ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭنىڭ دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1- پەسىلدە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 6861 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %7.3 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە %7.2 ئەمەلىي ئاشقان.
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى ئاھالىلەر كىرىم- چىقىمىنى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى خۇاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: «1- پەسىلدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ باشلىنىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى ۋە ئىستېمال چىقىمىنىڭ تەكشى، مۇقىم ئېشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى».
شەھەر- يېزىلارغا ئايرىپ قارىغاندا، شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 11 مىڭ 282 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %6 ئاشتى، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، %5.8 ئەمەلىي ئاشتى؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 2619 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %7.7 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە %8.2 ئەمەلىي ئاشقان. يېزا ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ نامدا ئېشىش سۈرئىتى ۋە ئەمەلىي ئېشىش سۈرئىتى شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا 1.7 ۋە 2.4 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان.
كىرىم مەنبەسىدىن ئايرىپ قارىغاندا، مائاش خاراكتېرلىك كىرىم ۋە يۆتكىمە ساپ كىرىم ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تىرەك بولىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولغان. 1- پەسىلدە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش خاراكتېرلىك كىرىمى 4076 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %6.8 ئاشقان، شەھەر- بازار ئاھالىلىرى ۋە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش خاراكتېرلىك كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا نامدا %5.5 ۋە %7 ئاشقان. ئاپتونوم رايون بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يۆتكىمە ساپ كىرىمى 1618 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %9 ئاشقان، شەھەر- بازار ئاھالىلىرى ۋە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يۆتكىمە ساپ كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا نامدا %7.5 ۋە %10.3 ئاشقان. ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ياكى دەم ئېلىش، پېنسىيە پۇلى نامدا %6.8 ئاشقان؛ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ تەسىرىدە، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش پۇلى ۋە ياردەم پۇل، سىياسەت خاراكتېرلىك تۇرمۇش ياردەم پۇلى ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش نەق پۇل ياردەم پۇلىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ياردەم پۇلىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا نامدا %11.4 ئاشقان.
تىجارەت ساپ كىرىمى ۋە مال- مۈلۈك ساپ كىرىمى ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان. 1- پەسىلدە باھار بايرىمىدا ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشى ۋە مەدەنىيەت- ساياھەت بازىرىنىڭ سىجىل ئاۋات بولۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە تىجارەت ساپ كىرىمى 912 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %7.2 ئاشقان. شەھەر- بازار ئاھالىلىرى ۋە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە تىجارەت ساپ كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا نامدا %7 ۋە %6 ئاشقان. باھار بايرىمىدا ساياھەتكە چىققانلارنىڭ كۆپىيىشى، يېزا- كەنت ساياھەت تىجارەت پائالىيىتىنىڭ بىرقەدەر ياخشى يېتەكلىشىدە، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ 3- كەسىپتىن قىلغان ئوتتۇرىچە تىجارەت ساپ كىرىمى نامدا %14.5 ئاشقان.
1- پەسىلدە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستېمال چىقىمى 5838 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %6.8 ئاشقان. شەھەر- يېزىلارغا ئايرىپ قارىغاندا، شەھەر- بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستېمال چىقىمى 8030 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %5.9 ئاشقان؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىستېمال چىقىمى 3734 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %7 ئاشقان.