220 كىلوۋولتلۇق گۇەنجىڭ تىرانسفورموتور پونكىتى خوتەن شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى يەتتە يېزا- بازارغا مۇقىم توك يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ھەر قېتىمقى توك لىنىيەسىنى چارلاش تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ چىرىغىنى قوغدىغانلىق.

«تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە قۇم- بوران كۆپ چىقىدۇ، تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، توك لىنىيەسى ئۈسكۈنىلىرى قاتتىق سىناققا دۇچ كېلىدۇ، لېكىن قانچىكى جاپالىق بولغانسېرى، خىزمەتنى شۇنچە ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەش كېرەك.» ئابلەت مۇنداق دېدى: يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن داۋاملىق بىرىنچى سەپتە يىلتىز تارتىپ، ئەمگىكىم ئارقىلىق خوتەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125