ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، شىنجاڭ ئاشلىقتا «ھوسۇلنى كۆپەيتىش، ئامبارنى كۆپەيتىش، زاپاسنى كۆپەيتىش» بويىچە ھەمتۈرتكىلىك ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن ئاشلىق يىغىپ ساقلاش ئامبار سىغىمچانلىقىنى 600 مىڭ توننىدىن كۆپرەك ئاشۇرۇپ، ئاشلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئۇزاق مەزگىللىك ئېھتىياجنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشنى پىلانلىغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئاشلىقتا «ھوسۇلنى كۆپەيتىش، ئامبارنى كۆپەيتىش، زاپاسنى كۆپەيتىش» بويىچە ھەمتۈرتكىلىك ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق ھوسۇلى، كىرىمى يىلمۇيىل ئاشقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئاشلىق زاپاس ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاشلىقنى يىغىۋالىدىغان ئادەم بولۇش، ساقلايدىغان ئامبار بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلار «ئاشلىق تېرىپ ساتالايدىغان بولۇش»تىن ئىبارەت تۆۋەن چەكنى ساقلىدى. بۇ يىل، بۇلتۇرقى خىزمەتلەر ئاساسىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇشنى تەڭشەش چارىسىنى تۈزۈپ، ئاشلىق- ياغ ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى قوغداش ۋە ئەنگە ئېلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زاپاس ئاشلىقنى سېتىۋېلىشنى تەڭشەشتىكى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ جانلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان بازار تەڭشەش- تىزگىنلەش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.
ھوسۇلنى كۆپەيتىش، ئامبارنى كۆپەيتىش، زاپاسنى كۆپەيتىش ھەمتۈرتكىلىكىنىڭ تېخىمۇ زىچ بولۇشى ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش تارماقلىرى ئاشلىقنى ئامباردا ساقلاش ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما مەدىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى قولغا كەلتۈرىدۇ؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى مېخانىزمىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاشلىقنى زاپاس ساقلاش ئۇل ئەسلىھە تۈرىنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، قۇرۇلۇشقا سىجىل تۈرتكە بولىدۇ؛ شىنجاڭدا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزاق بولۇشتەك بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ «يېڭى ئېنېرگىيە + يېشىل ئاشلىق ساقلاش» يورۇقلۇق ۋولتلۇق ھاۋا تەڭشىگۈچ ئارقىلىق تېمپېراتۇرىنى تىزگىنلەش تەجرىبىسىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، يېشىل ئاشلىق ساقلاش تېخنىكىسىنى توپلاشتۇرۇپ قوللىنىپ، يېشىل ئاشلىق ساقلاش ۋە تېجەش، زىياننى ئازايتىش خىزمىتىدە سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش، يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.