سىياسەتتە يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپ ھالىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق كۈچ قوشۇش −
دەم ئېلىش كۈنلىرىدە شىنجاڭنىڭ ئىستېمال بازىرى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى
5- ئاينىڭ 1- كۈنى، ساياھەتچىلەر باغراش ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان باغراش كۆلى مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلماقتا. «1- ماي»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بۇ مەنزىرە رايونى مول بولغان سۇ ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى بەس- بەستە كېلىشكە جەلپ قىلدى. نيەن لېي فوتوسى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي
100 نەچچە مەيدان پائالىيەت، 100 مىليون يۈەن دەرىجىلىك ئىستېمال بېلىتى، ۋاڭخۇڭ كەچلىك بازارنىڭ قايتا قوزغىتىلىشى، تۇنجى دۇكاندا مودا مەھسۇلاتلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىشى... «1- ماي»لىق بۇ دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر بىلەن بىرلىشىپ، بىر تۈركۈم خاس ئىستېمال ھالىتى ھەم ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، ھەرقايسى جايلاردىكى سودا چەمبىرەكلىرى ئادەملەر بىلەن لىق تولدى، ھەرقايسى چوڭ سودا سارايلىرى خېرىدارلار يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچى ئومۇميۈزلۈك قويۇپ بېرىلدى.
سىياسەت بىرىكمە تەدبىرى كۆپەيتكۈچى تەسىر ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇردى
5- ئاينىڭ 2- كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزى، 13- نۆۋەتلىك شىنجاڭ 1- ماي خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات» نامايان بولدى.
ئالتاي شەھىرى ئاھالىسى جۇمات ئوزات مەخسۇس ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئاپتوموبىلنى تاللاپ سېتىۋالدى، «بۇ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا تۈرلۈك ياردەم پۇلى قوشۇلغاندىن كېيىن 40 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئېتىبار بېرىلدى، سىياسەت پايدىسى ھەقىقىي تۈردە ئىستېمال ئەمەلىي پايدىسىغا ئايلاندۇرۇلۇپتۇ»، دېدى ئۇ.
بۇ نۆۋەتلىك ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى بەش كۈن داۋاملىشىدۇ، ئالدىنقى قاتاردىكى 60تىن ئارتۇق داڭلىق ماركىلىق 1000غا يېقىن ئاپتوموبىل تىپى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىنغان بولۇپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىل، شېرىكلەشكەن شىركەت ئاپتوموبىلى ۋە ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق پۈتۈن ساھەنى قاپلىغان. كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلار «ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە مەخسۇس بەھرىمەن بولۇش باھاسى»نى يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇل سىياسىتى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى رايون، ناھىيەنىڭ يانداش سىياسەتلىرىنى گىرەلەشتۈرۈپ، «ئۈچ خىل ئېتىبار بېرىش» گىرەلىشىش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈردى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 5- ئاينىڭ 1- كۈنىلا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىنى كۆرگەن ئادەم سانى 30 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن، نەق مەيداندا پۈتۈشۈلگەن زاكاز 2632 بولغان.
«1- ماي»دىكى ئىستېمال ئاۋات مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر سىياسەت ئېلان قىلىپ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈردى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئىستېمال بېلىتى كۆپەيتكۈچى ئۈنۈم قويۇپ بەردى.
گۇما ناھىيەسى سودا ساراي، تاللا بازارلاردىكى تۈرلۈك ماللار، يېمەك- ئىچمەك قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، 2 مىليون يۈەنلىك ئىستېمال بېلىتى تارقىتىپ، ئىستېمال ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. «200 يۈەنگە توشسا 100 يۈەن ئېتىبار قىلىنىدىغان ئىستېمال بېلىتىدىن ئىككىنى ئىشلىتىپ، بىۋاسىتە 200 يۈەن تېجەپ قالدىم، تېجەپ قالغان پۇلغا يەنە كىيىم سېتىۋالالايمەن»، دېدى گۇما ناھىيەسى ئاھالىسى سادەتگۈل ئابدۇقادىر.
دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى «1- ماي» ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى ھەم خاس مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىسىنى يولغا قويدى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تۇنجى نۆۋەتلىك «Go 嗨 بايىنغولىن ئوبلاستى» مال سېتىۋېلىش بايرىمى ئۆتكۈزدى، ئاقسۇ ۋىلايىتى 10 مىليون يۈەنلىك مالىيە ياردەم پۇلى تارقاتتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى تاش ئالما چېچەك پەسلىدە 200 مىڭ يۈەنلىك پۇل بېلىتى تارقاتتى، توقسۇن ناھىيەسى «1- ماي» شادلىق مال سېتىۋېلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، تۇرمۇش مۇلازىمىتى، ئىستىراھەت- كۆڭۈل ئېچىش، مەززىلىك تائاملار، يېمەك- ئىچمەك قاتارلىق كۆپ ساھەنى قاپلىغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سۇپىسى بەرپا قىلدى. سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭ بويىچە تور ۋە تور سىرتىدا بىرلىكتە كۈچەپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ھاياتىي كۈچى تېز ئۇرغۇتۇلدى.
تۇنجى دۇكان ئىقتىسادى ئىستېمال يەر بەلگىسىنى قايتا بەرپا قىلدى
5- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئۈرۈمچى ۋۇيۆ مەيدانى چاۋۋەن جىخې دۇكىنى «X11» ئىشىكى ئالدىدا، 95- يىللاردا تۇغۇلغان ئىستېمالچىلار ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتكەنىدى، چەكلىك نۇسخىدىكى جىجيا مودېلىنىڭ سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، تۇنجى دۇكان ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك ماگنىت كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.
«تۇنجى دۇكان ئىستېمال يېڭى يەر بەلگىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شەھەرنىڭ مودېلىق دەرىجىسىنىڭ يۆنىلىش بەلگىسى»، دېدى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى بۇھەجەر ئابلا.
بۇ دەم ئېلىش مەزگىلىدە، 2025- يىللىق شىنجاڭ تۇنجى يارىتىش يېڭى پەسلىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى، پائالىيەت پۈتۈن شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق سودا چەمبىرەكلىرى ۋە باشلامچى كارخانىلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، تۇنجى دۇكان سۈپەتلىك ماركىلىرى، تۇنجى يارىتىلغان يېڭى مەھسۇلاتلارنى كىرگۈزگەن بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن- تېخنىكا، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مودا ئويۇنلىرى، مودا يېمەك- ئىچمەك قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ، تۇنجى دۇكان، تۇنجى يارىتىش، تۇنجى كۆرسىتىش، تۇنجى كۆرگەزمىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدا ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
پائالىيەتنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۇنجى نۆۋەتلىك قەھۋە بولكىسى بايرىمى ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى جىڭكەي ۋەندا مەيدانىدا باشلاندى، يەرلىك ھەم دۆلەت ئىچىدىكى 30دىن ئارتۇق داڭلىق ماركا توپلىنىپ، قەھۋە پۇرچىقىنى تېتىپ باھالاش، ئۆز قولى بىلەن دەملەپ ھېس قىلىش، ئىجادىي قاقلاپ پىشۇرۇش قاتارلىق ھەمتۈرتكىلىك تۈرلەر ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى.
«تۇنجى دۇكاندىكى ھېس قىلىش تۇيغۇسى ياخشى بولىدىكەن، مودا ئېقىمغا ماسلىشىپتۇ، تېخىمۇ كۆپ تۇنجى دۇكاننىڭ شىنجاڭغا كىرگۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن»، دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى لى شياۋ.
جۇخەي ۋەندا سودا باشقۇرۇش گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى چېڭشى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لۇڭ شياڭئەن مۇنداق تونۇشتۇردى: ۋەندا شىنجاڭغا كىرگۈزگەن سۈپەتلىك ماركا 330دىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزى تاللاپ يەيدىغان جىبۇلۇ كالا قوۋۇرغىسى ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، پەننى ئىتالىيە چۆپى قاتارلىق 92 ئۈلگىلىك سۈپەتلىك ماركا ۋەندانى «شىنجاڭغا كىرىشتىكى تۇنجى بېكەت» قىلىپ تاللىدى.
تۇنجى يارىتىش ئىقتىسادى ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم موتور. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى قاتارلىق تارماقلار «تۇنجى دۇكان، تۇنجى يارىتىش ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، داڭلىق سۈپەتلىك ماركىلىق تۇنجى دۇكانلارنى كىرگۈزۈشنى قوللاش قاتارلىق 11 تۈرلۈك قوللاش تەدبىرى ۋە بەش تۈرلۈك تۈزۈم كاپالىتى تەدبىرىنى ئايدىڭلاشتۇرغان بولۇپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق سۈپەتلىك ماركىلارنى كىرگۈزۈشنى تېزلىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ رايون ئىستېمال بايلىقى توپلاشقان جاي بەرپا قىلىدۇ.
كېچىلىك ئىقتىساد مەدەنىيەت نام كارتىسىنى جۇلالاندۇردى
رەڭگارەڭ چىراغلار يېقىلىشى بىلەن، ئۈرۈمچى دېخۇي ۋەندا مەيدانىدىكى سۈيسەن شىڭگۇاڭ كەچلىك بازىرى قاينام- تاشقىنلىق كەيپىياتقا تولدى. سودىگەر سۈن جيانىڭ كۆمۈردە قاقلاپ پىشۇرغان مۇلى قۇلۇلىسى يايمىسى ئالدىدا خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى: «بىر سائەتتە 200 تەخسىدىن ئارتۇق مۇلى قۇلۇلىسى ساتتىم، ئىككى سائەتتىلا مال تولۇقلىمىسام بولمىدى».
«1- ماي»لىق دەم ئېلىش ھارپىسىدا، شىنجاڭ بويىچە «يىپەك يولى كەچلىك زىياپىتى . جەلپكار شىنجاڭ» كېچىلىك ئىقتىساد پائالىيىتى ماس قەدەمدە باشلاندى.
14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە نەچچە ئون خاس كەچلىك بازار ئېچىلدى، سانجى ئۇششاق يېمەكلىكلەر كوچىسى، خوتەن كەچلىك بازىرى قاتارلىق جايلاردا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى مەززىلىك تائاملىرى بىلەن خەلق ئۆرپ- ئادىتى ئويۇنلىرى ئۇچرىشىپ ئىستېمال يېڭى ئۇچقۇنىنى چاقناتتى.
نۆۋەتتە، شىنجاڭدا شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى خامبازار كەچلىك بازىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 48 ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كېچىلىك ئىقتىساد بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كوچا رايونى قۇرۇلدى. 2025- يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە قاتناش، بىخەتەرلىك، تازىلىق قاتارلىق يانداش مۇلازىمەتلەر يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كېچىلىك ئىقتىسادنى ماركىلاشتۇرۇش، خاسلاشتۇرۇشقا قاراپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنىدۇ، كېچىلىك ئىقتىساد ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىستېمالنى كېڭەيتىش، مەدەنىيەتنى نامايان قىلىشتىكى مۇھىم موتورغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.
مەدەنىيەت ئارقىلىق كۈچ قوشۇشمۇ دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئىستېمالنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. يېرىم يىلغا يېقىن دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسى 5- ئاينىڭ 1- كۈنى ساياھەتچىلەرگە رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. بۇ قېتىم بازار ئېچىلغاندا، مەنزىرە رايونى ئومۇميۈزلۈك يېڭىلانغان بولۇپ، سىلۇ يوۋشى، ۋۇچيۇڭ . جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن- تېخنىكا سارىيى، يىپەك يولى ئۇچار ئاپتوموبىل جىلغىسى ھەم بالىلار خىيالىي دۇنيا شادلىق باغچىسى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى كەسىپ ھالەتلىرى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، تىجارەت كۆلىمى 260 موغا كېڭەيتىلىپ، ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ مول، كۆپ خىل ئىستېمال تەسىراتى ئېلىپ كەلدى.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسىدە 5- ئاينىڭ 1- كۈنى باغچىغا كىرگەن ئادەم سانى 46 مىڭ 801 ئادەم قېتىمغا، تىجارەت سوممىسى 1 مىليون 60 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.
شىنجاڭ چۇاڭبو مەدەنىيەت- ساياھەت مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ لېي مۇنداق دېدى: «ھېس قىلىش» بۇ يىلقى يادرولۇق ئاچقۇچلۇق سۆز بولدى، تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسى كۆپ كەسىپ ھالىتىنى يۇغۇرۇش، كۆپ باش تېمىلىق پائالىيەت، كۆپ خىل مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش ئارقىلىق، ساياھەتچىلەرنىڭ چۆكۈش شەكلىدە سەيلە- ساياھەت قىلىش تۇيغۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت- ساياھەت ئىستېمالىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ 1- دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى جۇ خېشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «مەدەنىيەت + سودا + ساياھەت»نىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كېچىلىك ئىقتىساد مەيدان- سورۇنلىرىنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ھۈنەر- سەنئىتى، مىللەتلەر ناخشا- ئۇسسۇلى، خاس مەززىلىك تائاملارنى نامايان قىلىدىغان «كۆچمە مۇزېي» قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، «بىر دۇكاندا بىر خاسلىق بولۇش، بىر كوچىدا بىر سۈپەتلىك ماركا بولۇش»تىن ئىبارەت كېچىلىك ئىقتىساد يېڭى ئەندىزىسىنى يېتىلدۈرۈپ، شەھەرنىڭ «ئاۋات مەنزىرىسى»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى يېڭى قۇۋۋەتكە ئايلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما ۋە ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ راھەت، خاتىرجەم، خۇشال كېچىلىك تۇرمۇشنى ھېس قىلىش شارائىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.