تۈمەن چاقىرىمغا تۇتاشقان داغدام يول
10:54:10 2025-05-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

4- ئاينىڭ ئاخىرى، G30 ليەنيۈنگاڭ- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىڭشىڭشيا- تۇيۇق بۆلىكىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلدى، قۇرۇلۇشچىلار قۇرۇلۇش مۇددىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يىل ئاخىرىدا قاتناش باشلاش نىشانىغا قاراپ ئاتلاندى، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بۆلىكىدە تۆت ئاپتوموبىل يولى سەككىز ئاپتوموبىل يولىغا ئۆزگەرتىلىدۇ.

بۇ، شىنجاڭ قاتناش- تىرانسپورت ئىشلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغانلىقىنىڭ بىر ئىخچام كۆرۈنۈشى.

ئاددىي توپا يولدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە تۇتاشتۇرۇلۇشىغىچە؛ ئىشىكتىن چىقىپلا لاي- توپىغا دەسسەشتىن، قاتتىقلاشتۇرۇلغان يوللارنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە ياسىلىشىغىچە؛ پىيادە مېڭىش، ئېشەك ھارۋىسىغا تايىنىپ سەپەرگە چىقىشتىن، ئىشىكتىن چىقىپلا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇشقىچە... 70 يىلدىن بۇيان، قاينام- تاشقىنلىققا تولغان شىنجاڭنىڭ قاتناش- تىرانسپورت مەنزىرىسى تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇب- شىمالىدا تەدرىجىي يېيىلدى. 2024- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 230 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، بارلىق يېزا- بازار ۋە شارائىتى ھازىرلانغان ئىشتاتلىق كەنتلەرگىچە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇلۇپ ۋە يولۇچىلار ئاپتوموبىلى قاتناپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى. بۇ يىل، شىنجاڭ تاشيول قاتنىشىغا 80 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك (1- دەرىجىلىك) يولنى 13 مىڭ كىلومېتىردىن كۆپرەككە يەتكۈزۈش، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى 8000 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.

بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستقا يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۇتاشتۇرۇلدى

4- ئاينىڭ 26- كۈنى، ۋۇ چاۋخۇي ئاپتوموبىل ھەيدەپ خېجىڭ ناھىيەسى بالغۇنتاي بازىرىدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا چىقىپ، كورلىغا قاراپ ماڭدى. «ھازىر يول بويى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ماڭىمىز، ئاپتوموبىل ھەيدەشكە كېتىدىغان ۋاقىت قىسقىراپلا قالماي، يول ئەھۋالى ياخشىلاندى، ئايلىنىپ مېڭىشنىڭ ھاجىتى يوق»، دېدى ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا.

يېقىندا، G0711 لىنىيەسى ئۈرۈمچى- لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ بالغۇنتاي- كورلا بۆلىكىدە قاتناش باشلاندى، بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول خېجىڭ ناھىيەسى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى، كورلا شەھىرى، لوپنور ناھىيەسىنى تۇتاشتۇرىدىغان بولۇپ، بالغۇنتاي بازىرىدىن كورلا شەھىرىگە بارىدىغان قاتناش ۋاقتى ئەسلىدىكى ئىككى سائەت 30 مىنۇتتىن بىر سائەت 10 مىنۇت ئەتراپىغا قىسقاردى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بالغۇنتاي بازىرىدىن ئۆتىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بولمىغاچقا، سىرت بىلەن ئالاقىلىشىشتا ئاساسلىقى دۆلەت يولىغا تايىنىلاتتى. قوش يۆنىلىشلىك ئىككى ئاپتوموبىل يولى بار يول تاغلار ئارىسىدا ئەگرى ـ بۈگرى سوزۇلۇپ تۇراتتى، قىسمەن يول بۆلەكلىرىنىڭ يول ئەھۋالى ناچار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يولدا ئاپتوموبىللار كۆپرەك بولغاچقا، ئاسانلا قاتناش قىستاڭچىلىقى كۆرۈلەتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، بالغۇنتاي- كورلا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلىنىپلا قالماي، دۆلەت يولى 218- لىنىيەسى نارات- بالغۇنتاي تاشيولى، S12 ئىدىقۇت (تۇرپان) - توقسۇن - بالغۇنتاي تاشيولىدىمۇ جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ، بالغۇنتاي بازىرى تەدرىجىي تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنىگە ئايلىنىدۇ.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، شىنجاڭنىڭ تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى ئاران 3361 كىلومېتىر ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يول ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، كۆپىنچىسى ئاددىي توپا يول ئىدى، ناچار ھاۋارايى كۆرۈلسىلا قاتنىغىلى بولمايتتى.

يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، شىنجاڭنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش- چىقىشنى تېزلىتىش، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى راۋانلاشتۇرۇش، چېگرادىن كىرىش- چىقىشنى بىرلەشتۈرۈش»تە زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ شىمال- ئوتتۇرا- جەنۇبتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ لىنىيەسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، جۇڭغار ئويمانلىقى، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن ئىككى چوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك (1- دەرىجىلىك) ئايلانما لىنىيە يولى ئومۇميۈزلۈك پۈتتى، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرگە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۇتاشتۇرۇلدى، تىيانشان تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپىغا سەككىز ئاپتوموبىل يولىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تۇتاشتۇرۇلدى، شىنجاڭ بويىچە ناھىيە، شەھەرلەرگە يۇقىرى سۈرئەتلىك (1- دەرىجىلىك) يولنى تۇتاشتۇرۇش نىسبىتى %94تىن ئاشتى.

شىنجاڭدا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇش دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىپ، ۋۇ چاۋخۇيغا ئوخشاش، ھەر مىللەت ئامما قاتناش- تىرانسپورت ئىشلىرى تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن قولايلىقتىن بەھرىلەندى.

يېزا تاشيولى ئىشىك ئالدىغا كەلدى

چاقىلىق ناھىيەسى ئۇتام يېزىسىدا، كەڭ كەتكەن C049 تاشيولى يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن دۆلەت يولى 315- لىنىيەسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، يولدا ئۇياق- بۇياققا قاتناۋاتقان ئاپتوموبىللار ئۈزۈلمەيدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بۇ يول تار بولغاچقا، قاتناش تەس ئىدى، ئىككى ئاپتوموبىل ئۆتۈشكەندە ئېھتىيات بىلەن بىر- بىرىگە يول بېرىشكە توغرا كېلەتتى، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە قاتناش قىستاڭچىلىقى ئادەتتىكى ئىش ئىدى.

كەنت ئاھالىسى ئادىلجان ئالىم بىر ئايلانما يولنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئەسلىگەچ مۇنداق دېدى: «بىر قېتىم كېچىدە ئاپتوموبىل بىلەن چىلان توشۇغاندا، قارشى تەرەپتىن كەلگەن ئاپتوموبىل يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى ياندۇرۇۋالغاچقا، مەن يول بېرىمەن دەپ ئۇدۇللا ياندىكى دەرەخلىككە كىرىپ كەتتىم، بەختكە يارىشا ئۆزۈمگە ھېچ ئىش بولمىدى، لېكىن ئاپتوموبىلدىكى چىلاننىڭ ھەممىسى يەرگە چېچىلىپ كەتتى».

2023- يىلى، چاقىلىق ناھىيەسى بۇ يولنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتتى، بۈگۈنكى كۈندە، يول كەڭ ھەم تەكشى بولۇپ، ئاپتوموبىللار توسۇلۇپ قېلىش ئەھۋالى قايتا كۆرۈلمەيدىغان بولدى.

يېزا تاشيولى قاپلاش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاھالە ئەڭ كۆپ، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان قاتناش ئۇل ئەسلىھەسى. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ يېزا تاشيول تورى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتى، بارلىق يېزا- بازار ۋە شارائىت ھازىرلىغان ئىشتاتلىق كەنتلەرگە قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ناھىيە بازىرىنى مەركەز، يېزا- بازارلارنى تۈگۈن، ئىشتاتلىق كەنتلەرنى تور نۇقتىسى قىلغان يېزا تاشيول تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، يېزا تاشيوللىرىنى يېزا- كەنتلەرگە تۇتاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ھەتتا دېھقانلارنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە باردى.

يېزا تاشيوللىرى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېڭى قۇۋۋەت قوشۇپ، ئاممىنىڭ بېيىش يولى، بەخت يولى، ئىتتىپاقلىق يولىغا ئايلاندى.

بۈگۈنكى كۈندە، ھەر ھەپتە ئاخىرىدا، C049 تاشيولىنىڭ ئىككى ياقىسى رەتلىك تىزىلغان يايما بىلەن توشۇپ كېتىدۇ. 30 نەچچە دېھقاننىڭ كىچىك يايمىسىغا ئەمدىلا ئۈزۈلگەن شاختا قۇرۇتقان چىلان، يەرلىك خاس ئۇششاق يېمەكلىكلەر لىققىدە تىزىلىدۇ.

چاقىلىق ناھىيەسى ئۇتام يېزىسى يۇلغۇنئېرىق كەنتىنىڭ ئاھالىسى شاۋ شيۇجۈن ئۆز ھويلىسىدا «شياۋنۈەن ئائىلىۋى مېھمانخانىسى» ئاچقانىدى، ھەپتە ئاخىرىدا، تەرەپ- تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلار بۇ يەردە تاماق يەيدۇ. «باي بولۇش ئۈچۈن ئاۋۋال يول ياساش كېرەك، ئىشىك ئالدىمىزدىلا راۋان تاشيول بار، سودىمىزنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن غەم قىلمايمىز»، دېدى ئۇ.

ئىشىكتىن چىقىپلا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش رېئاللىققا ئايلاندى

20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدا، قۇربان تاغىنىڭ «ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىشى» توغرىسىدىكى ھېكايە تىللاردا داستان بولۇپ قالغانىدى. ئۇزاق يىللار داۋامىدا، شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى ئېشەك ھارۋىسىدىن ئايرىلالمايتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش شەكلى تۈپتىن ئۆزگەردى، ھەرقايسى يېزا- بازار ۋە ئىشتاتلىق كەنتلەرگە يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ قاتناش نىسبىتى %100كە يېتىپ، «سىرتقا تۇتاشقان، ئىچكى جەھەتتە باغلانغان، يېزا ـ كەنتلەرگە تۇتاشقان، نۆۋەتچى ئاپتوموبىل كەنتلەرگە بارىدىغان، بىخەتەر، قولايلىق، ئازادە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان» قاتناش- تىرانسپورت مۇلازىمەت تورى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىپ، كەڭ دېھقان- چارۋىچىلار ئاممىۋى قاتناش شەكلىدىكى قولايلىق سەپەرگە چىقىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىلەندى.

«ئىلگىرى شەھەرگە بېرىپ ئۇرۇق سېتىۋالماقچى، تاللا بازىرى ئايلانماقچى بولساق، چوڭ- كىچىك سومكىلارنى كۆتۈرۈپ كەنت ئېغىزىدىكى بېكەتكە قاراپ مېڭىشقا توغرا كېلەتتى، ئەگەر نۆۋەتچى ئاپتوموبىل كېتىپ قالسا، يەنە ئاپتاپتا ساقلاپ تۇرۇشقا توغرا كېلەتتى، ئاپتاپتا كۆيۈپ كېتەتتۇق»، دېدى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى شىجىر بازىرى ئالمىلىق كەنتىنىڭ ئاھالىسى ۋاڭ شيا ئىلگىرىكى ئاپتوموبىل ساقلاش كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەپ.

2024- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا 1- دەرىجىلىك يولۇچىلار بېكىتىدىن ئۈچى، يېزا- بازارلىق يولۇچى توشۇش بېكىتىدىن 82سى، يېزا يولۇچى توشۇش نۆۋەتچى ئاپتوموبىل لىنىيەسىدىن 386سى، تىجارەت ئاپتوموبىلىدىن 851ى بار بولۇپ، بارلىق ئىشتاتلىق كەنتلەرگە قاتناپ، دېھقانلار ئىشىكتىن چىقىپلا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرالايدىغان تۇرمۇشقا ئېرىشتى.

بۇنىڭدىن سىرت، سانجى ئوبلاستى بۇلتۇر يەنە سانجى- گۇچۇڭ، سانجى- مورى، سانجى- جىمىسار، سانجى- قۇتۇبى، سانجى- ماناس قاتارلىق ئون زاكازلىق يولۇچى توشۇش نۆۋەتچى ئاپتوموبىل لىنىيەسىنى ئېچىپ، تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىدە تىجارەت قىلىشنى يولغا قويدى، يولۇچىلار ئېھتىياجىغا ئاساسەن خاسلاشقان سەپەرگە چىقىش مۇلازىمىتىنى زاكاز قىلسا بولىدۇ، يان تېلېفوندا يولغا چىقىش ۋاقتى، يولغا چىقىدىغان ئورۇن، يېتىپ بارىدىغان ئورۇن، ئولتۇرىدىغان ئورۇننى تاللىغىلى بولىدۇ. ئاپتوموبىل ئىشىك ئالدىغا بېرىپ يولۇچىلارنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن يولۇچىلارنى مەنزىلىگە يەتكۈزۈپ قويىدۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشىدا «نۇقتىدىن نۇقتىغا» بېرىش، مۇلازىمەتتە «ئىشىك ئالدىدىن ئىشىك ئالدىغا يەتكۈزۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«يان تېلېفوندا زاكاز چۈشۈرسەم، شوپۇر ئۇستام ئۇدۇل ئىشىك ئالدىمىزغا ئالغىلى كەلدى، ئازادە- راھەت ھالدا مېنى سودا ساراينىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئۇدۇل يەتكۈزۈپ قويدى، نەرسە- كېرەكلەرنى سېتىۋېلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە ياردەملىشىپ ئاپتوموبىلغا سېلىشىپ بەردى، مېنى ئۆيۈمگە ئەكېلىپ قويدى»، دېدى ۋاڭ شيا.

«ماڭغىلى بولۇش»تىن «ياخشى مېڭىش»قىچە، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ماڭغانسېرى پۇختىلاندى، گىرەلىشىپ كەتكەن تاشيوللار شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىگە داۋاملىق گۇۋاھ بولماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125