شىنجاڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى
10:59:22 2025-05-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، دائىم تۇتۇپ، ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قەلبكە سىڭدۈرۈش، ھەرىكەتتە كۆرسىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

 بىر مەزگىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈش، ئاددىي، ئەمەلىي بولۇش، كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈش، دائىم تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي نەتىجىنى كۆزلەپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىش داۋامىدا ئىنتىزام، قائىدە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قەلبكە سىڭدۈرۈش، ھەرىكەتتە كۆرسىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

 ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈش. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى ئەينەن ئۆگەندى، يەنە ئايرىم- ئايرىم ھالدا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداش، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى يولداش قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلدى، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چوڭقۇر مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ئۆگىنىش ئارقىلىق پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى ئېڭىمىزنى ئۆستۈردۇق، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن پارتىيەۋىلىك ئوزۇقى قوبۇل قىلىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش سىياسىي پەزىلىتىمىزنى تاۋلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىزنى، بۇرچ تۇيغۇمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتتۇق.

 ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۆتكۈزۈپ، كوللېكتىپ ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش- مۇھاكىمە قىلىش، مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلىش، ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمىنى كۆرۈش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە سېلىشتۇرۇش، پۇختا ئىشلەش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئۆگىنىش- تەربىيەسىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەشكە تەربىيەلىدى ۋە يېتەكلىدى. پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىش، ئىستىلنى تاۋلاشنى تۇتاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەلبكە سىڭدۈرۈش، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە يېڭى نەتىجە ھاسىل قىلىش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشتە يېڭى ئۆسۈش بولۇش، ئىستىل ئىقتىدارى جەھەتتە يېڭى يۈكسىلىش بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى- يېزا نازارىتى مەسىلىنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتتى. يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك»ىنى باشقۇرۇش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مەبلىغىنى تۇتۇپ قېلىش، ئىشلىتىۋېلىش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق جازالىدى؛ ھەرقايسى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىلىرىنى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ ساھە سىستېمىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئورتاقلىققا ئىگە مەسىلىلەرنى رەتلەپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشتە ھەرىكەتكە كېلىش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا چاقىردى؛ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش، يېزا ئىگىلىكىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، مەخسۇس تۈر خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈپ، ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى ئاساسىي قاتلامدا جىددىي ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان مەسىلىلەر، ئاممىنىڭ ئويلىغانلىرى، ئارزۇسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «ئامما ئوتتۇرىغا قويۇش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈش، يېپىق ھالقىلىق تۈزىتىش» ئارقىلىق تۈزىتىشنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىش- تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەشكە يېتەكلىدى. مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەنبەسىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش؛ ئاممىنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، سەھىيە- ساغلاملىق ساھەسىدىكى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى، سەھىيە- ساغلاملىق بويىچە نۇقتىلىق خىزمەتلەر، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، دائىم تۇتۇپ، ئۆگىنىشنىڭ سۈپىتى بولۇش، تەكشۈرۈشنىڭ سالمىقى بولۇش، تۈزىتىشنىڭ ئۈنۈمى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق سەھىيە- ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

 سانجى شەھىرى ئوچۇق- ئاشكارا تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «جىشىتۇڭ» مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت سۇپىسىغا تايىنىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىق، ئىلتىماس- تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، «مەسىلىلەرنى توپلاش- تالون يوللاپ ماسلاشتۇرۇش- تالون قوبۇل قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش- پىكىر بېرىش، ئىنكاس قايتۇرۇش»تىن ئىبارەت تۆت قەدەملىك يېپىق ھالقىلىق خىزمەت ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن زەنجىرلىك يېپىق ھالقىلىق مېخانىزم بەرپا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىش تۈرلىرى تىزىملىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ ھوقۇق- مەسئۇلىيەت دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تارماق ھالقىپ ھەمتۈرتكە بولۇپ ئىنكاس قايتۇرۇش، قەرەلىدە بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامما ئىنكاس قىلىش- باھالاش بۆلىكى تەسىس قىلىپ، بېجىرىپ تاماملاش ئەھۋالى ۋە ئاممىنىڭ رازى بولۇش نىسبىتىنى ئۈنۈمنى باھالاشقا كىرگۈزۈپ، شەھەر رەھبەرلىرى چاقىرتىپ سۆزلىشىش، نازارەت قىلىپ بېجىرىش ئارقىلىق ئىلگىرى ساقلانغان مەسئۇلىيەتتىن قېچىش- قۇرۇق تالاش- تارتىش قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى ئاستا بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئىدارە قىلىش ئۈنۈمى ۋە ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئۆستۈردى.

 تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزى مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى كەسپىنى بېجىرىشتە تەكرار ماتېرىيال تاپشۇرۇش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپى ئۇزاق بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، دەرھال تەكشۈرۈپ دەرھال تۈزىتىپ، بىلگەن ھامان تۈزىتىپ، «بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش، توپلاشتۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىش» يېڭى ئەندىزىسىنى يولغا قويدى. «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» سىستېمىسىغا تايىنىپ، بېجىرىش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تارماقلار مەسئۇلىيىتى بويىچە بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ، «ئامما قاتراش»نى «سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىش»قا ئۆزگەرتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئامما تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى شەخسىي تۇرالغۇ قەرز پۇلى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋېلىش كەسپىنى بېجىرىش ئۈچۈن پەقەت بىر قېتىملا قاتراپ، ئاممىنى تېخىمۇ قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەلا مۇلازىمەت كەچۈرمىشى بىلەن تەمىنلىدى.

 لوپنۇر ناھىيەسى ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، دىققەتنى مەھەللىدە ياشانغاندا كۈتۈنۈش ـ يەسلى بايلىقى كەمچىل بولۇش، ئۆي- جاي مۇلازىمىتى كەمچىل بولۇش قاتارلىق «ئاغرىق نۇقتا»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، «لوپنۇر e ئائىلىسى» توردىكى سۇپىغا تايىنىپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس- تەلىپى ۋە «مىكرو ئارزۇ»لىرىنى توپلىدى. « 3 + 1» مەبلەغ توپلاش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق ياراتتى، يەنى ھۆكۈمەت ئازراق تولۇقلاش، ئاھالىلەر ئازراق غەملەش، جەمئىيەت ئازراق ئىئانە قىلىش، مەھەللە ھەمكارلاشقۇچىلىرى جاۋاب قايتۇرۇپ ئازراق تولۇقلاش ئارقىلىق، «پېشقەدەملەر ئاشخانىسى» «چىخاڭ ھاۋالىلىك بېقىش، ھاۋالىلىك باشقۇرۇش» قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىپ، كۆپچىلىككە ئۆگىنىش- تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن يېڭى كەيپىيات، يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125